'شىنجاڭ'غا ياردەم بېرىشمۇ ياكى بايلىقنى ئېلىپ كېتىشمۇ؟

جۇغراپىيە نۇقتسىىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، تۈركىي مىللەتلەر قەۋملىرىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قەدىمىي يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان، ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، تۈركىي تىلدىكى مىللەتلەر ياشاپ كېلىۋاتقان، 1889 - يىلدىن كېيىن خىتاي تەرىپىدىن "شىنجاڭ" دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن " شەرقىي تۈركىستان"، "ئۇيغۇرىستان" دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان، يەر ئۈستى ھەم يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بولغان بۇ زېمىن، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-04-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر دىيارى تارىم ۋادىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدىكى نېفىتلىك.
ئۇيغۇر دىيارى تارىم ۋادىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدىكى نېفىتلىك.
AFP Photo

50 - يىللاردىن كېيىن رايوندا زور تۈركۈمدىكى نېفىت، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، مىس، ئۇران، كوكۇس قاتارلىق يەر ئاستى كان بايلىقلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان بولسا، خىتاي ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان 30 يىلدىن بۇيان رايوندا ئېچىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقان ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ھېسابسىز بولماقتا.

پەقەت خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىدىلا دۇنياغا ئاشكارىلانغان رايوندىكى ئېنېرگىيە بايلىقلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت ئوبيېكتى بولۇۋاتماقتا.

مەسىلەن: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل 4 - ئايدىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدىن ئالدىنقى يىلى بايقالغان كۆمۈر زاپىسى،190 مىليارد توننا بولسا، بۇ يىل يەنە يېڭىدىن 205 مىليارد 800 مىليون توننا كۆمۈر زاپىسى بايقىغان. بۇ يىل 3 - فېۋرالغا قەدەر غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي قىسىمغا يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گاز، 60 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گازنىڭ 70 پىرسەنتى مۇشۇ تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق تەمىنلىنىدىكەن. رايوندىكى كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش ئۈچۈن خىتاي تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ غۇلجىغا تۇتىشىدىغان بۆلىكىدە بۇ يىلدىن باشلاپ رايوننىڭ كۆمۈرلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇشقا باشلىغان. نۆۋەتتە خىتاي لوپنۇرغا بارىدىغان قۇمۇل - لوپنۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە رايوندىكى يەنە بىر زور بايلىق - تۇز بايلىقى خىتاي ئۆلكىلىرىگە پويىز ئارقىلىق توشۇلىدىكەن.

ئەمما، شۇنچە زور بايلىققا ئىگە بولغان بۇ زېمىنىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بۇ 60 يىلدىن بۇيان بارغانچە نامراتلاشقان بولۇپ، 50 - يىللاردا خىتايدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ باي رايونلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان بۇ رايون بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خېلىلا ئارقىدا قالغان. ئۇيغۇر خەلقنىڭ نارازىلىقلىرىمۇ ئېشىپ، "5 - ئاپرېل بارىن ۋەقەسى"، " 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى"، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"گە ئوخشاش نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىشكە باشلىغان.

بولۇپمۇ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ھەم مۇتەخەسسىسلەر رايون ۋەزىيىتى ھەققىدە، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسى ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان رايوندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن يېڭىچە سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەم بۇ يىل 29 - 30 - ئۆكتەبىر كۈنلىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، بېيجىڭدا "شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللاش يىغىنى" ئاچقان ئىدى. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىندا ئاساسى مەسىلە سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنغىنى يەنىلا "رايوندا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قوللاپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش"نى تەلەپ قىلىش بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسىتىدە ماھىيەت جەھەتتىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مۇدىرى ئىلشات ئەپەندى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان، "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتى ماھىيەتتە رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى تېزرەك ئېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشتىن ئىبارەت بۇلاڭچىلىق سىياسىتىدۇر دەپ شەرھىلىدى.

ئىلشات ئەپەندى رايوندىكى بايلىقلارنىڭ بۇ يەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ باياشات ياشىشىغا يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ بايلىقلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتسە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بەلكىم خىتايدىمۇ يۇقىرى ھالەتكە يېتىشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاينىڭ بولسا رايوندىكى بايلىقنى بۇلاش سىياسىتىنى پەردازلاپ" شىنجاڭغا ياردەم بېرىش" دەپ نەيرەڭۋازلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلشات ئەپەندى، نۆۋەتتە "شىنجاڭغا ياردەم" نامى ئاستىدا، بۇ زېمىندىكى بايلىقلارنى ئېچىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئېقىپ كېلىشىنى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېخىمۇ تېزلىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە بىڭتۈەننى كۈچەيتىش ئارقىلىق يەنى قورال كۈچى ۋە تەھدىت ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، بايلىقلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشقا تېخىمۇ قۇلاي شارائىت يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت