ب د ت نىڭ يېڭى باش كاتىپى بان كىمۇن ئەپەندى ئىسلاھاتنى بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن باشلىماقچى

2006-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىغا ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بۇ ئورگاننىڭ ئەڭ چوڭ مەمۇرىي باشلىقى. ئۇ 17 مىڭغا يېقىن خىزمەتچىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ئۈنۈمىنى ۋە خامچوتتىكى بىرنەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق خىراجەتنى ئىدارە قىلىدۇ. يېقىندا كەسپى دىپلومات ۋە تەجرىبىلىك مەمۇرىي ئەمەلدار بان كىمۇن ئەپەندى بۇ ۋەزىپىگە سايلاندى.

بان كىمۇن ئەپەندىنىڭ باش كاتىبلىق سالاھىيىتى 61 ‏- قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇم يىغىنىدا 192 دۆلەت ۋەكىلى تەرىپىدىن ماقۇللاندى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بۇ يىل 7 ‏- ئايدىن باشلاپ باش كاتىب سايلىمى داۋام قىلىۋاتقان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە جەنۇبىي كورىيىلىك بان كىمۇن ئەپەندى 15 ئاۋازنىڭ 12 سىگە ئىگە بولۇپ، ھىندىستانلىق ۋە لاتوۋىيىلىك ئىككىنى نامزاتنى يېڭىپ چىقتى. 9 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە يەنە 14 ئاۋازغا ئېرىشتى. نىزامنامە بۇيىچە 9 ئاۋازغا ئېرىشسە سايلىنالايتتى. بان كىمۇن ئەپەندى 9 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە يەنە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئۇنى باش كاتىبلىق نامزاتىغا كۆرسىتىش ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. 10 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى، بان كىمۇن ئەپەندىنىڭ باش كاتىبلىق سالاھىيىتى 61 ‏- قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇم يىغىنىدا، چاۋاك چېلىش شەكلى ئارقىلىق 192 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى تەرىپىدىن ماقۇللاندى.

بان كىمۇن ئەپەندى 'زۆرۈر بولغاندا مەن چوقۇم مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان كەسكىن قارار چىقىرىمەن' دەپ جاكارلىدى

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ب د ت نىڭ يېڭىدىن سايلانغان 62 ياشلىق باش كاتىپى بان كىمۇن ئەپەندى جەنۇبىي كورىيىدە تۇغۇلغان. 1970 ‏- يىللىرىدا سېئۇل شەھىرىدە ئالى مەكتەپنىڭ دىپلوماتىيە كەسپىدە ئوقۇغان، 1998 ‏- يىلىغىچە ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىننىدى سىياسىي ئىنىستىتوتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋان ئالغان ۋە جەنۇبى كورىيىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلىگەن. ئۇ دېپلوماتىك ئالاقە باغلاش، سىياسەت لايىھىلەش جەھەتلەردە يېتىلگەندىن كېيىن جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتىنىڭ سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك باش مەسلىھەتچىسى، تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرى ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئاۋسترىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. ئەمدى ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق باش كاتىپى كوفى ئاننان ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدا 'بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش خۇددى دارۋازنىڭ قىل ئۈستىدە مېڭىشىغا ئوخشايدىغان خىزمەت' دېگەندە، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەش ئالدىدا تۇرغان ب د ت نىڭ سەككىزىنچى قېتىملىق باش كاتىپى بان كىمۇن ئەپەندى 'زۆرۈر بولغاندا، مەن چوقۇم مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان كەسكىن قارار چىقىرىمەن' دەپ جاكارلىدى.

خىتاي بان كىمۇن ئەپەندىنى 'ئاسىيالىق' دەپ ئالقىشلىغاندا، ئامېرىكا ئۇنى ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك ۋە يېقىن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەت تىكلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، دەپ ئالقىشلىغان

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە 'ب د ت نىڭ يېڭى باش كاتىپى ئاسىيادىن چىقتى، بۇ پۈتۈن ئاسىيانىڭ ئارزۇسى ئىدى. جۇڭگو باشتىن -ئاخىر ئاسىيالىق نامزاتنى قوللاپ كەلمەكتە، يەنە داۋاملىق قوللايدۇ' دەپ جاكارلىغاندا، 'جەنۇبىي كورىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى'نىڭ بۇنىڭدىن يېرىم يىل بۇرۇنقى خەۋىرىدە 'ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرى بان كىمۇننىڭ ب د ت نىڭ باش كاتىب سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالماقتا. ئامېرىكىدىكى پېشقەدەم دېپلوماتلار ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك ۋە يېقىن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەت تىكلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، شىمالى كورىيىنىڭ يادرو كېرزىسى ۋە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىگە دائىر ئەمەلىي مەسىلىلەر بۇيىچە پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغان بان كىمۇن ئەپەندى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق يېقىندىن ھەمكەرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە' دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.

بان كىمۇن ئەپەندى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنى ھازىرقى 15 تىن 25 كە قەدەر كېڭەيتمەكچى

'ئانگۇلا خەۋەرلىرى گېزىتى'نىڭ 19 ‏- دېكابىر كۈنى نيۇيوركتىن خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ئالدا تۇرغان يېڭى باش كاتىپى بان كىمۇن ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭغا يېڭى ئەزا قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بان كىمۇن ئەپەندى بۇنداق ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالغاندا 'بۇ 21 ‏- ئەسىردىكى سىياسىي جۇغراپىيىلىك رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى' دېگەن.

بان كىمۇن ئەپەندى ئۆزى ئېلىپ بارىدىغان ئىسلاھاتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالغاندا 'مەن باش كاتىپلىق ۋەزىپىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەردىن مەسلىھەت ئالىمەن، بۇنىڭدىكى ئورتاقلىقىتن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان چارە ھاسىل بولىدۇ، بۇنداق يېڭى چارە بىلەن ب د ت دا بۇرۇن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەھۋالنى يوق قىلىپ، ئالدى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنى ھازىرقى 15 تىن ئادەتتە رەت قىلىش ھوقۇقى بولمىغان 6 ئەزانى ئۆزئىچىگە ھالدا 25 كە قەدەر كېڭەيتىمەن' دەپ جاكارلىغان. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت