بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئەرەبلەرنىڭ مەسىلىسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1945-يىلى قۇرۇلغان بىر خەلقئارالىق چوڭ تەشكىلات. ئۇنىڭغا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئەزا بولغاندەك، ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئەزا بولۇپ كەلمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئوتتۇرا شەرقتىكى فرانسىيە ھەربىي ئايروپىلانى.  2011-يىلى 17-ئاپرېل.
ئوتتۇرا شەرقتىكى فرانسىيە ھەربىي ئايروپىلانى. 2011-يىلى 17-ئاپرېل.
AFP

ھازىر ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سانى 22 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىن 12 دۆلەت ئاسىياغا، 10 دۆلەت ئافرىقىغا جايلاشقان. ئەرەبلەرمۇ خۇددى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۈشكۈلاتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

مەلۇمكى، ئەرەبلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەڭ مەھكەم باغلىغان نەرسە پەلەستىن مەسىلىسىدۇر. چۈنكى پەلەستىن مەسىلىسى60 يىلدىن بىرى ھەل بولماي كەلگەن بىر مەسىلە. ئەرەبلەر پەلەستىننى ئىسرائىلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا مۇندىن 40-50 يىللار ئىلگىرى قوراللىق ئۇرۇشۇپمۇ كۆردى. پەلەستىن زېمىنىدا قۇرۇلۇۋالغان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلمايمۇ باقتى. ئەمما پەلەستىن مەسىلىسى زادى ھەل بولمىدى. ئەرەبلەر ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلىرىنى پەلەستىن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرالمىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەرەبلەر ئىسرائىلىيىنى پەلەستىن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، پەلەستىننىڭ يېرىمىدا بولسىمۇ پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ بېرىشنى ۋە پەلەستىن دۆلىتى بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلىتى قوشنا بولغان ھالدا تىنچلىق ئىچىدە ئۆتۈشنى سوراپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مۇراجىئەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا ئەرەبلەر ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھمىيەتلىكتۇر.

لوندوندا چىقىدىغان « ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى5-ئۆكتەبىر سانىدا يازغۇچى تارىق ھەمىدنىڭ قەلىمى بىلەن « ئەرەبلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
« بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى چوڭ يىغىنىدا بولۇپ ئۆتكەنلەرنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ تۇردۇم. نۆۋەتتىكى چوڭ يىغىندا ئۈچ كىشىنىڭ نۇتقى دىققىتىمنى تارتتى. ئۇلار: مىسىر رەئىسى دوكتور مۇھەممەد مۇرسى، پەلەستىن رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتەنياھۇلار ئىدى.

دوكتور مۇھەممەد مۇرسى ئۇنتۇلماس، تارىخىي نۇتقىنى سۆزلىگەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىسىرنىڭ دىكتاتورىلىق تۈزۈمىنى مەڭگۈ كەلمەسكە ئەۋەتىۋېتىپ، مىسىردا ھەقىقىي دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى، مىسىردا باشقىلار گۇمان قىلغاندەك دىنىي دۆلەت ئەمەس، بەلكى دېموكراتىك، مەدەنىي دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى، مىسىردىكى مۇسۇلمان، خرىستىئان بارلىق پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقى قوغدىلىدىغان، رادىكاللىققا يول قويماستىن، ئوتتۇراھاللىق ۋە كەڭ قورساقلىق تەرغىب قىلىنىدىغان قانۇنلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. دوكتور مۇرسىنىڭ خىتابى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن يۈزەكى چۈشەنچىلىرىگە تۈزىتىش بەرگەن بولدى. چۈنكى مىسىردا تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، سايلامدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ مەنسۇبى دوكتور مۇھەممەد مۇرسى خەلق تەرىپىدىن مىسىرغا رەئىس بولۇپ سايلانغىنىدا، كىشىلەر مىسىرغا گويا ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن دىنىي ھۆكۈمدارلىققا ياكى ئىراندىكى دىنىي ھاكىمىيەتكە ئوخشايدىغان بىر تۈزۈم كېلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدى. ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ چۈشەنچىلەر ئۆزگىرىشكە ۋە مىسىرنىڭ ئىستىقبالىغا شۇملۇق بىلەن قارىغانلارنىڭ گۇمانى يوققا چىقىشقا باشلىدى. مۇرسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتىكى چوڭ يىغىنىدىكى نۇتقىمۇ كۆپلىگەن سەلبىي كۆز قاراشلارنى ئۆزگەرتىۋەتتى. چۈنكى مۇرسىنىڭ ئىران تەرەپكە قاراپ ئەمەس، بەلكى تۈركىيە تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەممە ياخشى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىسىردا ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مۇرسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سۆزى پەلەستىن ھەققىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ‹بىز پەلەستىنگە ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىمىز، دېگەن دەۋردىن ئۆتۈپ كەتتۇق. بۇ سۆزلەرنى تەكرارلىمايمىز. بىز ئەمدى پەلەستىنگە مۇستەقىل دۆلەت كېرەك دېگەننىلا دەيمىز› دېگەن سۆزلىرى كۆپ قايىل قىلارلىق ئىدى. پەلەستىن رەئىسى مەھمۇد ئابباسمۇ پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇلۇپ، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن دۆلىتىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ئۆتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ نۇتۇق پەلەستىندىكى ھاماسقا ئوخشىغان بەزى تەشكىلاتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىسىمۇ، كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بۇنى قوللايدۇ. چۈنكى پەلەستىن تەشكىلاتلىرى ئىچىدە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلار ۋە قىلمايدىغانلارمۇ بار.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتەنياھۇنىڭ پەلەستىن 3000 يىلدىن بۇرۇنقى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيىنىڭ زېمىنى ئىدى دېگەن دەۋاسى كۆپلىگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۈچۈن غەلىتە تۇيۇلغان دەۋا بولدى. چۈنكى تارىخىي مەنبەلەر داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەلەستىندە قۇرغان دۆلىتى ئاران 70 يىل داۋام قىلغانلىقىنى، ئاندىن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى قوغلاپ چىقىرىلىپ، پەلەستىنگە باشقا مىللەتلەرنىڭ يەرلەشكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. نېتەنياھۇنىڭ يەنە ئوتتۇرا شەرقتە يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولماقچى بولغان بىرلا دۆلەت بار. ئۇ بولسىمۇ ئىران دەپ سۆزلىگەن نۇتقى يەنە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە ئامېرىكا ۋە رۇسىيىدىن قالسا ئەڭ كۈچلۈك يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت تۇرۇپ، نېتەنياھۇ نۇتقىدا بۇنى ھېسابقا قاتمىغان.

ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئەرەبلەرنىڭ مەيلى مۇسۇلمانلىرى، مەيلى خرىستىئانلىرى پۈتۈن يەھۇدىيلارغا دۈشمەن ئەمەس، بەلكى ئۇلار يەھۇدىي قىساسچىلىرىنى يامان كۆرىدۇ.»

تولۇق بەت