خىتاي ب د ت نىڭ ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىكەن

تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقچىلىققا قاشى تۇرۇش يىغىنى جەنۋەدە باشلانغان ئىدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمۇن يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا 'ھازىر دۇنيادا باش كۆتۈرىۋاتقان بۇنداق ئىرقچىلىققا ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى ئىرقىي كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش -- ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىپىسى' دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺏ ﺩ ﺕ ﺳﯧﻜﺮﯨﺘﺎﺭﻯ ﺑﺎﻥ ﻛﯩﻤﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 20 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﯩﯟﺍﺩﺍ ﺋﯧﻠﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ  ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
ﺏ ﺩ ﺕ ﺳﯧﻜﺮﯨﺘﺎﺭﻯ ﺑﺎﻥ ﻛﯩﻤﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 20 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﯩﯟﺍﺩﺍ ﺋﯧﻠﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
AFP Photo

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۋەدىن بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقچىلىققا قاشى تۇرۇش يىغىنىدا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات نۇتۇق سۆزلىگەندە، بىر نەچچە ياۋروپا دۆلەت ۋەكىللىرى يىغىندىن چىقىپ كەتتى. شوتلاندىيىدە چىقىدىغان 'كەچلىك خەۋەر ' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ يىغىننى بايقۇت قىلغان ئىدى.

خىتاي ب د ت نىڭ ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىكەن

خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى سەھىپىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ جەنۋەدە ئېچىۋاتقان ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا، خىتاي ۋەكىلى ئېلېكترونلۇق تېز خەۋەر تور بېتى قۇرغان. خىتاينىڭ بۇ يىغىنغا تەبىر بېرىدىغان تەبىرلىرى ئۈچۈن 'گوگۇل تور بېتى' دە مەخسۇس سەھىپە ئېچىلغان. خىتاي بۇ سەھىپىلەردە ساپلا يىغىننىڭ قاچان ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ۋە خەۋەرلەردىكى ئەخمەدى نىجاتنىڭ بۇ يىغىندا سۆز قىلغانلىقى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىغىننى بايقۇت قىلغانلىقىغا دائىر ئىبارىلەرنىلا پارچىلاپ كۆچۈرۈپ باستى ۋە 'بۇ يىغىن تىللىشىش جېڭى قىلىدىغان يىغىن بولدى' دەپ تەسۋىرلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جىئاڭ يۈ بۈگۈن، ب د ت نىڭ ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ھەققىدىكى باياناتىدا 'مىنىڭ قارىشىمچە، 'ب د ت نىڭ جەنۋەدە ئېچىلغان ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدۇ' دېدى ۋە بۇ باياناتىدا، 'شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى' نىڭ ب د ت تېررورچىلار تىزىملىكىگە ئالغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركستانچىلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىنىڭ مىسىر، پەلەستىن، ئىسرائىلىيە، سۈرىيە ۋە رۇسىيىلەرنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى.

ئەخمەدى نىجات سۆزلىگەندە 40 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى يىغىندىن چىقىپ كەتكەن

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، ئەخمەدى نىجات بىلەن كۆرۈشكەندە 'يىغىننى پارچىلاشقا بولمايدۇ' دەپ تەكىتلىگەندە، ئەخمەدى نىجات 'بىر دۆلەت باشلىقىنىڭ سۆزىگە ب د ت ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك' دەپ رەت قىلغان ئىدى.

ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقچىلىققا قاشى تۇرۇش يىغىنىدا تۈنۈگۈن قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ "ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پەلەستىننى قۇربان قىلىپ يەھۇدىيلار ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇپ بەردى' دېگەندە ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق 40 دۆلەت دىپلوماتلىرى يىغىندىن چىقىپ كەتتى. ئۇلار ئەخمەدى نىجاتنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، يىغىن زالىغا قايتىپ كىردى.

ناۋىل پىللاي بۇ يىغىننىڭ ئەسلىدىكى نىشان بويىچە داۋام قىلمىغانلىقىغا ھەيران قالغان

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيىسىنىڭ باش ئەمەلدارى ناۋىل پىللاينىڭ ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان 'مۇھاپىزەتچى' گېزىتى مۇخبىرىغا سۆزلەپ بېرىشىچە، ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنى بۇنىڭدىن سەككىز يىل بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئېچىلغان ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى' نى قايتىدىن قاراپ چىقىشنى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ھازىر دۇنيادا پەيدا بولۇۋاتقان ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يىغىن ئىدى. ئەمما ب د ت نىڭ ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى بۇ خەلقئارالىق يىغىنىنى ئەخمەدى نىجات ۋە يەنە بەزى دۆلەت باشلىقلىرى باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان مەيدانغا ئايلادۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاخشامدىن باشلاپ بۇ يىغىننى بايقۇت قىلىش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. يىغىن ئەسلىدىكى نىشان بويىچە داۋام قىلماي قالدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيىسىنىڭ باش ئەمەلدارى ناۋىل پىللاينىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات ئامېرىكا مۇخبىرىنى قولغا ئېلىپ جازا ھۆكۈم قىلدى. ئەخمەدى نىجاتنىڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزلىرىمۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوبامانىڭ ئامېرىكا- ئىران مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسلىرىغا نىسبەتەن ئاكتىپ رول ئوينىمايدۇ.

ب د ت نىڭ ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىنىڭ خىتابنامىسىنى 189 دۆلەت قوبۇل قىلدى

ن پ ر رادىئوسىنىڭ بۈگۈن كەچ سائەت 8 دە جەنۋەدىن بايان قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا كۆپ تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئورتاقچىلىق بارلىققا كەلدى. ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىنىڭ خىتابنامىسىنى 189 دۆلەت قوبۇل قىلدى. تالاش تارتىشتىكى ماددىلار چىقىرىپ تاشلاندى. ئەخمەدى نىجاتنىڭ ئىسرائىلىيە ئىرقچى دۆلەت' دېگەن كۆز قارشى رەت قىلىندى.



پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت