بېغىنى سېتىشنى رەت قىلغان نۇرى ئاكىنىڭ ئۆلۈمى تۇرپانيۈزىدە غۇلغۇلا قوزغىدى

بىز ئۆتكەنكى پروگراممىلىرىمىزدا، غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەت يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى مەجبۇرىي سېتىۋالماقچى بولغانلىقى، لېكىن نۇرى ئاكىغا ئوخشاش بىر نەچچە باغ ئىگىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ باغلىرىنىڭ ھازىرچە سېتىلمىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى بەرگەن ئىدۇق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-05-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻱ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻱ.
RFA Photo

تۈنۈگۈن تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر دېھقان رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، باغنى سېتىشقا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان نۇرى ئاكىنىڭ تۇيۇقسىز قازا قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

بىز نۇرى ئاكىنىڭ تۇيۇقسىز قازا قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىگىلەش ئۇچۇن، بۇ ئىشنى ئېنىق بىلىدىغان بىر نەچچە دېھقان ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، نۇرى ئاكىنىڭ تۇيۇقسىز قان بېسىمى ئۆرلەپ، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ قازا قىلغانلىقىدەك پاجىئەلىك خەۋەرنى ئاڭلىدۇق. بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆڭۈل ئېيتىش، نۇرى ئاكىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبنى بىلىش ئۈچۈن، نۇرى ئاكىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدۇق.

بىزنىڭ تېلېفونىمىزنى نۇرى ئاكىنىڭ كىچىك قىزى ئالدى. ئۇ بىزگە نۇرى ئاكىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم كەنت باشلىقلىرىنىڭ باغنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلىقى سەۋەبىدىن، خاپىلىقتا تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

نۇرى ئاكىنىڭ تۇيۇقسىز قازا قىلىشى ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى بىلەن سېتىۋىتىلگەن باغلارنىڭ سىم توساقلار بىلەن قورشىلىپ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن تۇزلىنىۋاتقانلىغىدەك ئەھۋال يۇقىرىقى تۇرپانيۇزى كەنتى دېھقانلىرىنى ناھايىتى بىئارام قىلغان، رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ ئوز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

تۇرپانيۇزى يېزىسىدىكىدەك، دېھقانلارنى يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلايدىغان ئەھۋال، ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىنىڭ باشقا يەرلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، تۇرپانيۇزى يېزىسىدىكى بۇ پاجىئەنى پەقەت ئەشۇ ئەھۋاللارنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسى دېيىش مۈمكىن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت