بېيجىڭدىكى ھايات ئۇيغۇرلارغا خىرىس قىلماقتا

ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە مۇخبىر پالوما روبلېس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان « بېيجىڭدىكى ھايات ئۇيغۇرلارغا خىرىس قىلماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، بېيجىڭدا ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن تۇرۇۋاتقان ۋە رەسمىي بولمىغان رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا بىر قانچە مىڭدىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۆز مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە مۇخبىر پالوما روبلېس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان « بېيجىڭدىكى ھايات ئۇيغۇرلارغا خىرىس قىلماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، بېيجىڭدا ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن تۇرۇۋاتقان ۋە رەسمىي بولمىغان رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا بىر قانچە مىڭدىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ كىرىشى قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت ۋە ھەتتا چىراي تۇرقىدىن تارتىپ، خىتاي مىللىتىدىن تامامەن پەرقلىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئانچە كۆپ ئورۇن ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە، خىتاي ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار پەقەت فولكلورى بىلەنلا تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تامامەن پەرقلىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىدەك بىر پاكىتنى يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن ئىناق - ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقىدەك بىر مەنزىرىنى زورلاپ تېڭىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، بۇ خىل ئەھۋالدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق بايان قىلغان :

- نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىنى ئاددىيلاشتۇرۇش دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ « پەرقنى كۆرمەسكە سېلىش »ئارقىلىق، بۇ پەرقتىن كەپ چىقىدىغان تەھدىتنى يوق قىلىش ئىسىتراتېگىيىسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان خىرىس بۇلا ئەمەس. ئەلقەم ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش ئېرلاندىيىدە 6 يىل ئوقۇغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن.... 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا قايتىپ كەلگەن ئەلقەم ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنگىلىزچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر خىزمەت تاپقان. ئەمما بىر قانچە كۈندىن كېيىن مەكتەپ ئەلقەمگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتكە قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. كېيىن ئەلقەم يەنە باشقا بىر يەردىن ئىنگىلىزچە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى تاپقان. ئەمما بىر شەرت بىلەن، ئۇ بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى يوشۇرۇش. مەكتەپ دائىرىلىرى ئۇنىڭدىن ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇر مۇئەللىمنىڭ دەرس بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلقەم بۇ گەپتىن قاتتىق ھەيران بولغان. ئۇلار ئەلقەمگە « سەن ئۆزەڭنى ئوقۇغۇچىلارغا چەتئەللىك دەپ تونۇشتۇر» دېگەن. چىرايى كاۋكازىيىلىكلەرگە ئوخشايدىغان ئەلقەم ئۈچۈن ئۆزىنى چەتئەللىك دىيىش قېيىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلمىغان.

مۇخبىر يەنە، نۇرتاي ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بالا بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ نۇرتاينىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇچرىغان مۇئامىلىسى ھەققىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان:

«بېيجىڭدا قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان نۇرتاي 2009 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرلىكتە لوندوندا تۇرىدىغان سىڭلىسىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن لوندونغا بارغان. ئۇلار قايتىپ كېلىشىدە پاسپورت كونترولىدىن ئۆتىدىغان چاغدا تاموژنىدىكى خادىملار ئۇلارغا « چەتئەللىكلەر ۋە خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن ئېچىلغان ھەر ئىككىلا پاسپورت تەكشۈرۈش نوقتىسدا تۇرماسلىقنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنىڭ ئايرىم تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇيغۇرلار بېيجىڭدا 2009 - يىلىدىكى ۋەقەدىن كېيىن تېخىمۇ ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراشقا باشلىغان.»

مۇخبىر ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ بېيجىڭدا ھېلىھەم قاتتىق تەقىپكە ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىجارىگە ئېلىشتا قېينىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بېيجىڭدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ باققانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نەپرەتلىنىش،ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ خىتاي خەلقىگە ئۆچمەنلىك تۇيۇشتەك بىر ئاقىۋەتنى تۇغدۇرغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك خىتايلار بىلەن دوست بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. مۇخبىر يەنە، خىتايلارنى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىن ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق مىللىي كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭدىمۇ ھەتتا ئۆز يۇرتىدىمۇ ئۆزىنى ئۆيىدىكىدەك ھېس قىلمايدىغانلىقىدەك بىر پاكىتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن:

- - ھازىر ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتى خىتاي، 60 پىرسەنتى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. 1949 - يىلىدىن ئىلگىرى خىتايلارنىڭ نوپۇسى شىنجاڭدا ئاران 5 پىرسەنت ئىكەن. ئۇيغۇرلار بېىسمغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن، ئەركىنلىك ۋە سۆزلەش ھوقۇقى يوقلۇقىدىن، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ياخشى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتايلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ماڭا شىنجاڭدا خىزمەتنىڭ ھەممىسىنى خىتايلارنىڭ كونترول قىلىۋالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ يۇرتقا قايتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

مۇخبىر ماقالىسىدە، ئىسرائىلىيىدىكى خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى نىمرود بارانوۋېچنىڭ مۇلاھىزىسىگىمۇ يەر بەرگەن. ئۇزۇن يىل ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغان پروفېسسور نىمرود ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ سۈرگۈندىكىلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى « ماكانسىز قالغان كىشىلەرنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى» دەپ سۈپەتلىگەن. ئاپتور پۈتۈن بۇ ئاقىۋەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردا يارىتىۋاتقان مەنىۋى بوشلۇقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلغان:

ئۇيغۇرلار مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا يەنە، بېسىم، چەتكە قېقىلىش ۋە يىلتىزسىزلىقنىڭ دەردى بىلەنمۇ كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. نۇرتاي ماڭا « كۆپىنچىمىز بىر يەرگە يىغىلىپ قالساق، ھاراق ئىچىمىز، ئاخىرى سوقۇشىمىز. ئەلۋەتتە بۇ پەخىرلەنگۈدەك ئىش ئەمەس» دېدى. ئەمما نۇرتاي ماڭا بۇنى چۈشەندۈرۈپ : « بۇ ئادەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەتكە قېقىلىشتىن يىغىلىپ قالغان ئاچچىقنىڭ سىرتقا تېپىشىنىڭ نەتىجىسى» دېدى.

ماقالىدە مۇخبىر سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلغان :

- ئۇيغۇرلار مىللەت، دىن، ئۆرپ - ئادەت ھەتتا چىراي - تۇرق جەھەتتىنمۇ خىتايلاردىن پەرقلىق بولغانلىقتىن ئۇلارغا بۇ يەرگە ئۆزلىشىش قېيىنغا توختايدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى قىياپىتى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغانلىقتىن ئۇلار ئاساسى ئېقىمغا ۋاقتىنچە قوشۇلۇپ تۇراي دەپمۇ قوشۇلالمايدىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار ھازىر « ماكانسىز ئادەملەر» قاپقىنىغا دەسسىمەكتە. نۇرتاي ماڭا « باشقىلارنىڭ ئىشى ئاسان. ئۇلار ئاغرىپ قالسا يۇرتىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئەمما بىزچۇ. بىزگە ئۇنداق ئىش يوق. بىزنىڭ قايتىپ كېتىدىغان يۇرتىمىز يوق» دېدى. ئۇنداقتا، باشقا چىقىش يولىچۇ؟ چەتكە چىقىپ كېتىش. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھازىر چەتكە چىقىپ كېتىش يولىنى تاللىماقتا.

ئەمما مۇخبىر بۇنىڭمۇ ھەممە ئۇيغۇر قىلالايدىغان بىر ئىش ئەمەسلىكىنى، چۈنكى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى ئىنتايىن قېيىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆچمەن بولۇشنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنىڭ ئۇلارنى بۇ يولدىن توسۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭنى ئۆزلىرى ئېغىر كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىغان ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز بىر مۇھىت دەپ قارايدىغانلىقىنى شۇنداقلا بېيجىڭنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، « بېيجىڭدىكى ھايات ئۇيغۇرلارغا خىرىس قىلماقتا» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى پالوما روبلېس مۇستەقىل ژۇرنالىسىت بولۇپ، ئۇ بۇنى بېيجىڭدا تۇرغان مەزگىلىدىكى خاتىرىلىرىگە ئاساسەن يازغان. ئۇ ھازىر مادرىدتا خىزمەت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت