بېيجىڭ ئەيدىز تەتقىقات ئورنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئېغىر يەكلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى

خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات - بېيجىڭ ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى چوڭ شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئېغىر يەكلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇلاردا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش، ئولتۇراقلىشىش جەھەتلەردە چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-04-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، www.tudou.com ﺩﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، www.tudou.com ﺩﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.tudou.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

مەركىزى بېيجىڭدىكى "ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى" نىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ تەييارلىغان "خىتاي شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنىڭ سالامەتلىك، ئولتۇراقلىشىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى" دېگەن ماۋزۇدىكى دوكلاتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۇرمۇش، مەدەنىيەت، سالامەتلىك، مائارىپ، ئولتۇراقلىشىش شەرت - شارائىتى، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە دائىر تۈرلۈك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يەكلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقى كۆزگە ئىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

"ئەي جىشىڭ" نامىدىكى مەزكۇر تەتقىقات ئورنى 2006‏ - يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئورگان ئالدىنقى يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش، ئولتۇراقلىشىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. دوكلاتتا، ئىچكىرىدىكى تۈرلۈك كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۆۋەن قاتلام ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۇرالغۇ مەسىلىسى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆي ئىجارە بەرمەيدىغانلىقىنى، تۇرالغۇ مەسىلىسى ئىچكىرىدىكى كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

"ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى " نىڭ مەسئۇلى ۋەن يەنخەي ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيەت پەرقى شۇنداقلا خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان بىر تەرەپلىمىلىك پوزىتسىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ يەكلىنىشكە ئۇچرىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ناھايىتى كەڭ تارقالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، لېكىن ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز بىمارلىرىغا چىقارغان تۈرلۈك سىياسەتلەردىن بەھرىمان بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار خىتاينىڭ نوپۇس - تۇرالغۇ تۈزۈمى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، داۋالىنىش ۋە ئاغرىقنى پەسەيتكۈچى دورىلار بىلەن تەمىنلىنىشكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، بەزى بىمارلار ۋاقتىدا قۇتقۇزۈشقا ئېرىشەلمەي كوچىلاردا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەيدىز كېسىلى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي سالامەتلىك مەسىلىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار خىتاي چېگرىسى ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ۋە كۆلىمى ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا بېرىپ قالغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. "ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى"دىكى ۋەن يەنخەي ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزگە گرىپدار بولۇش ئەھۋالىنى خېبېينىڭ "ئەيدىزلەر كەنتى"دىكى خىتاي دىھقانلىرىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلار خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش خاراكتېرلىك تەشۋىقات، ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك قاتارلىقلار خىتاي ئاۋام خەلقى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىدا ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش خائىشىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئۇيغۇرلاردىكى يالغۇزسىراش خاھىشىنى ئۇلغايتىپ، ئۇلاردا جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئېرەڭسىزلىك بىلەن قاراش ھالىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

"ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى"دىكى ۋەن يەنخەي ئەپەندى ھەر قېتىم ئىچكىرىدە زور كۆلەملىك بايرام ياكى خەلقئارا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلسە، دائىرىلەرنىڭ ئاساسى نىشانىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ، ئۇلارغا "قىياسى دۈشمەن مۇئامىلىسى" تۇتىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنىڭ كۈچىيىپىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت