بېيجىڭدىكى چاڭئەن كوچىسىدا 1989‏ - يىلىدىن كېيىن يۈز بەرگەن تۇنجى نامايىش

2‏ - ئاينىڭ 22‏ - كۈنى بېيجىڭدىكى چاڭئەن كوچىسىدا سەنئەتچىلەر نامايىش قىلدى، بۇ، 1989‏ - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ كوچىدا يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار يېتىپ كېلىپ، 'دۆلەت پۇقرالىرىغا ھوقۇق ' ، 'قارا گۇرۇھلارنى قاتتىق جازالاش' دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلارنى قارا ‏ - قويۇق ئۇرۇپ كەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-02-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ 1989‏ - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2009‏ - ﻳﯩﻞ 5‏ - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ 1989‏ - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2009‏ - ﻳﯩﻞ 5‏ - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىشنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا تېخىچە ھېچنېمە دېمىدى. ھازىر چەتئەللەردە بۇ ھەقتە مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ.
 
نيۇيورك تايمىس گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى ئاندرۇ جاكوبسنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا 1989‏ - يىلى نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىش قىلىشى مۇمكىن دەپ قارالغان ھەر قانداق كىشىنى كىرگۈزمەي كېلىۋاتقان چاڭئەن كوچىسىدا، 2 ‏ - ئاينىڭ 22 ‏ - كۈنى سەنئەتچىلەر نامايىش قىلدى. 20 دىن ئارتۇق سەنئەتچى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرىدىغان چاڭئەن كوچىسىدا 'دۆلەت پۇقرالىرىغا ھوقۇق ' ، 'قارا گۇرۇھلارنى قاتتىق جازالاش' دەپ يېزىلغان چوڭ لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 2‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22‏ - ﻛﯜﻧﻰ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ  ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 2‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22‏ - ﻛﯜﻧﻰ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. RFA Photo

فوتو ماھىرى ۋۇ يۈرېننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نامايىش كەچ سائەت 4 تە باشلانغاندىن كېيىن، ساقچىلار يېتىپ كېلىپ، ھېچنېمە دېمەيلا نامايىشچىلارنى قارا - قويۇق ئۇرۇپ كەتكەن. نامايىشچىلار بىر - بىرلەپ تارقىلىپ، سائەت 5 تە پۈتۈنلەي غايىپ بولغان.

كېچىدە 'سەنئەت مەھەللىسى' گە بېسىپ كىرگەن نىقابلىق قاراقچىلار ساقچىلار يېتىپ كەلگەن ھامان غايىپ بولغان

بۇ نامايىش بولۇۋاتقاندا نەق مەيداننى كۆرگەن بىر كىشىنىڭ رادىئومىزغا سۆزلەپ بېرىشىچە، 22‏ - چېسلا يېرىم كېچىدىن كېيىن، 100 دىن ئارتۇق نىقابلانغان قاراقچى، ئۆي چاقىدىغان كىران قاتارلىق ئاپتوموبىللار بىلەن كېلىپ، بېيجىڭنىڭ چاۋياڭ رايونىدىكى 'سەنئەت مەھەللىسى' دەپ ئاتىلىدىغان بىر قورودا تۇرىدىغان سەنئەتچىلەرنى ئۇرۇشقا باشلىغان. بۇ نىقابلانغان قاراقچىلار 110 دەپ ئاتىلىدىغان تېز قۇتقۇزۇش ساقچىلىرى يېتىپ كەلگەن ھامان بىردىنلا غايىپ بولغان.

نامايىشچىلار چاڭئەن كوچىسىدا 'دۆلەت پۇقرالىرىغا ھوقۇق ' ، 'قارا گۇرۇھلارنى قاتتىق جازالاش' دەپ يېزىلغان چوڭ لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغان

'سەنئەت مەھەللىسى'دە كېچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان گۈزەل سەنئەت خادىملىرى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئوخشىمىغان يۆنۈلۈش ئارقىلىق چاڭئەن كوچىسىغا كېلىپ، ئۇياق -بۇياققا مېڭىپ يۈرگەندىن كېيىن، بىراقلا لوزۇنكىلىرىنى چىقىرىپ نامايىش قىلىشقا باشلىغان. نامايىشقا قاتناشقا ئادەملەر ئىچىدە كېچىدە يارىلاندۇرۇلغان 8 كىشىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ بىرى ساتوشى ئىۋاما ئىسىملىك ياپونىيىلىك رەسسام .

بۇ نامايىش ھەققىدە نەق مەيداندىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەرنى بېيجىڭدىكى مەشھۇر رەسسام، ھەيكەلتىراش ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق كىشىلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق 'بوشۈن تور گېزىتى' گە ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا يوللاپ بېرىپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاينىڭ 'يەر شارى ۋاقىت گېزىتى'مۇ ئىنگلىزچە نۇسخىسىدا بۇ ۋەقە توغرىسىدا بىر قىسقا خەۋەر ئېلان قىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىشنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا تېخىچە ھېچنېمە دېمىدى.

بۇ نامايىش خىتايدا يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى

ئامېرىكىدىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس جاۋ يەننىڭ بۇ ھەقتە 'بوشۈن تور گېزىتى'دە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە ئېيتىلىشىچە، 2‏ - ئاينىڭ 22‏ - كۈنى بېيجىڭدىكى چاڭئەن كوچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش، كوممۇنىست خىتاي 1989‏ - يىلىدىن بۇيان ئەڭ قاتتىق مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرۇۋاتقان جايدا يۈز بەرگەن بىر چوڭ جاسارەت، بىر مەردانىلىك ۋە كۈچلۈك ئاۋاز. گەرچە ئادەم سانى كۆپ بولمىسىمۇ، بۇ نامايىش خىتايدا يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى. بۇ نامايىش ھازىر خەلققە زور ئىلھام بولۇۋاتىدۇ، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدا مۇنازىرە قوزغاۋاتىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە ئارقىلىق بىرىنچىدىن، چاۋياڭ رايونىدىكى سەنئەتچىلەر مەھەللىسىگە بېسىپ كىرىپ سەنئەتچىلەرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان 100 دىن ئارتۇق قاراقچى بىلەن ساقچىلارنىڭ ئەسلىدە بىر گۇرۇھ ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا ۋەقە چىقىرىپ، بىر قىسىم خەلقنى 'دۆلەتنى ئاغدۇرماقچى' دەپ چوڭ باستۇرۇش ئۈچۈن باھانە تېپىشقا ئۇرۇنغاندا، خەلقنىڭ بۇ نامايىشى ئۇلارغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرمىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ ھېلە - مىكىرلىرىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنى مات قىلدى. ئۈچىنچىدىن، چاڭئەن كوچىسىدا يۈز بەرگەن بۇ نامايىش خىتايلار قىلغان نامايىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا لخاسادا ياكى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشقا قارىغاندا ناھايىتى چوڭ پەرقلىق مۇئامىلە قىلدى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ مىللەتچى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

بىر ئۇيغۇر بۈگۈن بىزگە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە بېسىلغان بىر خەۋەرنى فوتوغا ئېلىپ يوللاپ بەردى


سۈرەت، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىگە بېسىلغان خەۋەر. 2009‏-يىل 9‏-ئىيۇل كۈنى كېچىدە نەيزىلىك مىلتىق ۋە سىم قامچا بىلەن قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى 190 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى نامايىش «گۇماندارى» دەپ تۇتقان ۋە باغلاپ قويۇپ قاتتىق كەمسىتكەن.
سۈرەت، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىگە بېسىلغان خەۋەر. 2009‏-يىل 9‏-ئىيۇل كۈنى كېچىدە نەيزىلىك مىلتىق ۋە سىم قامچا بىلەن قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى 190 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى نامايىش «گۇماندارى» دەپ تۇتقان ۋە باغلاپ قويۇپ قاتتىق كەمسىتكەن. RFA Photo


بۈگۈن 'بوشۇن تور گېزىتى'دە ئېلان قىلىنغان بۇ نامايىش ھەققىدىكى فوتو سۈرەتلەرنى كۆرگەن ۋە ئامېرىكىدىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇرۇۋاتقان مۇتەخەسسىس جاۋ يەننىڭ ماقالىسىنى ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر بىزگە، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە 2009‏ - يىل 9‏ - ئىيۇل كۈنى بېسىلغان بىر خەۋەرنى فوتوغا ئېلىپ يوللاپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 9‏ - ئىيۇل كۈنى كېچىدە 190 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى 'گۇماندار' دەپ تۇتقان. قولىدا نەيزىلىك مىلتىق ۋە سىم قامچا تۇتقان خىتايلار ئۇلارنى باغلاپ قويۇپ قاتتىق كەمسىتكەن.

بۇ كۆرۈنۈش، خۇددى جاۋ يەن ئەپەندى ئېيتقاندەك، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بىر چوڭ مىللەتچى ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇنداق چوڭ مىللەتچىلىك ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت