خىتاي ئىقتىسادىدىكى يوشۇرۇن مەخپىيەتلىك

2006-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ھەپتىلىك سودا ‏- سانائەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان "خىتاي ئىقتىسادىدىكى يوشۇرۇن مەخپىيەتلىك " دېگەن تېمىدىكى ماقالىدە، يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى پۈتۈنلەي ئاشكارىلانغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى بۇلغىنىش ئاپىتىگە ھەر يىلى سەرپ قىلىنىۋاتقان پۇلنىڭ ئۆزى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ پۇل خىتاي دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 10% ئىگە تەڭ ئىكەن. خىتايدىكى بۇ خىل بۇلغىنىش دەرىجىسى 2020 ‏- يىلىغا بارغاندا، ھازىرقىدىن تۆت ھەسسە ئېغىرلايدىكەن.

ئىقتىساد تەرەققى قىلدى، ئېكولوگىيە ۋەيران بولدى

ھەپتىلىك سودا -سانائەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە زور تەرەققى قىلدى. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئېكولوگىيە جەھەتتە پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. يەنى دۇنيا بويىچە ئىس - تۈتەك ئەڭ كۆپ بولىدىغان، كىسلاتالىق يامغۇر ئەڭ جىق ياغىدىغان، دەريا- ئېقىنلار ئەڭ كۆپ بۇلغانغان، ئورمانلىقلار ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان دۆلەتكە ئايلانغان. ھازىر خىتايدا ھەر يىلى مۇھىت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلارنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئاشقان.

"خىتاي ئىقتىسادىدىكى يوشۇرۇن مەخپىيەتلىك" دېگەن تېمىدىكى بۇ ماقالىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتاي بىلەن ئەينى چاغدىكى ياپونىيە سېلىشتۇرۇلغان بولۇپ، "خىتاينىڭ ھازىرقى ھالىتى ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيىدىنمۇ ئېغىر. خىتاي ئۆزىنىڭ سانائىتىنى تەرەققي قىلدۇرۇشتا، كۆپلەپ نېفىت ئىمپورت قىلىش ۋە كۆمۈر كۆيدۈرۈشكە تايانغان. كۆمۈر بولسا كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە خىمىيىۋى گۇڭگۇرتلۈك ماددىلاردىن تەركىپ تاپقان بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە يەنىلا سۇس قارايدىكەن، ئۇنداقتا خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى كوممۇنىست خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى يوق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇندىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.

سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن

مەزكۇر ماقالىدە يەنە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئامېرىكىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا، پەقەت 5 تىن بىر قىسمىغا تەڭ كېلىدىغانلىقى، لېكىن خىتاي كاربون 4 ئوكسىدىنى تارقىتىشتا، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، "2002 ‏- يىلىدىن ئىلگىرىكى 10 يىل ئىچىدە، خىتاي كاربون 4 ئوكسىدى چىقىرىشتا ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە. خىتايدىكى كاربون 4 ئوكسىدىنىڭ تارقىلىشى بۇ 10 يىل ئىچىدە 33% كۈچەيگەن. ھازىر بولسا، خىتايدىكى بۇ خىل زەھەر تەركىبلىك پاسكىنا ھاۋا شەرقى ئاسىيادىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا يېتىپ كەلدى" دەپ كۆرسىتىلگەن ھەمدە " ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە يەنىلا سۇس قارايدىكەن، ئۇنداقتا خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى كوممۇنىست خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى يوق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇندىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىدۇ " دەپ ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي مۇھىتنى قوغداش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پەن چيۇ بۇلتۇر بېيجىڭدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا، خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىگە ئىقرار بولۇپ "ئەگەر جىددىي چارە -تەدبىرلەرنى قوللانمىساق، 2020 - يىلىغا بارغاندا، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش ھالىتى ھازىرقىدىن 4 ھەسسە كۈچىيىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتايدا ئېنېرگىيىنىڭ زايا قىلىنىشى ئېغىر

خىتاي دۆلەت مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ پەرىزىدە، ھازىر خىتايدا، ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاھالىلەر ئاز دېگەندە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 20% نى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ھازىر خىتايدىكى 70 تىن ئارتۇق دەريا -ئېقىنلار قورقۇنچلۇق دەرىجىدە بۇلغىنىپ كەتكەن.

"خىتاي ئىقتىسادىدىكى يوشۇرۇن مەخپىيەتلىك " دېگەن تېمىدىكى بۇ ماقالىدە " بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تازىلاش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئېلېكتىر كۈچىنىڭ ئۈنۈمىنى ياخشىلاشقا تىرىشىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان نەپسىنى يىغالمىغىدەك ھالەتكە يەتتى، ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بىر دوللارلىق مەھسۇلات ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئورتا ھېسابتا باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن 3 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭكىدىن 5 ھەسسە، گېرمانىيىنىڭكىدىن 8 ھەسسە، ياپونىيەنىڭكىدىن 12 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن" دەپ كۆرسىتىلگەن.

"خىتاي ئىقتىسادىدىكى يوشۇرۇن مەخپىيەتلىك " دېگەن تېمىدىكى بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرى مۇنداق ئاياغلاشقان: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ' ئالدى بىلەن دۆلەتنى بېيىتىپ ئاندىن مۇھىت مەسىلىسىنى ئويلاشسىمۇ بولىدۇ ' دېگەن ئىدىيە خىلىلا ئېغىر. بۇ خىل كۆز قاراش ئادەمنى شۇنداق گۇماندا قويىدۇكى، بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم مۇھىتنى ياخشىلاش مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمەسلىكى مۇمكىن. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت