خىتايدا ھەر يىلى 400 مىڭ كىشى ھاۋا بۇلغىنىشىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ

2005-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مۇھىتنى پىلانلاش ئاكادېمىيىسىنىڭ 2003 - يىلىدىكى بۇ دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلار دەل دۇنيا بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەلۇماتلىرى بىلەن بىردەك چىققان. دۇنيا بانكىسىمۇ ئىلگىرى خىتايدا ھەر يىلى تەخمىنەن 400 مىڭدەك كىشىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ھاۋا بۇلغۇنىشى بولۇپمۇ كىشىلەردە ئۆپكە كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، زىققا كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 300 مىڭ كىشى ئۆينىڭ سىرتىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىدىن ئۆلسە، يەنە 110 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھاۋا بۇلغۇنىشىدىن ئۆلىدىكەن.

ئاشكارىلانمىغان دوكلات

خىتاي مۇھىت پىلانلاش ئاكادېمىيىسىنىڭ 2003 - يىلى چىقارغان بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز رايونلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ناچار خەۋەرلەرنى خەلققە ئۇقتۇرۇشنى خالىمىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خىتاي مۇھىتنى ئاسراش ئاكادېمىيىسىدىكى بىر تەتقىقاتچى خادىم ئارقىلىق بۇ مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر تەتقىقاتچى خادىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، دوكلاتتا ئېلان قىلىنغان يىلىغا 400 مىڭ كىشى مۇھىت بۇلغىنىشىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار تېخى تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئەمەلىي سان بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى ئۆينىڭ سىرتىدىكى ھاۋا بۇلغۇنۇشىنى ئاساسلىقى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان زاۋۇتلار، ھەر خىل بۇلغاش خاراكتېرلىك ماددىلارنى قويۇپ بېرىدىغان زاۋۇتلار ۋە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ماشىنىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھاۋا بۇلغۇنىشىنى بولسا، كۆمۈر قالاش ۋە باشقا سانائەت قالدۇقلىرىنى قالاش كەلتۈرۈپ چىقارغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىت بۇلغۇنۇشىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەزەلدىن مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاپ باقمىغان.

خىتايدا مۇھىتنى نازارەت قىلىدىغان تۈزۈلمە يوق

گىرمانىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي مۇھىت مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ۋاڭ ۋېيلو ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ھاۋا بۇلغۇنۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل تەبىئىي مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

" مۇھىتنى تۈزەشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر پرىنسىپ شۇكى، كىم مۇھىتنى بۇلغىسا، شۇ تۈزىشى كېرەك. خىتاينىڭ مۇھىتنى ئاسراش دائىرىلىرى قانداق قىلىدۇ دېگەندە، ئۇ مۇھىت بۇلغىنىش راسخوتى ئالىدۇ. كارخانىلار پۇل تۆلەشكە رازىكى، تەدبىر قوللىنىپ مۇھىتنى ئاسرىمايدۇ. مۇھىت بۇلغىنىش راسخوتىنى مۇھىت ئاسراش دائىرىلىرى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى مۇھىتنى تۈزەشكە ئىشلەتمەي، ئۆز ئىچىدە بۆلۈشىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھۆكۈمەت كارخانىلارغا مۇھىتنى بۇلغاش چەكلىمە نىسبىتى بەلگىلەپ بەرگەن. كارخانىلار ھەتتا بۇ نىسبەتنى ساتالايدۇ. بۇ دېگەنلىك ئەگەر مېنىڭ كارخانامنىڭ مۇھىت بۇلغىشى ئېغىر بولمىسا، مېنىڭ قالغان نىسبىتىمدىن پايدىلىنىپ، مۇھىت بۇلغىشى ئېغىر بولغان كارخانىلار كېرەكسىز بويۇملارنى قويۇپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر خىتاي بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتمىسە، خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بەلكىم ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىندا مەن كۆرگەن ب د ت نىڭ بىر دوكلاتىدا، خىتاي ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزغان ئاساستا ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. ئۇلارنىڭ ھېسابلىشى بويىچە، خىتاينىڭ ھەر يىلى مۇھىتقاسالغان بۇزغۇنچىلىقلىرى، ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 8% ئىگە توغرا كېلىدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي يىلىغا 8% ئۆسىۋاتىدۇ. ئېكېلوگىيىلىك مۇھىت 8% تېزلىك بىلەن بۇزۇلسا، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نۆلگە باراۋەر".

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي دۆلەتلىك مۇھىتنى ئاسراش ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىق جاڭ لى جۈن سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان " رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئىدارە قىلىش خەلقئارا مۇھاكىمە" يىغىنىدا، خىتايدىكى بەشتىن بىر شەھەر ئاھالىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان مۇھىتتا ياشايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

جاڭ لىجۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ھاۋا بۇلغۇنۇشى، توپا- چاڭ، كىسلاتالىق يامغۇر، خىمىيىلىك ئىس- تۈتەك، سۈمۈرۈلۈدىغان دانچىلىق بىرىكمە بۇلغۇنۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار خىمىيىلىك، فىزىكىلىق ۋە بىئولوگىيىلىك ئۆزگۈرۈش ئارقىلىق مۇرەككەپ تىپلىق بۇلغۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاۋانىڭ ئېنىقلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

مۇھىت بۇلغۇنۇشلىرى كونترول قىلىنىۋاتامدۇ؟

ئۇ يەنە، ھاۋا بۇلغۇنۇشىنىڭ چوڭ شەھەرلەردە ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق شەھەرلەرگە قارىغاندا ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشقان شەھەرلەردە ھاۋا بولغۇنۇشىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر قاتتىق تەدبىر قوللىنىلمىغاندا، كېلەركى 15 يىل ئىچىدىكى مۇھىت بۇلغۇنۇشى خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن. بىراق ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىردىن باشلاپ مۇھىت بۇلغۇنۇشىنى كونترول قىلىدىغان تەدىبرلەرنى كۈچەيتىپ، شەھەر ۋە رايۇنلاردىكى مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىراق گېرمانىيىدىكى مۇھىتشۇناس ۋاڭ ۋېيلو، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت بۇلغۇنۇشىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمسىز بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ مۇھىتقا سالغان مەبلىغى ھەقىقەتەن ئىنتايىن كۆپ. ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ. مەسىلەن خىتاي خۈئەيخې دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا ئون يىل ئىچىدە 60 مىليارد يۈئەن پۇل ئاجراتتى. ئەمما خۈئەيخې دەرياسى سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشىلانماي، ھەتتا تېخىمۇ ناچارلىدى. خىتايدا مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىدىغان تۈزۈلمە مەۋجۈت ئەمەس. خىتايدىكى مۇھىتنى ئاسراش ئىدارىلىرى، مۇھىت بۇلغۇنۇشىغا تايىنىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىدۇ. مۇھىت بۇلغۇنۇشى قانچە ئېغىر بولسا، ئۇلارنىڭ كىرىمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنداق بولسا قانداقمۇ نازارەت تۈزۈلمىسى بولىدۇ. 60 مىليارد يۈئەن پۇل خۈئەيخې دەرياسى قۇرۇلۇشىغا كىرىپ كەتتى. كىم بۇ پۇل نەگە ئىشلىتىلدى دەپ سۈرۈشتۈرە قىلالايدۇ؟ خىتايدا كۆپ ھاللاردا قۇرۇلۇشلارغا ئاجرىتىلغان پۇل ئورنىغا ئىشلىتىلمەيدۇ. "

ئۇنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ، مۇھىتنى قۇربان قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى ساماندەك ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېغىرلىشىپ، زىققا كېسلى، راك، يۈرەك كېسلى، ئۆپكە كېسلى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتىنىڭ خىتاي بويىچە يۇقىرى بولىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

مۇھىت مۇتەخەسسىسى مۇتەللىپ ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت بۇلغۇنۇشىنىڭ بىر قانچە ئامىللىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان كۆچمەن نوپۇسنى تىزگىنلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىتقا بولغان يۈكنى ئازايتمىسا، كۆمۈرچىلىك قاتارلىق ئېغىر سانائەتلەرنىڭ مۇھىت بۇلغۇنۇشىنى ياخشىلىمىسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ سالامەتلىكى تېخىمۇ خەۋپ ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت