چاغاتاي قوچار ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ تۈركىستان ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى

بۈگۈن خەلقئارادا ئوتتۇرا ئاسيا دەپ ئاتىلىۋاتقان جۇغراپىيىنى تۈركىيىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپى تۈركىستان دەپ ئاتايدۇ. بۇ تەتقىقاتچىلاردىن بىرى چاغاتاي قوچار ئەپەندى. ئۇنىڭ تۈركىستان توغرىسىدىكى ماقالىلەر توپلىمى ناملىق كىتابى 1993 - يىلىدا تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
چاغاتاي قوچار ئەپەندى يازغان كىتابلار
چاغاتاي قوچار ئەپەندى يازغان كىتابلار
Photo: RFA

مەزكۇر كىتاب 1994 - ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۇنىڭ «تۈركىيە چۇقۇرئۇۋا تۈزلەڭلىكىنىڭ ئازادلىقىغا تۆھپە قوشقان تۈركىستانلىقلار» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن پايدىلىنىپ «تۈركىيىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان تۈركىستانلىقلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن.

چاغاتاي قوچار ئەپەندى 1946 - يىلى ئۆزبېكىستاندا دۈنياغا كەلگەن. 1952 - يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىنىڭ ئادانا شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1976 - يىلىدا ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۈلتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ مۈنخىن شەھىرىدىكى ھۈرىيەت رادىىئوسىنىڭ ئۆزبەكچە بۆلۈمىدە 20 يىل خىزمەت قىلغان. ئۇ بۈگۈنگىچە كۆپ ساندا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا تۈركىستان ھەققىدە دوكلات بەرگەن. يېقىندا ئۇنىڭ تۈركىيىدە «ئاسارەتتىن ئەركىنلىككە - بىر تۈركىستانلىقنىڭ ئەسلىمىلىرى» ناملىق ئەسىرى بىلەن «ئاتايۇرتتىن ئانايۇرتقا - تۈركىستانلىقلار» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى.

بىز ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت