ئىنتېرنېت يازغۇچىسى چېن ۋېيگە 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن چېن ۋېي ئىسىملىك يازغۇچىنى ئىنتېرنېتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
چەن ۋېي. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس.
چەن ۋېي. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس.
Chinese Human Rights Defenders

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت يازغۇچىسىغا بەرگەن بۇ قاماق جازاسى خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ قايسى دەرىجىدە بوغۇلۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋەقەگە قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «ئەركىنلىك ئۆيى» يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئىنتېرنېتتە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلغانلارنى قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى مەۋجۇت بولغان 23 دۆلەتنىڭ ئارىسىدىكى ئەھۋالى ئەڭ ناچار 5 دۆلەتنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تىزىملىكتە خىتاي بىرىنچى بولۇپ يەر ئالغان. ئارقىدىن سۈرىيە، مىسىر، ۋېيتنامغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىكى يەر ئالغان بۇ دوكلاتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قىسمىدا «خىتايدا ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى ئىنتېرنېت تورلىرىدىكى مۇلاھىزىلەردە ياكى ئۆزىنىڭ شەخسى بلوگلىرىدا ئۆزىنىڭ ئوخشىمايدىغان كۆز قارىشىنى بايان قىلسا، ئاخشىمى ئۇنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ساقچى پەيدا بولىدۇ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە ئېتىلىدۇ» دېيىلگەن.

بۈگۈن خىتايدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بۇ دىئاگنوزىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان يەنە بىر ۋەقە يۈز بەردى. خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن ئىنتېرنېت يازغۇچىسى چېن ۋېينى ئىنتېرنېتتە خىتاي كومپارتىيىسى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇ سىياسىي ھوقۇقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىندى.

چېن ۋېي 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇ ئىلگىرىمۇ تۈرمىگە چۈشكەن. شۇنداقلا ئۇ، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان نوبېل مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىسى ليۇ شاۋبو تەييارلىغان 2008 - نىزامنامىسىنىڭمۇ قول قويغۇچىلىرىدىن بىرى. چېن ۋېي بۇ نۆۋەت ئىنتېرنېتتە بىر قانچە قېتىم ئەركىنلىك ھەققىدە باياننامىلارنى ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى بىر پارتىيىلىك تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلان قىلغانلىقتىن، بۇ يىلنىڭ 2 - ئېيىدا خىتايدىكى تور بەتلەردە «ياسىمەن گۈلى» ئىنقىلابىنى قوزغاشقا چاقىرىق قىلغان 130 غا يېقىن ئۆكتىچى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇ 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سىچۇەن ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بۈگۈن ئېچىلغان سوتتا 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. چېن ۋېينىڭ ئادۋوكاتىنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، سوت مەھكىمىسى قارارنى ئېلان قىلغاندا چېن ۋېي قاتتىق ۋاقىراپ تۇرۇپ «مەن گۇناھسىز. سىلەر دېكتاتورلار ھامان بىر كۈنى يوقىلىسىلەر، دېموكراتىيە بىر كۈن غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن.

چېن ۋېي ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى يازمىلىرىنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلىگىلەنگەن قائىدە - نىزاملار بويىچە يازغان، ئەمما ئۇ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش تولۇق ئىشقا ئاشمىغان خىتايدەك بىر دۆلەتتە تۈرمىگە سولىنىشتىن خالىي بولالمىغان. چېن ۋېينىڭ ئايالى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «چېن ۋېي ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە سولاندى، بۈگۈن ئېچىلغان سوت پەقەتلا بىر شەكىل، قارار ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان. سوت كىشىلەرنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ، بۇ يەردە ئەركىنلىك يوق» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، چېن ۋېي قاراردىن قاتتىق نارازى بولغان بولسىمۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك سوتقا ئەرز سۇنۇشتىن ۋاز كەچكەن. چېننىڭ ئايالى بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، «خىتايغا ئوخشاش بىر دۆلەتتە يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق» دەپ ئۆزىنىڭ يولدىشىنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى چاققانراق تۈگىتىپ قايتىپ كېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. چېن ۋېيگە يېپىق سوت ئېچىلغان بولۇپ، سوت ئاران ئىككى سائەت داۋام قىلغان. مەركىزى نيۇيوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيتىنىڭ ئېيتىشىچە، چېن ۋېي تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا ئادۋوكاتى بىلەن ئاران ئىككى قېتىم كۆرۈشكەن.

چېن ۋېينىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ب ب س، ئەل - جەزىرە، س ن ن گە ئوخشاش خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئالدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى چېن ۋېينى دەرھال ۋە شەرتىسز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى كەترىن بابېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» دەيدىغان چۈشىنىكسىز بىر ئىپادە ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ قالپاق بىلەن ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانلارنى جىمىقتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ سېلىش ئارقىلىق ھېچكىمنى ھۆكۈمەتكە قارشى گەپ قىلالمايدىغان قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» دەيدىغان جىنايەت بىلەن تۈرمىدە يېتىۋاتقان بارلىق مەھبۇسلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش، ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىنى جازالاش قىلمىشىنى ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئەڭ قاتتىق زەربە بەرگەن نىشانىمۇ ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى بولغان ئىدى. ئۇلار ئالدى بىلەن دىيارىم، سەلكىن، شەبنەمگە ئوخشاش داڭلىق تور بەت قۇرغۇچىلىرىنى ۋە شۇنداقلا بۇ تور بەتلەرنىڭ يازغۇچىلىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنىنى بەش يىللىقتىن تارتىپ ئەڭ يۇقىرىسى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. نۋۆەتتە دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد، نۇرئەلى ئوبۇل، غەيرەت نىياز، تۇرسۇنجان ھېزىم، گۈلمىرە ئىمىنلەر خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتماقتا. بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان تور بەت يازغۇچىلىرىنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپلىكىنى بىلدۈرمەكتە. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مەھبۇبە ئابلەشمۇ ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىكتە يۈرگۈزۈۋاتقان بەزى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

خىتايغا ئوخشاش ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۇچۇرنىڭ سۈرئەت بىلەن تارقىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئون مىڭلىغان كىشىنى بىر ئارىغا جەم قىلالايدىغانلىقىنىڭ مىساللىرىنى كۆرگەنلىكتىن، ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى تەقىبىنى كۈنسايىن ئاشۇرماقتا. خىتاي يېقىندا ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارغا قويغان چەكلىمىسىنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇردىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك كۈچتىن قاتتىق ئەنسىرىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھازىر خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش جىنايىتى بىلەن يېتىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت