گېرمانىيە مەتبۇئاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى: مايمۇن ئويۇنى

2005-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2005 – يىلى 7 – دېكابىر كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى باربارا خانىمنىڭ بېرلىندا چاقىرىلغان بىر يىغىندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى چېچەنىستان ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئاگاھلاندۇرغانلىقى "جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان ئىدى ھەمدە 2005 – يىلى 13 – دېكابىر "مىللەتلەر ئۆيى" ناملىق تەشكىلات لاندشۇت رايونىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ھادىسىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

2005 – يىلى 19 – دېكابىر كۈنى "لاندشۇت كۈندىلىك گېزىتى" خىتايغا قارشى بىر ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىغا "مايمۇن ئويۇنى" دېگەن نامنى باش تېما قىلىپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىغا " خىتاي - ئىنسان ھەقلىرىدىن خالى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ!" دېگەن قوشۇمچە ماۋزۇنى سەرلەۋھە قىلغان. بۇ ماقالە، ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە مەتبۇئاتىدا خىتايغا قارشى ئەڭ كەسكىن ۋە ئاشكارە پىكىر بايان قىلغان ماقالە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

"توخۇنى بوغۇزلاپ، مايمۇننى قورقۇتۇش"

ماقالىدە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىدىن پېتىر مۈللەر ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىدىن خەيرى ۋۇ ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسىدا، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ھادىسىلىرىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

خىتايدا ھەر يىلى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتىدۇ. خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىنى چوڭ ئاممىۋى مەيدان ياكى تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا نەچچە ئون مىڭلىغان پۇقرالارنى مەجبۇرى يىغىپ ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ھۆكۈم ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەھبۇسلارنى پۈتۈن شەھەرنى ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى شەھەر سىرتىدىكى چۆللۈكلەرگە ئاپىرىپ، مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇ خىتايلارنىڭ ئاتا سۆزىگە بىنائەن "توخۇنى بوغۇزلاپ، مايمۇننى قورقۇتۇش" دەپ ئاتىلىدۇ.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېگەن: ئاتىدىغان چاغدا، ئىككى نەپەر ساقچى ئىككى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. بىرسى بىر قەدەم يىراقلىقتىن ئاتىدۇ. مەھبۇس ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنى ھايۋاننى تەپكەندەك تېپىدۇ. ئاندىن ئەتراپتا ساقلاپ تۇرغان دوختۇر ماشىنىسى كېلىپ، ئالدىن بەرگەن زاكاسقا بىنائەن، ئۆلگۈچىنىڭ ئىچ ئەزايىنى سۇغۇرىۋالىدۇ.

ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئەزالىرى ئېلىۋېلىنىدۇ

ماقالىدە بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېگەن: "شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇرۇق – تۇققانلار ۋە دوستلار ھەر كۈنى بىر بىرى بىلەن خوشلىشىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەتىگىنى ئۆيدىن چىقىپ كەتسە، كەچلىرى قايتىپ كېلىش – كېلەلمەسلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ناھايىتى ئاز ساندىكى تەلەيلىك مەھبۇسلارنىڭ جەسىتىلا ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئادەتتە، نۇرغۇن جەسەتلەر ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كېتىدۇ. ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن جەسەتلەرنىڭمۇ بەزىسىنىگ يۈرىكى، بەزىسىنىڭ بۆرىكى، يەنە بەزىسىنىڭ باشقا نازۇك ئىچ ئەزالىرى ئالدىن سۇغۇرىۋېلىنغان بولىدۇ. ئەجەپلىنەرلىكى، بۇ ئۆلۈكلەرنىڭ كۆپ قىسمىغا مەقسەتلىك ھالدا زەھەرلىك چېكىملىك ئۇرۇلغان بولىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارنى زەھەرلىك چېكىملىك تۈپەيلىدىن ئۆلگەن، قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

مەزكۇر ماقالىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىبەتكە ئوخشاشلا 1949 – يىلى خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايون ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ماقالىدا يەنە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پۇخرالار ئۈچۈن ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى پىكىر قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەرقانداق بىر ناھەقچىلىققا قارشى تۇرۇش، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قارشى تۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىپ، ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقى سېھىرلەنگەن. خىتايلارنىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ تۈرلۈك تەھدىتلەرنى سېلىپ قورقۇتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا قاتتىق بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

قىيناش مەھبۇسلارنى ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلماقتا

مەزكۇر ماقالىدا ئالاھىدە دىققەتنى چەكىدىغان بىر نۇقتا، خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان تۈرمىلىرىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىدۇر.

ماقالىدا ئەينەن ھالدا مۇنداق دېيىلگەن: غەرب ئەللىرىگە ئەكىلىپ سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي تۈرمىلىرىدا ۋە ئىش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈر بالىلار تەرىپىدىن ئىشلىنىۋاتىدۇ. غەربلىكلەر بۇ ماللارنى چەكلىشى كېرەك. خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتچىلەر ئۇزۇن مۇددەت يالغۇز سولاپ قويۇلىدۇ. كۈنىگە 16 سائەتتىن ئىشلىتىلىدۇ ۋە خالىغانچە ئۇرۇلىدۇ. ھەتتا تۇرمىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يۇيۇش، غۇرۇرىنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللانغان چارىلىرىنىڭ ۋەھشىلىكى، نۇرغۇن مەھبۇسلارنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.

ماقالىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا – قىشلاقلىرىغا قەدەر دوختۇر ماشىنىسىنىڭ چارلاپ يۈرىدىغانلىقى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان بۇ ماشىنىلارنىڭ ھەتتا 9 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىمۇ دېزىنفېكسىيەسىز سايمانلار بىلەن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقى ۋە ھامىلىدار ئاياللارنى بىر ئۆمۈر تۇغالماس قىلىۋېتىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: بۇ خىل ناھەقچىلىقلارنى خىتايغا بارغان غەربلىكلەر بايقىيالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەتراپى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان بولىدۇ. ئۇلار ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئەينەن بىلىش ئىمكانىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت جەمئىيەتنىڭ سىرتقى ياسالما قىياپىتىنىلا كۆرۈپ قايتىپ كېلىدۇ. (ئەكرەم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت