ئارا دادامتۇ كەنتىدىكى ئاياللار يەر ‏ - زېمىنلىرىنى قوغداپ قالدى

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىز ئۆتكەنكى پروگراممىلىرىمىزدا، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزا بۇلاق كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ باغ ۋە يەر مەسىلىسى ھەققىدە خەۋەرلەر سۇنغان ئىدۇق. بۈگۈن يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان بىر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ.
RFA Photo

بۈگۈنكىسى، دادامتۇ يېزىسىنىڭ ئارا دادامتۇ كەنتىدە ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ۋەقە. پەرقلىق يېرى، ئارادادامتۇ كەنتىدە، مەسىلىنى ئاياللار ھەل قىلغان، يەنى 7 نەپەر ئايال توپا تۈرتۈش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي تېرىقچىلىق پىلانى ئارقىلىق يەر تارتىۋېلىش زوراۋانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە غەلىبە قازانغان.

غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىنىڭ بۇلاق دادامتۇ كەنتىدىكى دېھقانلار، ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي تېرىقچىلىق پىلانى سەۋەبلىك يىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. بۇ يېزىنىڭ ئارا دادامتۇ كەنتىنىڭ دېھقانلىرى بۇ تەجرىبىگە ئاساسەن، مەزكۇر پىلانغا قارىتا پەرقلىق تەدبىر قوللاندى. يەنى مەجبۇرىي تېرىقچىلىق پىلانىغا قارىتا شىددەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئوخشاش ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئالدى.

بۇ پروگراممىمىزدا، بۇلاق دادامتۇ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ يىرىنى تارتقۇزۇپ قويۇش ۋەقەسى ھەققىدە، شۇنداقلا ئارادادامتۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەسىلىگە قانداق تەدبىر قوللانغانلىقىغا  ئائىت ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىدىن سىلەرنى خەۋەردار قىلىمىز.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئارادادامتۇ كەنتىنىڭ باشلىقى ئادىلمۇ ئېتىراپ قىلدۇ؛ ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە كۆكتات سودىسى ياخشى بولىۋاتىدۇ. دادامتۇ يېزىسى بۇ سودا ئۈستىدە چەتئەل بىلەن كۆپ مىقداردا توختاممۇ تۈزگەن؛ بىر قىسىم دېھقانلار پايدىمۇ ئالغان. ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، پايدا ئېلىۋاتقانلار، يەرلىك دېھقانلار يەنى ئۇيغۇرلار ئەمەس، يەنىلا خىتاي كۆچمەنلىرى.

دادامتۇ يېزىسىنىڭ باشلىقى جۈرئەت، يەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەس، 5 يىللىق ئىجارىگە ئېلىنماقچى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا دېھقانلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايوندىن مەخسۇس ئادۋوكات تەكلىپ قىلغان؛ ئەمما، بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئارادادامتۇلۇقلار ئىشەنمىگەن. ئارادادمتۇلۇقلار پەقەت قوشنىسى بۇلاق دادامتۇلۇقلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرگىلا ئىشەنگەن ۋە بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن خىتاي دېھقانلىرىغا تارتىپ ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتى دەپ چۈشەنگەن.

ئارادادامتۇ ئاياللىرى ئارقا - ئارقىدىن توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتقاندىن كېيىن، ۋەقەگە ئېتىز مەيدانىدىكى ئەركەكلەرمۇ ئارىلاشقان. شۇ كۈنكى نەق مەيداندا، يېزا ۋە شەھەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ساقچىلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، شىددەتلىك قارشىلىق ئالدىدا چارىسىز قالغان. بىرقىسىم كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىكى مەيدانىدىن ۋاز كەچكەن.

ئاخىرىدا كادىر ۋە ساقچىلار شۇ كۈنلۈك پىلانىدىن ۋاز كەچكەن. يەنىلا خاتىرجەم بولالمىغان يېزا دېھقانلىرى غۇلجا شەھەر ۋە ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇس ئىجارىگە ئېلىپ يولغا چىققان. ئەمما ئەرزدارلار، يېرىم يولدا توسۇپ قېلىنغان. ئەمما، ئارادادمتۇلۇقلارنىڭ ھەم قاتتىق ھەم يۇمشاق شەكىلدىكى قارشىلىقى ئاخىرقى ھېسابتا ۋاقىتلىق بولسىمۇ نەتىجە بەرگەن. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە يېزا باشلىقى ئېزىزى بىزگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەردى.

ئۇيغۇر تارىخىدا، ھەقىسزلىققە قارشى ھەرىكەتلەر ھېچقاچان توختاپ قالغان ئەمەس؛ بۇ قېتىم ئارادادامتۇدا يۈز بەرگەن ۋەقە بىر ئۆزگىلىچىككە ئىگە؛ ئۇ بولسىمۇ، مەسىلىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئاياللاردۇر.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە، ئارادادامتۇ ئاياللىرىنىڭ، ئۆز كەنتىدە يۈز بەرگەن يەر ماجىراسىنى قانداق ھەل قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلاتتۇق.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت