دالاي لامانىڭ سۆھبەت ھەققىدىكى باياناتى خىتاينى مۇزاكىرە ئۈستىلىگە مەجبۇرلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى تىبەت روھانى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن يەنە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دالاي لامانىڭ يېقىنقى سۈرىتى.
دالاي لامانىڭ يېقىنقى سۈرىتى.
AFP Photo

خىتاي سۆھبەت توغرىسىدىكى باياناتىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى دالاي لاما خىتاينى سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ پوزىتسىيىسى ئۆزىنى ئۆمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى، تۇتقان يولىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي بۈگۈن دالاي لامانى سۆھبەتنى قەدىرلەشكە چاقىردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانى خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنى قەدىرلەشكە چاقىرغانلىقىنى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ "پات يېقىندا " دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە سۆھبەتنىڭ قايسى كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ تىبەت پايتەختى لخاسادا ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭ يۈز بەرگەنلىكى، " تىبەت بۆلگۈنچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە چىقارغان قالايمىقانچىلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا قارىماي سۆھبەت پات يېقىندا باشلىنىدۇ" دېگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەمەلدار يەنە دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى "بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشى شۇنداقلا مەركىزى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنقى شەرتلەرگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇشى لازىم " دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىلى ئارىسىدىكى ئاخىرقى سۆھبەت بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا يەنى 7 ‏ - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامادىن تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى، 8 ‏ - ئايدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى قالايمىقان قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بولسا بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ 2 - 3 كۈن ئىچىدە باشلىنىشىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېلەر ئاي دارامسالادا چاقىرىلىدىغان دۇنيا تىبەت قۇرۇلتىيىغا قەدەر تىبەت مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوڭ رېنپوچى ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرلارغا ئەگەر خىتاي ئۆز سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىمىسە، نويابىردىكى دۇنيا تىبەتلەر قۇرۇلتىيىدا مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىش يولىغا قايتىش مەسىلىسى مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقىنى، بۇنى ھېچكىمنىڭ توسالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 2002 ‏ - يىلى خىتاي - تىبەت سۆھبىتى ئەسلىگە كەلگەندىن بېرى تەرەپلەر جەمئىي 7 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي مەسىلىلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان ئىدى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ بىرى تىبەتنىڭ جۇغراپىيىلىك مەمۇرى بىرلىكىدۇر. دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ مەمۇرى چېگرىسى تىبەت ئاپتونوم رايونى شۇنداقلا چىڭخەي، گەنسۇ، يۈننەن ۋە سىچۈەندىكى تىبەت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا پۈتۈن تىبەتلەرنى بىر مەمۇرى رايونغا توپلاش پىكرىنىڭ "ئەمەلىيەتكە توغرا كەلمەيدىغانلىقى"نى ئەسكەرتىپ، تىبەت تەرەپنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بولسا دالاي لامانىڭ تەلىپى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا زىت كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ۋۇدراۋ ۋىلسون تەتقىقات مەركىزىدە چاقىرىلغان "خىتاينىڭ تىبەت سىياسى" دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن مەكتىپىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور لوبساڭ سانگاي بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 4 ‏ - ماددىسىدا ۋە مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 12‏ - ماددىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئاپتونوم رايونلارنى قۇرۇشقا بولىدۇ، دېيىلگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش ئاپتونوم رايونلار جۇاڭزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلاردا قۇرۇلدى. تىبەتلەرمۇ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان خەلىقتۇر. لېكىن ئۇلار تىبەت ئاپتونوم رايونى، گەنسۇ، يۈننەن، چىڭخەي ۋە سىچۈەنلەرگە بۆلۈۋېتىلگەن." بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى 4 ‏ - ماددا بىلەن مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى 12 ‏ - ماددىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن سانگاي " شۇڭا تىبەتلەرنىڭ بىر مەمۇرى رايوندا ياشاش تەلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئالاھىدە ئىمتىياز تەلەپ قىلغانلىقى ئەمەس.... ئۇلار پەقەت خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغا رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ"، دەپ كۆرسەتتى.

 سامدوڭ رېنپىوچى دۈشەنبە كۈنى تىبەت مۇستەقىللىقى پىكىرى باش كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئالدىدا دالاي لاما خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكى ئۆزىدە ئۈمىدسىزلىك ياراتقانلىقىنى، تىبەتكە دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى ئاساسىدىكى ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغان ئوتتۇرا يولى ئاقمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ يولنى تەرك ئېتىشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ " ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتايغا قاراتقان ئوتتۇرا يولنى ناھايىتى سەمىمىي ئىجرا قىلغان بولساممۇ، لېكىن بۇ خىتاي تەرەپنىڭ ھېچقانداق ئىجابىي جاۋابىغا ئېرىشەلمىدى....،" دېگەن ئىدى. مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دالاي لامانىڭ سۆزىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تىبەت روھانى داھىسىنىڭ سۆزى ئۇنىڭ تۇتقان يولىنى تەرك ئەتكەنلىك مەنىسىگە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دالاي لامانىڭ سۆزى غەرب ئەللىرىدە زور غۇلغۇلا قوزغىماي قالمىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى سۆھبەتنىڭ ۋاقتى، سۆھبەت مەزمۇنىغا دائىر كونكرېت مەزمۇنلار ئۈستىدە توختىلىشنى خالىمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باياناتىدا دالاي لاماغا قاراتقان ھۇجۇمنىڭ تونى بىر ئاز نازاكەت تۈسى ئالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي دالاي لامانىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دالاي لاما " ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، ئۆز سەمىمىيىتىنى نامايەن قىلىشى شۇنداقلا ئۆزى ھايات ۋاقتىدا تىبەت خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشى لازىم " دېگەن. لېكىن دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بولسا دالاي لامانىڭ خىتايغا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا يولىنى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي ھېرىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىكى ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىرى، دالاي لامانىڭ تىبەتنى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى، دەپ جاكارلىشىنى تەلەپ قىلىشتۇر. لېكىن دالاي لاما ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرمىدى. ۋىلسون تەتقىقات مەركىزىدىكى ئىلمىي يىغىندا ئىندىئاننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى، تىبەتلەر مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ئېللىئوت سپەرلىڭ، خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنىڭ تارىخىي ئاساسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

خىتايلارنىڭ تىبەتنى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە يەنى موڭغۇللار دەۋرىدە خىتاينىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئېللىئوت سپېرلىڭ، لېكىن " يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرىنى موڭغۇللار، دەپ ھېسابلىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنى بۈيۈك موڭغۇللار ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى، دەپ قارايتتى. بۇ شۈبھىسىزكى قۇبلەيخاننىڭمۇ قارىشىدۇر.... قۇبلەيخان ئۆزىنى خىتاينىڭ ئىمپېراتورى، دەپ قارىمىغان. يۈەن سۇلالىسى موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىپايان بىر ئىمپېرىيىنىڭ خىتاينى ئىدارە قىلىدىغان بىر پارچىسىدۇر خالاس" دەيدۇ.

دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى Topten Samphel شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تىبەتلەر بىلەن پات يېقىندا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېگەن ": دالاي لاما تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى دالاي لامانىڭ شەخس ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ ۋە يەنە بىر نۆۋەتلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ."

خەۋەردە سۆھبەت خىتاينىڭ قايسى ئورگانى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يىتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇنقى سۆھبەتلەر خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى لودى گيارى باشچىلىقىدىكى تىبەت سۆھبەت ئۆمىكى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت