كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن خارپەر دالاي لاما بىلەن رەسمىي كۆرۈشىدۇ

2007-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى روھانىي داھىسى دالاي لاما كانادا پارلامېنتى تىبەت دوستلۇق كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن كېلەر ئايدا كانادانى زىيارەت قىلىدۇ. كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن خارپەر دالاي لاما بىلەن رەسمىي شەكىلدە كۆرۈشىدۇ. بۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئوتتاۋادا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنسىمۇ، ئەمما كۆرۈشىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىت يەنىلا ئېنىق ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئۇچرۇشۇشنىڭ دىپلوماتىك دەرىجىسىنىڭ يوقۇرى بولىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.

يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ستېپھېن خارپەر دالاي لاما بىلەن رەسمىي شەكىلدە كۆرۈشسە ئەسلىدىلا جىددىيلەشكەن كانادا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە يەنە بىر سۈركىلىش ئېلىپ كېلىدۇ ۋە خىتاي تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىگىمۇ بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ،دەپ قارىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى تىبەت مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ سىمۋولى،دەپ قارايدۇ. كانادا ھۆكۈمىتى بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاينىڭ نۇقتىئىنەزىرى

كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن خارپەرنىڭ تىبەتنىڭ روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن رەسمىي شەكىلدە كۆرۈشىدىغانلىقى "يەرشارى پوچتىسى گېزىتى" ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا دائىرىلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئوتتاۋادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، "دالاي لاما سۈرگۈندىكى روھانىي رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىنىي بايراقنى كۆتۈرۈۋېلىپ، خىتاينى پارچىلايدىغان ھەر خىل ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى --ئۇ نەگىلا بارمىسۇن ۋە قانداق نام بىلەن ئاتالمىسۇن پۈتۈنلەي دىنىي ياكى خۇسۇسىي ئەمەس ، مەقسەت خىتاينى پارچىلاش. بىز ھەرقانداق دۆلەتنىڭ دالاي لامانىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىشىگە شۇنداقلا يەنە ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز " دېيىلگەن.

دالاي لاما كانادا پۇقراسىدۇر

دالاي لامانى كاناداغا تەكلىپ قىلغان كانادا پارلامېنتى تىبەت دوستلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، سېناتور كونسىگلىئو دى نىنونىڭ قارىشىچە، دالاي لامانى كاناداغا تەكلىپ قىلىش ۋە كانادا باش مىنىستىرىنىڭ قايسى شەكىلدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر كانادانىڭ ئىچكى ئىشى: "تىبەتنىڭ روھانىي لىدېرى دالاي لامانى كاناداغا، باش مىنىستىرىمىز ئەمەس، كانادا پارلامېنتى تىبەت دوستلۇق كومىتېتى تەكلىپ قىلدى. شۇڭا بۇ ئىش خىتاي ‏- كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دەپ قارايمەن.نۆۋەتتە خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىمىز راۋاجلانماقتا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىمۇ جانلانماقتا. كانادا سېخىيلىك بىلەن خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا كۆچمەنلىك يولىنى ئېچىپ، ئۇلارنى كانادانىڭ بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە دالاي لاما كانادانىڭ پەخرى پۇقراسى. باش مىنىستىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە ئۇنى كاناداغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىقلار كانادانىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش،" دەيدۇ.

دۇنيادا 40-50 دۆلەتنىڭ پارلامېنتىدا تىبەت دوستلۇق كومىتېتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتكەن سېناتور كونسىگلىئو دى نىنونىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىش ئەمەس،ئەكسىنچە دالاي لاما ۋە تىبەت خەلقىنىڭ خىتايدىن ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى قوللاش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

دالاي لامانىڭ كانادا زىيارەتلىرى ئارخىپى

دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئەمەلىيلەشسە، ئۇنىڭ كانادانى 3-قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ شۇنداقلا ستېپھېن خارپەر دالاي لامانى قوبۇل قىلغان كانادانىڭ ئىككىنچى رەھبىرى، دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. 2004-يىلى دالاي لاما كانادانى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغاندا،لىبېرال پارتىيىدىن بولغان سابىق باش مىنىستىر پائۇل مارتىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، ئەمما بۇ 15 مىنۇتلۇق كۆرۈشۈش ئوتتاۋادىكى رومان كاتولىك چېركاۋىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

بۇلتۇر سېنتەبىر ئېيىدا دالاي لاما كانادانى 2-قېتىم زىيارەت قىلغاندا بولسا، باش مىنىستىر ستېپھېن خارپەر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئۆزىنى تارتقان ۋە ئەينى ۋاقىتتا كانادا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ستېپھېن خارپەرنىڭ پارلامېنت ئىشلىرى كاتىبى ۋە شۇنداقلا مەدەنىيەت مىنىستىرى بولغان جاسون كېننېي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا مۇتەخەسسىسلەر، ستېپھېن خارپەر، كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلە بولغان ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىلىشىدىن ئەنسىرەپ، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئۆزىنى تارتتى،دەپ باھا بەرگەنىدى. ئەمما ئۇ قېتىم كانادا ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېنچلىق يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىق سالاھىيىتى بەرگەنىدى.

بۇ قېتىم كانادانىڭ دالاي لاماغا كۆرسىتىدىغان ھۆرمىتى ئىلگىرىكىدىن يوقۇرى

كانادا كارلېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى جېرېمي پالتىئېل سابىق باش مىنىستىر پائۇل مارتىن بىلەن نۆۋەتتىكى باش مىنىستىرى ستېپھېن خارپەرنىڭ تىبەتنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش ئۇسۇلىدىكى پەرقلەر ئۈستىدە توختىلىپ: "سابىق باش مىنىستىر پائۇل مارتىننىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى رەسمىي ئەمەس، بەلكى خۇسۇسىي كۆرۈشۈش بولغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇچرىشىش كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلمىگەن. كانادا مەتبۇئاتلىرى، ستېپھېن خارپەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق بولۇشىنى يەنى ئۇنىڭ دالاي لاما بىلەن ھۆكۈمەتكە ئائىت ئورۇندا كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. ئەگەر شۇنداق بولسا، تىبەتنىڭ روھانىي لىدېرىگە بېرىلگەن ھۆرمەت ئىلگىرىكىدىن يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ شۇنداقلا بۇ خىتاي دائىرىلىرىگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،" دەيدۇ.

ھازىرغىچە، كانادا دائىرىلىرى دالاي لامانىڭ كانادا زىيارىتى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.ئەمما كانادا مەتبۇئاتلىرى ستېپھېن خارپەرنىڭ بۇ قارارىنى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغان خىتاي دائىرىلىرىگە بېرىلگەن قاتتىق جاۋابلارنىڭ بىرى، دەپ باھا بەرمەكتە. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت