دالاي لاماغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مىدالى بېرىلدى

2007-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
Dalailama-200.jpg
10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دالاي لاما ئامېرىكا پارلامېنتى تەقدىم قىلغان ئالاھىدە ئالتۇن مېدالنى پرەسىدېنت بۇشتىن قوبۇل قىلماقتا. AFP Photo

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي مۇراسىمغا قاتنىشىپ، دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالىنى دالاي لاماغا ئۆز قولى بىلەن بەردى. دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى شەرەپ مۇكاپاتى بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ دالاي لاماغا بېرىلىشى خىتاي دائىرىلىرىگە بېرىلگەن كۈچلۈك بىشارەت، دەپ قارالماقتا.

بۇش: " دالاي لاما بەيئەت قىلغۇچىلارنىڭ روھىي يېتەكچىسى شۇنداقلا ئۆز خەلقىنىڭ ئۈمىد نۇرى"

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مىدالى، ئامېرىكىنىڭ پۇقرالارغا بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شەرەپ مۇكاپاتى بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 2006 ‏- يىلى 9 ‏- ئايدا دالاي لامانىڭ تىنچلىق، غەيرى زوراۋانلىق ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تەقدىرلەش مەقسىتىدە بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بېرىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان ئىدى.

دالاي لاما مۇكاپاتنى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت بۇشنىڭ قاتنىشىشىدىكى ھەيۋەتلىك بىر مۇراسىمدا تاپشۇرۇۋالدى. مۇراسىمدا پرېزىدېنت بۇش، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتى ئېلېي ۋېيسېللار سۆز قىلىپ، لاماغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. پرېزىدېنت بۇش مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتقىدا دالاي لامانى ماختاپ، خىتاي رەھبەرلىرىنى دالاي لامانى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىشقا چاقىردى. دالاي لامانى" تىنچلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال سىمۋولى، بەيئەت قىلغۇچىلارنىڭ روھىي يېتەكچىسى شۇنداقلا ئۆز خەلقىنىڭ ئۈمىد نۇرى " دەپ تەكىتلىگەن بۇش، ئامېرىكا دىنىي كەمسىتىشكە قاراپ تۇرمايدۇ شۇنداقلا بۇنىڭغا جىددىي قارايدۇ ۋە بۇنى رەت قىلىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

دالاي لاما: "مېنىڭ يوشۇرۇن پىلانىم يوق "

DalailamaRFA-200.jpg
10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دالاي لاما ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ يېتەكچىسى نانسىي پولوسىي خانىمغا "خادا" تەقدىم قىلماقتا. RFA Photo

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن چەتئەللىك زاتلار كۆپ ئەمەس بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ مېدالغا ئېرىشكەن چەتئەللىك ئەرباپلار ئىچىدە رىم پاپاسى جون پائۇل - 2، جەنۇبىي ئافرىقا رەھبىرى نىلسون ماندېلا، مۇناخ تېرىسسا، ئەنگىلىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تونىي بلايېر قاتارلىقلار بار.

دالاي لاما مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئامېرىكا خەلقى ۋە پرېزىدېنت بۇشنىڭ تىبەت خەلقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، "مەن ئىشىنىمەنكى ، بۇ مۇكاپات تىنچلىق، ئۆز ‏- ئارا چۈشىنىش ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا تىرىشىۋاتقان نۇرغۇن شەخسلەرگە ناھايىتى كۈچلۈك رىغبەت بېرىدۇ. مەن بىر شەخس بولۇش سۈپىتىمدە بۇ مۇكاپاتنىڭ مەندەك بىر راھىپقا بېرىلگەنلىكىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم ۋە ھاياجانلاندىم "دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە بۇ مۇكاپاتنىڭ تىبەت خەلقىغە زور خوشاللىق ۋە ئىلھام بەخش ئېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. دالاي لاما، 2008 ‏- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئولىمپىك يىغىنى خىتاينىڭ تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلىشى ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەۋىر- تاقەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "مېنىڭ يوشۇرۇن پىلانىم يوق " دەيدۇ.

بۇش: "مەن دىنىي ئەركىنلىكنى قوللايمەن "

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇراسىمغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، رادىئومىزغا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇراسىم ھەققىدە توختالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەيدىغان بۇ يىل 72 ياشتىكى دالاي لامانى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالتۇن مىدالى بىلەن مۇكاپاتلاشنى ھەمدە پرېزىدېنت بۇشنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى، سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇراسىمنى بىكار قىلىشنى، بولمىسا بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پرىنسىپىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە خىتاي خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن پرېزىدېنت بۇش شۇ كۈنى ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، مۇراسىمغا قاتناشسا بۇ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش، "مەن دىنىي ئەركىنلىكنى قوللايمەن، دالاي لاما دىنىي ئەركىنلىكنى قوللايدۇ..... مەن بۇ ئادەمنى شەرەپلەندۈرمەكچى. مەن خىتايلارغا دىنىي ئەركىنلىك بىزنىڭ دۆلىتىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئەسكەرتىپ كەلدىم. مەن يەنە ئۇلارغا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە، بۇ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم شۇنداقلا مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردۇم " دەيدۇ.

دالاي لاما: " تىبەت كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ جىددىي تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ"

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنونىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش بۇ يىل 8 - ئايدا ئاۋسترالىيىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پەرىنو، "پرېزىدېنتنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئادىتىدىكى ئالاھىدە بىر ۋەقە " دېگەن. دالاي لاما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇراسىمدا سۆزلىگەن سۆزىدە، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ، مەقسىدىنىڭ تىبەتكە "ھەقىقىي ئاپتونومىيە" تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دالاي لامانىڭ ئەسكەرتىشىچە، تىبەت كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ جىددىي تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يەرلىك تىبەتلەرنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپىنى كۈچەيتىپلا قالماي، بۇ يەنە بۇ تىبەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ۋە مەدەنىيىتىگە جىددىي خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن. چارشەنبە كۈنكى مۇراسىم پرېزىدېنت بۇشنىڭ دالاي لاما بىلەن بىرىنچى قېتىم بىر ئاممىۋىي سورۇندا ئاشكارا بىر ئارىغا كېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇش، سەيشەنبە كۈنى دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۈتۈۋېلىش غەيرىي رەسمى يوسۇندا ئېلىپ بېرىلدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت