ھىندىستاندىكى تىبەت ياشلىرى يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى

2008-03-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن 3 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ياشلىرىدىن 100 دىن ئارتۇق كىشى ھىندىستاننىڭ تاغلىق شەھىرى درامسالادىن يۇرتقا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر باشلىدى. ئۇلار ھىمالايا تاغلىرىدىن پىيادە ھالقىپ ئۆتۈپ، بىرنەچچە يۈز كىلومېتىر يول بېسىپ تىبەتكە بېرىپ ئەركىن تۇرمۇش كۆچۈرۈشنى ئويلايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئارزۇيى 2008 ‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا ئەمەلگە ئېشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

تىبەت ياشلىرى يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان

تىبەت ياشلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان ۋاقتى دەل 1959 ‏- يىلى تىبەتلەرنىڭ كوممۇنىست ئىشغالىيىتىگە قارشى پارتلىغان قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولۇپ، دالاي ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدىن قوغلىنىپ چەتـئەلگە كېتىشكە باشلىغان كۈنگە توغرا كەلدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق، دۇنيادا تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تىبەتلەرنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىدىن خەۋەردار قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم يۇرتقا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان تىبەت ياشلىرى ھىمالايا تاغلىرىدىكى قايسى يوللار بىلەن چېگرىدىن يۇشۇرۇن ئۆتۈپ تىبەتكە كىرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تىبەت ياشلىرى يۇرتىغا قايتىش سەپىرىنى باشلاشتىن بۇرۇن، تىبەتنىڭ دىنى داھىسى دالاي لاما بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللايدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ بۇنداق بىر ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە، تىبەت خەلقىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى ۋە مىللي تەڭ ‏- باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

يۇرتقا قايتىدىغان تىبەت ياشلىرى خىتاينىڭ ھېچقانداق شەرتىنى قوبۇل قىلمايدۇ

مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ھىندىستاننىڭ تاغ شەھىرى دارامسالادىكى باش ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى سېرىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، تىبەت ياشلار تەشكىلاتى بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن تاكى تىبەتتە ئەركىنلىك يولغا قويۇلمىغىچە، خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بىز ھازىرمۇ شۇ گېپىمىزدە تۇرىمىز، ھازىر يۇرتىمىزغا قايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر باشلىدۇق، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق شەرتىنى قوبۇل قىلمايمىز، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر قانداق ئاقىۋەتكە تەييارلىق قىلىپ قويدۇق، دېدى.

مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر نېپالدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن تىبەت ياشلىرى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىۋاتقاندا، نېپالدىكى تىبەتلەردىن مىڭدەك ئادەم خىتاينىڭ نېپالدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى، نامايىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنى ئۆز يۇرتىدا ياشاش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقىغا نارازىلىق ئىپادىلىدى. نامايىشچىلار بىلەن نېپال ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

جاڭ چىڭلى ئىككى چوڭ يىغىندا 'دالايلاما ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ' دەپ ئەيىپلىدى

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، خىتاينىڭ تىبەتكە بەلگىلىگەن باش ئەمەلدارى جاڭ چىڭلى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى يىغىنىدا 'ھازىر پۈتۈن دۇنيا 2008 ‏ - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللاۋاتسا، دالاي لاما بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، تەھدىت سېلىۋاتىدۇ' دېسە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەردىن تاللىۋالغان ئەمەلدار شامبا پىڭسو 'ھۆكۈمىتىمىز ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىپ قويدى' دەپ جاكارلىغان.

تىبەت مۇساپىرلىرى ئولىمپىيا شەھىرىدە 'تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلى' ياقتى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن گرېتسىيىدىكى تىبەت مۇساپىرلىرى دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەڭ بۇرۇن باشلانغان ئولىمپىيا شەھىرىدە 'تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلى'نى ياقتى. ئۇلار بۇ مەشئەلنى 50 شەھەردىن ئۆتكۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ يىل 8 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى تىبەتنىڭ چېگرىسىغا ئېلىپ بارىدىكەن.

لاسادا 300 راھىپ مۇستەقىللىق شۇئارى توۋلاپ نامايىش قىلدى

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تىبەتنىڭ لاسا شەھىرىگە يېقىن جايدىكى جېباڭ ئىبادەتخانىسىدىن 300 دىن ئارتۇق راھىپ ۋە راھىبە شەھەرگە كىرىپ 'تىبەتكە مۇستەقىللىق' دەپ ئۈنلۈك شۇئار توۋلاپ نامايىش قىلدى. خىتاينىڭ تىبەتتىكى ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى نامايىشچىلارنى توسۇۋالدى. ئىككى تەرەپ توقۇنۇشتى. خىتاي دائىرىلىرى 10 نەچچە راھىبنى تۇتۇپ كەتتى. نامايىشچىلار ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈردى. بۇ ۋەقە كېڭەيمەكتە. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت