قاراتاغىزدىكى دېھقانلار بېيجىڭدىن يۇرتىغا قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەندىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى

ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا، خوتەننىڭ قاراتاغىز دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى دېھقانلار چىلان ۋە پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن بازاردا سېتىش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، بېيجىڭغا داۋا قىلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﮬﻮﺷﯘﺭ
2010-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﺍﺗﺎﻏﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ، ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻴﻪﻧﺌﻪﻧﻤﯧﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺑﻮﺷﯜﻥ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﭼﯜﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

http://peacehall.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار مەسىلىنى تۆۋەندە ھەل قىلىش ھەققىدە ئۇلارغا خەت يېزىپ بەرگەن. ئۇلار بۇ جاۋابقا رازى بولماي تۇرۇۋالغاندا، خوتەندىكى بىڭتۈەننىڭ ساقچى ۋە كادىرلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش ۋەدىسى بىلەن يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ئىدى.

 بۈگۈنكى ئىگىلىشىمىزدىن قارىغاندا، ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بىڭتۈەن دائىرىلىرى ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان ۋە پاختا ۋە چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى يەنىلا دۆلەتكە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. دېھقانلار نارازىلىق بىلدۈرگەندە قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت