دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى(3)

ئامېرىكىدا تىبەتچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'تىبەتكە نەزەر' ژۇرنىلىنىڭ 42‏ - سانىدا ئېلان قىلىنغان 'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ 1979‏ - يىلى چەتئەللەردىكى تىبەتلەرنىڭ تىبەتكە ئەركىن كېلىپ - كېتىشىگە، تىبەتتىكى تىبەتلەرنىڭمۇ ھىندىستانغا ئەركىن بېرىپ - كېلىشىگە رۇخسەت دەپ جاكارلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-04-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﯨﯔ ﺷﯩﺌﺎﯞﭘﯩﯖﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﯨﯔ ﺷﯩﺌﺎﯞﭘﯩﯖﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA File

دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى تىبەتكە كەلگەندە ياڭرىغان 'ياشىسۇن دالاي لاما' دېگەن شۇئاردىن قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەن دېڭ شاۋپىڭ تىبەتنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خۇ ياۋباڭنى مەسئۇل قىلغان.

دېڭ شاۋپىڭ چەتئەللەردىكى تىبەتلەرنىڭ ئەركىن كېلىپ - كېتىشىگە، تىبەتتىكى تىبەتلەرنىڭمۇ ھىندىستانغا ئەركىن بېرىپ - كېلىشىگە رۇخسەت دەپ جاكارلىدى

ئامېرىكىدا تىبەتچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'تىبەتكە نەزەر' ژۇرنىلىنىڭ 42‏ - سانىدا ئېلان قىلىنغان 'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى رۇەن مىڭ بايانىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:

خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 3‏ - ئومۇميىغىنىدىن كېيىن ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى. دېڭ شاۋپىڭ ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا دېڭ شاۋپىڭ 'تىبەت مەسىلىسى' دېگەن مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلماقچى بولدى. ئۇ ئالدى بىلەن 1979‏ - يىلى 3 ‏ - ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنى دالاي لامانىڭ ئاكىسى گيالو تۈندۇپ بىلەن كۆرۈشتى. بۇ چاغدا دېڭ شاۋپىڭ خۇددى 1954‏ - يىلى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتىكى ماۋ زېدۇڭغا ئوخشاش ئۆزىگە قالتىس ئىشىنىدىغان ھەم 'كەڭ قوساق' بولۇشقا تىرىشتى.
 
دېڭ شاۋپىڭ 'تىبەتنى مۇستەقىل قىلىش' تىن باشقا ھەر قانداق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ دېگەندە، گيالو تۈندۇپ 'يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان، چەتئەللەرگە كەتكەن تىبەتلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ قويۇلدى، ئۇلار تىبەت چېگرىسى ھىندىستانغا ئېچىۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ' دېدى.

دېڭ شاۋپىڭ ئۇنىڭغا 'مەسىلە يوق، چەتئەللەردىكى تىبەتلەر ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كەلسە قارشى ئالىمىز، ئەركىن كېلىپ - كېتىپ تۇرىۋەرسۇن، تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى تىبەت قېرىنداشلارمۇ ھىندىستانغا ئەركىن بېرىپ - كېلىپ تۇرىۋەرسۇن، ساياھەت قىلامدۇ، ھەج قىلامدۇ، توسقۇنلۇق يوق. مەن بۈگۈنلا بۇيرۇق چۈشۈرىمەن' دەپ جاكارلىدى.

گيالو تۈندۇپ 'پەنچەن لاماغا ناھەق بولدى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە' دېگەندە، دېڭ شاۋپىڭ 'مەن ھازىرلا مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئادەم تەيىنلەيمەن، پەنچەن لامانى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە مۇئاۋىن رەئىس قىلىمەن' دەپ جاكارلىدى.

گيالو تۈندۇپ 'دالاي لاما ھىندىستاندا كۆپ مەكتەپ ئاچتى، ناھايىتى كۆپ تىبەت ياشلىرى يېتىشىپ چىقتى. تىبەتتە ھازىر مۇئەللىم كام، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تىبەتكە قايتىپ كېلىپ مۇئەللىملىك قىلسا' دېگەندە، دېڭ شاۋپىڭ 'بىر نەچچىسى ئەمەس، ھەممىسى قايتىپ كەلسۇن، ھەم تىبەتچىنى ھەم ئېنگىلىزچىنى بىلىدىغانلار مۇئەللىم بولمىسا كىم بولىدۇ'، 'ئاساسىي قانۇندىكى چوڭ ئېچىلىش - سايراش، چوڭ خەتلىك گېزىت، چوڭ مۇنازىرىنى بىكار قىلغان تۆت كىشىلىك گۇرۇھ يوقىتىلدى. ئەمدى تىبەتلەرنىڭ پىكرى بولسا، قايتىپ كېلىپ ئەركىن ئوتتۇرىغا قويسۇن، چوڭ خەتلىك گېزىت يېزىپ چاپلىسىمۇ بولىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

دېڭ شاۋپىڭ يەنە ئۇنىڭغا 'سىز دالاي لاماغا ئېيتىڭ، تىبەتلەرلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىدى، مەنمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ئۇ لەنفۇمۇ 9 يىل تۈرمىدە ياتتى. دالاي لاما قايتىپ كەلسۇن، ئۇنى قارشى ئالىمىز، بۇرۇنقى خىزمەت ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ' دېدى.

'ياشىسۇن دالاي لاما' دېگەن شۇئار دېڭ شاۋپىڭنى قاتتىق سىلكىۋەتتى

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىنلا، دېڭ شاۋپىڭ دالاي لاماغا ۋەكىللەر ئۈمىكى ئەۋەتىش توغرىلىق تەكلىپ ئەۋەتتى. ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىرلىكسەپ مىنىستىرى ياڭ جىنرېن بىلەن تىبەتلەردىن چىققان كوممۇنىست پۈنسوگ ۋاڭگيانى بەلگىلىدى. دېڭ شاۋپىڭ شۇ چاغدا، تىبەتتە ھازىر خەلقنىڭ دالاي لاماغا بولغان ئۆچمەنلىكى قوزغىلىپ بولدى، ئۇ كەلسە تىبەت خەلقى يۈزىگە تۈكۈرۈپ، تاش ئېتىشى مۇمكىن، دېگەن قاراشقا كېلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، دالاي لامانىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ پەۋقۇلئاددە مۇھاپىزەتچى ئورۇنلاشتۇردى.

پۈنسۈگ ۋاڭگياي دېڭ شاۋپىڭنىڭ تىبەتلەرگە بولغان چۈشەنچىسى تامامەن خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى تىبەتكە كەلگەندە، بارغانلىكى جايدا 'ياشىسۇن دالاي لاما' دېگەن شۇئار ياڭرىدى. بۇ جاراڭلىق شۇئاردىن قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەن دېڭ شاۋپىڭ، تىبەتنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خۇ ياۋباڭنى مەسئۇل قىلدى.

خۇ ياۋباڭ تىبەت ئۈچۈن 'ئالتە ماددا' بەلگىلەپ، بۇ شىنجاڭغىمۇ ماس كېلىدۇ دەپ جاكارلىدى

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭ 1980‏ - يىلى 3‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى تىبەت خىزمەت يىغىنى چاقىردى. 'يىغىن خاتىرىسى'دە سولچىلىققا قارشى تۇرۇش، ناھەق دېلولارنى ھەل قىلىش، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا 'باي دېھقان' دەپ قايتىدىن سىنىپ ئايرىغاننى بىكار قىلىش، تىبەتتە ناھىيە دەرىجىدىن يۇقىرى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى تىبەتلەردىن بولۇش، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۈرمەت قىلىش، مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خۇ ياۋباڭ 'يىغىن خاتىرىسى' دېگەن بىرلا ھۆججەتنى تارقىتىش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ 1980‏ - يىلى 5‏ - ئاينىڭ 21‏ - كۈنى ۋەن لى، ڭاپۇ ڭاۋام جېنمې، ياڭ جىنرېن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تىبەتكە كېتىۋېتىپ، ئايروپىلان ئۈستىدىلا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا 'بىز بۇ قېتىم تىبەتكە ساياھەتكە ماڭمىدۇق، خىزمەت قىلغىلى، تىبەت خەلقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چوڭ پىلانىنى تۈزگىلى ماڭدۇق. يىغىپ ئېيتقاندا، تىبەتتە ئەمدى تىبەتلەردىن ئېلىنىدىغان دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى كەڭ قويۇۋېتىش، خىتاي كادىرلارنى قايتۇرۇپ كېلىشتىن ئىبارەت، قىسقارتىپ ئېيتقاندا 6 خەتلىك سىياسەت قوللىنىلىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، خۇ ياۋباڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش - تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، تىبەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 'ئالتە ماددا' لىق سىياسەت بەلگىلىدى، بۇنى 'شىنجاڭغىمۇ ماس كېلىدۇ' دەپ جاكارلىدى. بۇ سىياسەتكە ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈنلەر كاشىلا قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت