2010 ‏- يىللىق شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى ئېلان قىلىندى(2)

تۈركىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن "مەزلۇملار جەمئىيىتى" يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچۇراۋاتقان رايون ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. "مەزلۇملار جەمئىيىتى" نىڭ دوكلاتىدا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگ ئەكۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2010-11-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺩﻭﻛﻼﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ
ﺩﻭﻛﻼﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ
RFA

تۈركىيىدە كىشىلىك ھەق ‏-‏ ھوقۇققا ئالاقىدار پائالىيەت قىلىۋاتقان مەزلۇم دەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، 2010 ‏- يىللىق شەرقىي تۈركسىتان ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنىڭ داۋامىدا مۇنداق دېيىلگەن:

"شەرقىي تۈركىستان ئاسىيادا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن رايونلاردىن بىرى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارشى بېسىم سىياسەتلىرى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بارماقتا ۋە دۇنيا بۇ ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا باشتا ياشاش ھەق ‏- ھوقۇقلارغا ئالاقىدار دەپسەندىچىلىكلەر، مەھبۇسلار ئۈستىدىن ئورگان تىجارىتى، نامايىش ۋە توپلىنىش ھوقۇقلارغا دائىر دەپسەندىچىلىكلەر ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار چەكلىمىلەر، مەجبۇرىي ئېشىنچا كۈچى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش، تۇغۇت چەكلەش ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلەر قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەل بولۇشنى كۈتمەكتە. بۇ دوكلات، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلەرگە يەنە بىر قېتىم دىققەتنى تارتىدۇ. باشتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىرىگە، ئۇيغۇرلارغا ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلەرنى يەنە بىر قېتىم خاتىرلىتىدۇ. "

خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ

مەزلۇم دەر جەمئىيىتى دوكلاتتا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار خەلقئارا جامائەتنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق يازغان: خەلقئارا جامائەتنى، ب د ت قاتارلىق پۈتكۈل خەلقئارا تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلەرگە قارىتا، دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن قەدەم بېسىپ ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەزلۇم دەر جەمئىيىتى يەنە خەلقئارالىق كۆزىتىش ھەيئىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي نۇپۇس ئىستاتسكىسىنى ئېنىقلاپ چىقىش. شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولىدىغان، قەتلىئام، تۇغۇت چەكلەش، پىلانلىق تۇغۇت، خىتايلارنىڭ گۇرۇپ شەكىلدە شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەشكە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىدىغان سىياسەتلەرگە، خاتىمە بېرىلىشىدە خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىرق قىلىدۇ. ئىسلام جۇغراپىيىسى دەپ قوبۇل قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان رايونلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

 چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەرگە تەكلىپ

دوكلاتتا يەنە مەزلۇم دەر جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قانچە مۇھىم نۇقتىدا تەكلىپ لايىھىلەر سۇنۇپ مۇنداق يازغان:

"شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەق ‏- ھوقۇق كۆرۈشىنى قىلىۋاتقان چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىش پىلانلىرى ۋە خىزمەت نىشانلارنى بەلگىلىشى. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ ئىستىراتېگىيىلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا بەلگىلەش ۋە خەلقئارالىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى. رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ناھەقچىلىكنى بىر ‏- بىرلەپ ئاڭلىتىش.

 خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىملار

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتايدىن قاچقان ئۇيغۇر كۆچمەنلەر، قوشنا دۆلەتلەردە ئۇزۇن زامان قالالمايدۇ، خىتاينىڭ بېسىم قىلىش سەۋەبىدىن خۇسۇسەن پاكىستان قىرغىزىستان، قازاقىستان، ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاچقان ئۇيغۇرلار ھەر زامان خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بار. خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ ياكى ئەڭ ئاز 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. قايتۇرۇلغانلارنىڭ بەزلىرىدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئېلىنمايدۇ، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ. خىتاينىڭ ئېغىر بېسىم ئاستىدا قېلىپ، ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان ۋە ياكى قىيىن ‏- قىستاققا ئېلىنغان ۋە ياكى ئۇزۇن زامان بىگۇناھ تۈرمىدە يېتىش ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ باشقا دۆلەتلەرگە قاچقان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش، ھەق ‏- ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنسانىي مەجبۇرىيەتتۇر.

دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرلىرى باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئۈستىدىن بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېيىلگەن: چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن پاسپورت مۇددىتى توشقانلارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بەرمەيدۇ. ھەتتا ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كەتكەن دۆلەتلەرنىڭ مۇھاجىرلار ئىشخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۇرۇنماقتا ۋە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى شۇ دۆلەتلەردىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. خىتاي دائىرلىرى باشقا دۆلەتلەردىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ ياكى ئەڭ ئاز دېگەندە 15 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. مۇشۇنداق ۋەزىيەتكە دۈچ كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىر تۈركۈم قانۇنسىز يوللارنى قوللىنىشتىن باشقا چارە تاپالمايدۇ. ۋە بۇ يول بىلەن كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار

نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار قانۇنسىز ھالدا يۇرتىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى. شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ئېگىز تاغلارنى پىيادە بېسىپ ئۆتۈپ قوشنا دۆلەتلەرگە يېتىپ بارغاندا، قوللىرىدا ساياھەت قىلىشقا ئالاقىدار ھېچ قانداق بەلگە يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، ساختا ساياھەت بەلگىلىرى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ خىل قانۇنسىز يوللارنى تاللاشنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېغىر بېسىم ۋە ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قېلىشىدۇر. شۇ سەۋەپتىن قانۇنى ساياھەت قىلىش بەلگىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەتىنىگە قايتالمايدۇ.

مەزلۇم دەر جەمئىيىتى، 2009 ‏- يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارغا قويغان ۋە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلتۈرگەن دۆلەت دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.
مەزلۇم دەر جەمئىيىتى، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە مەسئۇللىرى قانۇنشۇناس ۋە ئادۋۇكاتلاردىن تەركىپ تاپقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت