دۆڭكۆۋرۈك ھەققىدە پاراڭلار (1)

2007-04-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

bazar-200-1.jpg
ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر باققال. AFP PHOTO/PHILIPPE MASSONNET / February 17, 2004

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى لى جى قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي كادىرلار، ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك پىيادىلەر كوچىسىنى زىيارەت قىلىپ " بۇ جايدا ئىسلام تۈسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا، ئۇسۇللىرىنى كۆرەلەيدىغان مىللىيچە ئالاھىدىلىكنى چىقىرىش كېرەك...." دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغانلىقى تەڭرىتاغ تور بېتىدە خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈكتە مىللىي ئالاھىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى مەقسەتلىرى ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلاردا قايتىدىن تۈرلۈك ئىنكاسلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋات بازىرى‏- دۆڭكۆۋرۈك

ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بازىرى بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىپىك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، دوپپىچى ‏- گېلەمچىدىن، ساپالچىغىچە، پىچاقچىدىن ‏- زەرگەرگىچە، قاسساپتىن ‏- باقالغىچە، ساتىراشتىن ‏- تىككۈچىگىچە ھەر تۈرلۈك ئىگىلىك ھەم يەرلىك ماللارنى تاپقىلى بولىدىغان سودا ‏- سېتىق، يىمەك ‏- ئىچمەك ھەتتا بەزىدە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ كارامەتلىرىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىغان،مىيزىلىق ئۇيغۇرچە تائاملاردىن مەززە قىلغىلى بولىدىغان، قاينام تاشقىنلىققا تولغان ھەممىگە باي بازار ئىدى.

دۆڭ كۆۋرۈك ئۆتكەن ‏- كەچكەن سودىگەر ھەم ساياھەتچىلەرگە تونۇشلۇق، ھەر قانداق ئۈرۈمچىگە كەلگەن مۇساپىرلار چوقۇم يوقلىماي ئۆتمەيدىغان بىر ئاۋات بازار بولسا، يەرلىك ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ بىر " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە تېپىلىدىغان بازار"، ئۈلپەتلەر ئۈچرىشىدىغان دوقمۇش، مۇساپىرلارنىڭ بېشىنى سىلايدىغان ساخاۋەتلىك مېھرىبان بىر ماكان يەنى ئۈرۈمچىنىڭ تىپىك قايناق ھايات مەركىزى ھەم سىمۋولى بولۇپ كەلگەن.

دۆڭكۆۋرۈك بازىرىلا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر توپلاشقان بازار بولۇپلا قالماي، دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىنى چۆرىدىكەن مەھەللىلەر بولسا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىگە ئۆي ھەم مەسچىت ۋە دۇكان ئاشخانىلىرى ماسلىشىپ ھاسىل بولغان مىللىي ئولتۇراق ھەم ئاساسلىق پائالىيەت رايونى بولغان.

ئۈرۈمچىنىڭ ستاتىستىلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، -1982 يىلى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ شەرقتىن غەربكىچە ئىگىلىگەن مەيدانى 6756 كۆپ مېتىر بولۇپ 660 تىن ئارتۇق چوڭ ‏- كىچىك ئۇيغۇر دۇكاندارلارنىڭ بازارغا سالغان ماللىرىنىڭ تۈرى 1600 خىلدىن ئاشقان.

دۆڭ كۆۋرۈكتىن دابازاغىچە...

Carrefour-200.jpg
ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ يەنىغا سەلىنغان فرانسىيەنىڭ سودا – سارىيى Carrefour AFP PHOTO/PHILIPPE MASSONNET / February 17, 2004

365 كۈن قايناق ھايات داۋاملىشىپ كەلگەن دۆڭكۆۋرۈكتە بۇ خىل ھايات ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، دۆڭ كۆۋرۈك بازىرىنىڭ ئورنىغا -2001 يىلى خەلقئارا چوڭ بازار نامىدا بۇرۇنقىدىن كۆلىمى چوڭ قىلىپ دۇكان سانى كۆپەيتىلىپ مىللىي ئۇسلۇپتا لايىھىلىنىپ قايتا سېلىنغان بازارئۈرۈمچى كىشىلىرىلا ئەمەس بۇرۇنقى دۆڭ كۆۋرۈكنىڭ ھاياتىغا چۆمۈپ باققان ھەر قانداق كىشى ئۈچۈنمۇ بۇرۇنقى دۆڭكۆۋرۈكنىڭ ئەسلىدىكى قىزغىنلىق ھەم ئىللىقلىقىنى تاپقىلى بولمايدىغان بىر جايغا ئايلانغان.

دۆڭكۆۋرۈك بازىرىلا ئەمەس ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەلىلىلەرمۇ شۇ باھانىدە بۇزۇلۇپ قايتىدىن ياسالدى بۇ جەرياندىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۈرەتلىك ئارخىپلاردىنمۇ كۆرۈۋىلىش تەس ئەمەس. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە 2005 - يىلى 31-ئاۋغۇست " ئۈرۈمچى دۆڭ كۆۋرۈككە جۇڭگو پۇرىقىغا ئىگە سودا كوچىسى دەپ نام بېرىلدى" دېگەن بىر خەۋەر بېرىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى -2001يىلى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ئازاتلىق يولى -37 نومۇرغا جايلاشقان ئەسلىدىكى دۆڭ كۆۋرۈك بازىرىنى شىنجاڭ ئوبراز قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈپ بۇزۇپ قايتا ياسىشى بىلەن دۇكاننىڭ باھالىرى ئۈستۈن بولۇشقا ئوخشاش سەۋەبلەردىن، ئەسلىدىكى ئۇششاق تىجارەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى چوڭ بازاردىن دۇكانغا ئىگە بولالمىغان نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئورنىنى كۆپلىگەن خىتاي سودىگەرلەر ئىگىلەشكە باشلىغان.

ھازىر بۇ جاينىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئەسلىدىكى قىزغىنلىقى يوقاپلا قالماي ئەسلىدىكى ئاتىلىشىمۇ بارغانچە ئۇيغۇرلاردىن يىراقلاشماقتا ئىكەن يەنى كىشىلەر ھازىر بۇ بازارنى دۆڭكۆۋرۈك ئەمەس، ئار - داۋچاۋمۇ ئەمەس، ھەتتا خەلقئارا چوڭ بازار دىگەن ئۇيغۇرچە يېڭى ئاتىلىشىمۇ ئەمەس بەلكى دابازا دەپ ئاتاش ئومۇملىشىشقا باشلىغان. بەزى ئۇيغۇرلار ئۇزاققا قالماي دۆڭ كۆۋرۈكنىڭ جىسمىلا ئەمەس ئىسمىنىڭمۇ يۈتۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە تۈيماقتا ئىكەن.

دۆڭ كۆۋرۈكتىكى مىللىي ئالاھىدىلىك نەگە كەتتى؟

تەڭرىتاغ تور بېتىدە -24 ئاپرىل خەۋەر بېرىلىشىچە، ئۈرۈمچى - سانجى شەھەرلىرى پارتكوم سېكرىتارى لى جى -22 ئاپرىل ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا دۆڭكۆۋرۈكتىكى پىيادىلەر كوچىسىغا كەلگەندە " دۆڭكۆۋرۈك پىيادىلەر كوچىسىدا ئىسلام تۈسى گەۋدىلىنىشى، شىنجاڭ مەدەنىيىتى نامايان قىلىنىشى كېرەك. بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرەلەيدىغان، ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك " دېگەن. ئۇ يەنە، ئىسلام تۈسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك دېگەن گەپلىرىگە زىت ھالدا يەنە بۇ كوچىغا ھەيكەل قويۇش كېرەك،مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈشى كېرەك دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلەرنى قىلغان.

ئۈرۈمچى پارتكوم سېكرىتارىنىڭ بۇ بايانلىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مەخسۇس تېمىلاردا مۇلاھىزە ھەم پىكىرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. بەزىلەر "بۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈكنى دابازا قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئەسلىدىكى بار بولغان مىللىي ھەم دىنىي ئالاھىدىلىكلەرنى يوقاتقانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقى" دەپ باھا بەرسە، بەزىلەر "بۇ بىر بىمەنە شەكىلۋازلىق،خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگەن چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خاتا تەشۋىق قىلىدىغان جاي قىلماقچى" دىسە، يەنە بەزىلەر، ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىدىغان ئۇيغۇر بولغىنى بىلەن دابازادىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان‏- ھوزۇرلىنىۋاتقانلارنىڭ قانچىسى ئۇيغۇر ؟"دېگەندەك مەنالىق سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

دۆڭكۆۋرۈك ھەققىدىكى پاراڭلار نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قىزغىن غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا. بۇ ھەقتە بىز 1980 ‏- يىللاردا دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ قايتا گۈللىنىشىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى، رابىيە قادىر، دۆڭكۆۋرۈكتىكى مىللىي ئىقتىسادى ئىگىلىكنىڭ بۇزغۇنچىلىقا ئۇچرىشىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بۈلدۈردى. (گۈلچەھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت