دۆڭكۆۋرۈك ھەققىدە پاراڭلار (2)

2007-04-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Carrefour-200-1.jpg
ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ يەنىغا سەلىنغان فرانسىيەنىڭ سودا – سارىيى Carrefour AFP PHOTO/PHILIPPE MASSONNET / February 17, 2004

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلاردا "ئۈرۈمچىگە كېلىپ دۆڭكۆۋرۈككە بارمىغانلىق، خۇددى قەشقەرگە بېرىپ ھېيتكارنى كۆرمىگەنگە ئوخشاش" دېگەندەك سۆزلەر بار. ئېيتىلغاندەك دۆڭكۆۋرۈك بازىرى ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك جايى بولۇپ كەلگەن. گەرچە نۆۋەتتە ئەسلىدىكى دۆڭكۆۋرۈك بازىرى بۇزۇۋېتىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرۇنقىدىن كېڭەيتىلىپ، ھەشەمەتلىك قىلىپ "خەلقئارالىق چوڭ بازار " نامىدا قايتىدىن بىر ئۇنىۋېرىسال بازار قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، كېچە - كۈندۈز ئاۋاتلىقىنى يوقاتمايدىغان، ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، باغرى ئىللىق، سېخى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ ئورنىنى ئالالمىغان.

دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلىشىدىن ئېچىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بۇ بازارنى قۇرغۇچىلاردەك ئېچىنىدىغانلار بولمىسا كېرەك. ئىلگىرى ئۆزىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىگىلىك تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنى قۇرغان ھەم كېڭەيتكەن نەتىجىلىك كارخانىچى، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر ئانا ئەنە شۇلار قاتارىدا.

ئويغاق دۆڭكۆۋرۈك

ئۈرۈمچى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك بازىرى 100يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەن.

1882 يىللىرىلا، بۇ بازار شەكىللەنگەن بولۇپ، تۈرلۈك ماللار بۇ بازاردىن ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرەب ۋە ھىندىستانلارغىچە تارقالغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى جەريانىدا ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ توختىغان بازار، 1980يىللار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشىكنى سىرتلارغا قايتا ئاچقاندىن باشلاپ، تېگىدىن سودا قىلىش ئىقتىدارى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى بىلەن قايتا جانلانغان.

دۆڭكۆۋرۈك بازىرى، رابىيە قادىر سودا سارىيى، قۇدرەت ھاجىم بىناسى دېگەندەك سودا سېتىق ئورۇنلىرىنى شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر ئىگىلىكىنىڭ قايتا ئويغانغانلىقىنىڭ تىپىك بەلگىلىرى دەپ ساناشقا بولىدۇ. مەيلى جۇغراپىيىلىك ئورنى،مەيلى قاتناش قولايلىقى ۋە ئەلۋەكچىلىكى، ئاۋاتلىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي، مەدەنىي، سودا ‏- سانائەت، قول ھۆنەرۋەنچىلىكتەك بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشكەنلىكى بىلەن، بۇ ئورۇن خۇددى ئەسلىدىنلا ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇشۇ رايونىدىلا ئاپىرىدە قىلىنىشقا تېگىشلىك بىر بازاردەكلا شۇنداق تەبئىي تۇيۇلاتتى.

پۈتۈن ئۈرۈمچى ئۇيقۇدا ياتقاندا، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى دۆڭكۆۋرۈك بازىرى ئۇدۇلىدىكى كىچىككىنە تۇرپان مەسچىتىدىن ئاڭلانغان ئەزان ساداسى بىلەن دۆڭكۆۋرۈك جامائىتى غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغىناتتى، مەھەللە ‏- مەھەللىلەردىن يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مەسچىتكە يىغىلىپ كۈندىلىك ئىبادىتىنىڭ بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن دۆڭكۆۋرۈكتە ئاستا ‏- ئاستا ئادەملەر جىقلاپ، دۇكانلارنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىشقا باشلايتتى.

قوي، كالا ماللارمۇ كۈن چىقماستىلا بوغۇزلىنىپ، يېڭى پېتى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىغا تەييار قىلىناتتى، ناشتا قىلمايلا سەھەر بازارغا كىرگەنلەر ھەتتا بۇ بازاردىكى مەززىلىك تائاملاردىن غىزالىنىشقا ئۈلگۈرەتتى. سەرخىل ماللىق دۇكانلاردىن، ئاشخانىلاردىن ياڭرايدىغان سودىگەرلەرنىڭ بازارغا چاقىرىشلىرى ئۈرۈمچىدە يەنە بىر كۈنلۈك ھاياتنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.... دۆڭكۆۋرۈكتىكى ھايات كۈندە مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئىسلامىي يوسۇندا باشلىنىپ داۋام ئېتىدىغان ئويغاق ھايات ئىدى.

سالاملىشىۋاتقان كىشىلەر، ئايىغى ئۈزۈلمەس كېلەر-كېتەرلەر بىلەن تولغان بازار، كىرگەن كىشىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ بىرەر نەرسە ئېلىشقا ئېھتىياجى بولمىسىمۇ، تەبىئىي ھالدا بۇ بازاردىن يىراقلاپ كەتكىسى كەلمەيتتى. مەخسۇمنىڭ چايخانىسى دېگەندەك چايخانىلاردىن دۇنيانىڭ خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىجارەت ئۇچۇرلىرى جاي ‏- جايلارغا تارقىلاتتى. دۇتار نەغمىلىرى، شاخمات مۇسابىقىلىرى قايناپ تۇراتتى. ئوچۇق مەيدانلاردا مەدداھلارنىڭ جەڭنامە سۆزلىگەن ئاۋازلىرى ياڭراپ تۇراتتى. دېمەك ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ ئائىلىسى، مۇساپىرلارنىڭ پاناھ جايىغا ئايلانغان سۆيۈملۈك ماكان ئىدى.

دۆڭكۆۋرۈكتە نېمە بار؟ نېمە يوق ؟

bazar-200-2.jpg
ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر باققال. AFP PHOTO/PHILIPPE MASSONNET / February 17, 2004

ئەمدىچۇ، بەلكىم سىز بىرىنچى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەن مېھمان بولسىڭىز، نۆۋەتتە ھەشەمەتلىك قىلىپ قايتا ياسالغان دۆڭكۆۋرۈك بازىرى، ياق، ھازىرقى ئاتىلىشى بىلەن ئالغاندا دابازاغا بارسىڭىز بۇلارنى سېزەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ھازىر دۆڭكۆۋرۈكتە زامانىۋىيلىشىش بار، مىللىيلىك يوق، يۇقىرى ئاۋازدا ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكىلىرى بار، ئەمما ئەزان سادالىرى ئاڭلانمايدۇ، سەرخىل ماللار بار، ئاۋاتلىق يوق، كىشىلەر كۆپ، لېكىن بىر-بىرى بىلەن بۇرۇنقىدەك قىزغىن كۆرۈشەلمەيدۇ، ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك ماللىرى كۆپ، ھېلىقىدەك قىزىقارلىق بازارغا چاقىرىشلار ئاڭلانمايدۇ. توپا يوللىرى ئاسفالىتلاشتى، ئەمما ئىلگىرىكى ئىللىقلىق يوق...

ئۇيغۇرلارلا ئەمەس،ئۈرۈمچى پارتكوم سېكرىتارى ئۆزىمۇ ھازىر دۆڭكۆۋرۈك پىيادىلەر كوچىسىدا مىللىي ئالاھىدىلىك، ئىسلامىي تۈسنىڭ كەملىكىنى ئېيتىپتۇ.

ئۇنداقتا دۆڭكۆۋرۈكتىكى بۇ مىللىي ئالاھىدىلىك قويۇق ئىسلامىي تۈس نەگە كەتتى؟ دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتى بۇزۇۋېتىلدى، ئەمما دۆڭكۆۋرۈك، ئۇيغۇرلارنىڭ يادىدا ئاچچىق ‏- تاتلىق ئەسلىمىلىرى بىلەن تەڭ ساقلاقلىق.

ئۈزۈلمەس دۆڭكۆۋرۈك رىۋايىتى

1980 يىللاردا دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ قايتا قۇرۇلۇپ گۈللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان رابىيە قادىر خانىم، دۆڭكۆۋرۈك ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى سوزلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن دۆڭكۆۋرۈك بازىرى يەرلىك ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ تىلىدا ئېرداۋچاۋ ۋە يەنە ئەردوچوزا دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن. 2001- يىلى خىتاي دائىرلىرىنىڭ مەزكۇر بازارنى شىنجاڭ ئوبراز قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بۇزۇپ قايتىدىن ياسىشى بىلەن، بۇ بازارغا خەلقارا چوڭ بازار دەپ نام بېرىلگەن، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەسلىدىكى قويۇق مىللىي ھەم ئىسلامىي تۈسكە ئىگە دۆڭكۆۋرۈك بازىرى بۇزۇلغاندىن باشقا، ئىسمىنىڭمۇ بارغانچە ئۇنتۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلانماقتا. نۆۋەتتە كىشىلەر ئارىسىدا دۆڭكۆۋرۈكنى دابازا دەپ ئاتاش ئومۇملاشماقتا ئىكەن. ئەپسۇس دۆڭكۆۋرۈك يوقاپ كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ھەققىدىكى پاراڭلار تۈگىمەيدۇ،خۇددى رىۋايەتلەر كەبى. (گۈلچەھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت