دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە خىتاي ۋەزىيىتى

1993 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ب د ت تەرىپىدىن "دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى" قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 3 - ماي كۈنى ب د ت كاتىپى فەن جىۋىن نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقارا جەمئىيەتتىن مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009-05-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ كۈنى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، ئەركىنلىك ئۆيى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ھەر تۈرلۈك نامايىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، مۇخبىرلارغا بولغان زىيانكەشلىك ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان قامالغا نىسبەتەن قارشىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

3 - ماي كۈنى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرى براندېنبۇرگ قوۋۇقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشتا ھەر خىل ئوبرازلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلىشى ۋە مۇخبىرلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ - خەتەرلەرگە ئۇچراش ئەھۋالىنى نامايان قىلدى. " ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى دۇنيا بىلمەيدۇ" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قامال قىلىش، مۇخبىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرى بىر قىسىم مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 1993 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ب د ت تەرىپىدىن "دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى" قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە جەمئىى 827 نەپەر مۇخبىر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۆتكەن يىلى بىر يىل ئىچىدە 41 نەپەر مۇخبىر سۈيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ يىل ھازىرغا قەدەر ئۆلگەن مۇخبىرلارنىڭ سانى 11گە يەتكەن.

5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ب د ت تەرىپىدىن "دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى" قىلىپ بېكىتىلىش بىلەن بىرگە ، " ئاخبارات ئەركىنلىكى مۇكاپاتى"مۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن سىرىلانكىلىق مۇخبىر لازانتا مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ۋە بۇ يىل سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقان ھەم مۇخبىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەڭ ناچار دۆلەت خىتايدىن ئىبارەت بولۇپ، خىتايدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىۋاتقان مۇخبىرلار ئىكەن. ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش نىسپىتى، ئومۇمى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ 45% ىنى تەشكىل قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى "ئاخبارات - نەشرىيات ئەركىنلىكى ھەرىكەت لايىھىسى" ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ لايىھىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا نىسپەتەن غەرب ئاخبارات ساھەسى تۈرلۈك گۇمانلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 4 - ماي كۈنى بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2008 - يىلى قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنىڭ سانى 125 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ئۇچرىغان ۋە بۇ ئەھۋال خىتايدا كۆپ سادىر بولغان.

ب د ت باش كاتىپى فەن جىۋىن 3 - ماي كۈنى ئېلان قىلغان نۇتقىدا، مۇخبىرلارنىڭ بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچراش ھادىسىلىرىگە كەڭچىلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆز دوكلاتىدا "ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىپادىلەش ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلمىسە، دىنىي زۇلۇم، ئېرقىي زۇلۇم، چېرىكلىك قاتارلىق قەبىھ قىلمىشلارنى ئاشكارىلىغىلى ھەم تۈزەتكىلى بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇلار 195 دۆلەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ قاتتىق قامال قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىنىڭ بېشىغا خىتاينى تىزغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئاخباراتقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە بولغان قامالنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، كىشىلەر ئىنتەرنېت تورخانىلىرىغا ئەركىن - ئازادە كىرىپ چىقالمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان.

تورخانىلارغا ئورنىتىلغان كامىرالار ۋە ساقچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز سالاھىيەت تەكشۈرۈش قىلمىشلىرى، ئۇيغۇرلاردا ئېغىر روھى بېسىم پەيدا قىلغان. ئائىلىسىدە ئىنتېرنېت قوللىنىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى ئەركىن بايان قىلىشتىن قورقىدىغان ۋەزىيەتتە قالغان. ئەلخەت ئادرىسلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدە قىلچە ئىشەنچ يوقلۇقىنى ھېس قىلغان.

چەتئەلدىكى قېرىنداش ۋە دوستلىرى بىلەن ئەلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىشتىنمۇ ۋەھىمە يەيدىغان بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىككە مۇتلەق كاپالەتلىك قىلىش شۇئارى ئاستىدا 6 ئايلىق قاتتىق باشقۇرۇش، تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئاۋام خەلققە ئېغىر ۋەھىمە ئېلىپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت