دۇنيا نوپۇسى يەتتە مىلياردقا يېتىپ گۈللەپ ئاۋات بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز!

ئامېرىكا نوپۇس تەتقىقاتچىسى ستىۋېن موشېر تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى بىر ئاخبارات يىغىنىدا، دۇنيا نوپۇسى يەتتە مىلياردقا يەتكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە خىتاينىڭ نوپۇس سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-11-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شاڭخەي كوچىسىدا ئىككى بالىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان كىشى. 2009-يىلى 31-ئىيۇل.
شاڭخەي كوچىسىدا ئىككى بالىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان كىشى. 2009-يىلى 31-ئىيۇل.
AFP

ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنيا شتاتى نوپۇس تەتقىقات ئورنى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتون ئاخبارات كىلوبىدا، پۈتۈن دۇنيا نوپۇسى 7 مىلياردقا يەتكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، يىغىندا نوپۇس تەتقىقاتچىسى ستىۋېن موشېر نوپۇس مەسىلىسى دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا، پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 1960‏-يىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ، ھازىر يەتتە مىلياردقا يەتكەنلىكى دۇنيانىڭ گۈللەپ ئاۋات بولغانلىقى دەپ خىتاب قىلدى ۋە دۇنيا تارىخىدا، ئىنسانىيەت بۈگۈنكىدەك بۇنداق كۆپىيىپ، گۈللەپ ئاۋات بولغان ئەمەس دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا نوپۇس تەتقىقاتچىسى ستىۋېن موشېر نۇتقىدا «ئېشىنچا نوپۇس» دېگەن سەپسەتىنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نوپۇسنىڭ ئېشىپ كېتىشى زىيانلىق دەپ قارايدىغان نەزەرىيە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرىدىغان نەزەرىيە. ئەگەر «ئېشىنچا نوپۇس» دېگەن سەپسەتە توغرا بولسا، دۇنيادا نوپۇس كۆپىيىپ كەتكەن ھازىرقى ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كەتكەن بولاتتى، ئىنسانىيەت ئىشلەپچىقارغان يېمەك مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بولاتتى، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى ئۈنۈمسىز بولۇپ كەتكەن بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، نوپۇس كۆپەيگەنسېرى يۇقىرىقى كۆرسەتكۈچلەر مۇناسىپ ھالدا يۇقىرى ئۆرلەپ ماڭدى. يۇقىرىقى كۆرسەتكۈچلەر كاملاپ كەتكەن جايلاردىكى مەسىلە نوپۇس مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەسىلە.

ئامېرىكا نوپۇس تەتقىقاتچىسى ستىۋېن موشېرنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەت دەۋرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلىشى ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئازىيىشىغا ئەمەس، بەلكى كۆپىيىشىگە باغلىق. دۇنيادا نوپۇس كۆپەيمەي ئازىيىپ كەتسە، ئاندىن دۇنيا كۆپ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ھازىرقى يەتتە مىليارد نوپۇسنىڭ، مەيلى ئۇ ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك، سېرىق تەنلىك ياكى قىزىل تەنلىك بولسۇن، ھېچقايسى دۇنياغا يۈك ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيانىڭ بايلىقى، بۇ بايلىقنى مەدھىيىلەش كېرەك.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيىلىك مالساسنىڭ نوپۇس نەزەرىيىسىدىكى بايلىق مەنبەلىرى ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەققىدە ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغان سۆزلىرىنى كۆپتۈرۈپ قۇۋۋەتلىدى. خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى بايانات ئېلان قىلىپ، ئېشىنچا نوپۇس ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا نىسبەتەن چوڭ رىقابەت دەپ جاكارلىدى. بۇ كۈندە، 1979‏-يىلى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇيجۇ يېزىلىرىدا نوپۇس تەتقىق قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئامېرىكا نوپۇس تەتقىقاتچىسى ستىۋېن موشېر، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يەتتە مىلياردقا يەتكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينى تەنقىد قىلىپ، خىتايدىكى مەسىلە نوپۇس مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەسىلە. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويمىغان بولسا، دۇنيا نوپۇسى بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن يەتتە مىلياردقا يەتكەن بولاتتى. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى 400 مىليون ئەمگەكچىنى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن يوقاتتى دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا نوپۇس تەتقىقاتچىسى ستىۋېن موشېر تۈنۈگۈن دۇنيا نوپۇسى يەتتە مىلياردقا يەتكەنلىكىنى ئالقىشلاپ، خىتاينىڭ تۇغۇتنى چەكلەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغاندا، رويترس ئاگېنتلىقى ھىندىستان نوپۇسى ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ھىندىستان نوپۇسى يەنە يىگىرمە يىلدا خىتايدىن ئېشىپ كېتىدۇ. يەنە 2025‏-يىلىغا يەتكەندە ھىندىستان دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ ياش دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، ھىندىستان نوپۇسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 29 ياش بولىدۇ، ھىندىستان بۇنداق ياش نوپۇسلۇق دۆلەت ھالىتىنى 2050‏-يىلىغىچە ساقلاپ قالالايدۇ.

ھىندىستان سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بانناجىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى ھازىر ھەر يىلى 8%din يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ. ھىندىستاندا ھازىر يېتىشىۋاتقان سانائەت سېپىدىكى تېخنىكا خادىملاردىن باشقا، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىرى، ھەتتا ياغاچچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىلمۇ-خىل ھۈنەرۋەنلەر ھىندىستاننىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى تولۇق قامدىيالايدۇ. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيادا باشقا دۆلەتلەر نوپۇس قېرىپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، ھىندىستان ئۆزىنىڭ نوپۇس ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلانغان، نوپۇسنى ئەقىل بىلەن قوراللاندۇرۇشقا باشلىغان، مانا ھىندىستان ئەمدى نوپۇسنى تەرەققىي قىلدۇرغاننىڭ پايدىسىنى كۆرۈشكە باشلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت