'5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى' 2009 - يىللىق خەلقئارالىق زور ۋەقەلەر تىزىملىكىگە كىردى

خەلقئارادىكى داڭلىق مەتبۇئاتلارنىڭ 2009 - يىللىق زور ۋەقەلەرگە قاراتقان ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى 7 - ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ خەلقئارادا قوزغىغان تەسىرى زور بولغان بولۇپ، بۇ ۋەقە يىللىق خەلقئارالىق زور ۋەقەلەر تىزىملىكىدە مۇھىم ئورۇندا تورغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﯚﻛﺒﺎﻳﺮﺍﻕ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﯚﻛﺒﺎﻳﺮﺍﻕ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن ئەنگلىيىنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ "2009 - يىلى يەر شارى خاراكتېرلىك زور ۋەقەلەر" پروگراممىسىدا، بۇ يىل ياز پەسلىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" خەلقئارالىق تەسىر قوزغىغان پەلەستىن -ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئىراقتىكى زور پارتلاش ۋەقەسى، ئافغانىستان مەسىلىسى، پاكىستان ئىچكى ئۇرۇشى، سېرىلانكىدا 26 يىل داۋاملىشىپ 2009 - يىلى ئاياغلاشقان سېرىلانكا ئىچكى ئۇرۇشى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، يەر شارى خاراكتېرلىك زور ۋەقەلەر پروگراممىسىنىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي ۋەقەلەر رەتكە تۇرغۇزۇلغان 1 - قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن.

ماقالىدا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە، خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىغا جايلاشقان تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىپ "شىنجاڭ" (يېڭىدىن ئىگىلەنگەن زېمىن) دەپ ئاتىلىۋاتقان مەركىزى ئاسىيادىكى تۈركى تىللىق خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئادىللىق تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان تىنچلىق نامايىشىنىڭ ئاخىرى قانلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ يەر شارى بويىچە تەسىر قوزغىغان زور ۋەقەلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقى بايان قىلىنغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدە "ئۈرۈمچى ۋەقەسى" مۇنداق بايان قىلىنغان. " 7 - ئايدا خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىغان بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توپىلاڭ دەپ جاكارلاندى. بۇ ۋەقە بۇ 20 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر قانلىق توقۇنۇش ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرلىك تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان تىنچلىق نامايىشى باستۇرۇشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن غەزەپلەنگەن يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ماگىزىنلارنى ھەم ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ چاقتى. ئارقىدىنلا نۇرغۇنلىغان خىتاي كۆچمەنلىرى قوللىرىغا كالتەك، توقماق ئېلىپ ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۆلەمدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ۋەقەنى باستۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتىدا توقۇنۇشتا 200 دەك ئادەم ئۆلگەن دەپ ئېلان قىلىندى."

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ "2009 - يىللىق زور ۋەقەلەر ناملىق پروگراممىسى"دا، خىتاي 2009 - يىل ئىچىدە سىياسىي جەھەتتە يەر شارى بويىچە ئەڭ سەزگۈر دۆلەت بولۇپ باھالانغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى باھادا " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم ئۇنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى مۇنداق ئانالىز قىلىنغان: "2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خىتاي شىنجاڭ دەپ ئاتىغان بۇ رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇشتا 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى خىتاي تەرىپىدىن چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەر دەپ قارىلىۋاتقان رابىيە قادىر يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ۋە پىلانلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن دەپ تەشۋىق قىلدى. ئەمما ئىلگىرى خىتاينىڭ "خىتاي ياشلىرى ژۇرنىلى"دا باش مۇھەررىر بولغان لى داتوڭ ئەپەندى ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، "خىتاينىڭ ئۆز سەۋەنلىكىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چەتئەلدىكى كۈچلەرگە دۆڭگىشى ئومۇمىيۈزلۈك ئادىتىگە ئايلانغان. بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى مۇرەككەپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن بۇيان تېخى بۇنداق زور كۆلەملىك توقۇنۇش بولمىغان ئىدى. ئۇلار ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئىنچىكە تەكشۈرمەي بۇنى بىر ياشانغان ئۇيغۇر ئايالغا ئارتماقچى بولۇۋاتىدۇ. سەل ئەقلى بار ئادەم بولسىلا بۇنى ھېس قىلالايدۇ، مەلۇم ئىچكى سەۋەب بولمىسا خەلق ئۇنداق ئاسانلا قوزغىلىپ كەتمەيدۇ" دېگەن."

ماقالىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى قانلىق باستۇرۇپ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارغا ئەڭ ئېغىر جازالارنى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى نۇقسانلارنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: " 2009 - يىلى يىل ئاخىرىغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئېغىر جازالار بىلەن جازالىدى. ھازىرغىچە 17 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن 2009 - يىلى 9 - ئايدا " شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئاقلىدى. تىنچلانغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مىللىي زىددىيەت يەنىلا كەسكىن ھالەتتە تۇرماقتا، توقۇنۇش پەيدا قىلغان جاراھەتلەر يەنىلا شۇنداق ئېغىر تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىش ئارقىلىق خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. مانا بۇ بىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى مەسىلىلەرنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ھەم ئۆز سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەكتە."

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ " 2009 - يىللىق خەلقئارادىكى زور ۋەقەلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى، خىتاينىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان پاكىت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر كۈنتەرتىپىگە  كېلىشىدە ئەھمىيىتى زور ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت