د ئۇ ق، ئامېرىكىنىڭ كامبودژا جازاسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تۈنۈگۈن كامبودژانىڭ بۇلتۇر 12 - ئاي مەزگىلىدە 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كامبودژاغا بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ كامبودژاغا قاراتقان جازاسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-04-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Scot Marciel ﻧﯩﯔ ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Hor Namhong ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Scot Marciel ﻧﯩﯔ ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ Hor Namhong ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.phnompenhpost.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پ ج كروۋلىي پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ، ئامېرىكىنىڭ كامبودژانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، كامبودژاغا بېرىۋاتقان ھەربىي ياردەم پۇلىنى توختاتقانلىقىنى ھەم بۇ قارارىنى كامبودژاغا بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. پ ج كروۋلىي سۆزىدە" ئامېرىكىنىڭ كامبودژاغا ئەۋەتمەكچى بولغان 200 دانە ھەربىي ئاپتوموبىلىمۇ بۇ سەۋەبتىن توختىتىپ قويۇلۇشى مۇمكىن " دېگەن.

بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كامبودژا ھۆكۈمىتى، خىتاي تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى شى جىنپىڭ كامبودژانى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، پاناھلىق تىلىگەن 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 20 نەپىرىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە قارىماي خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى 21 - دېكابىر كۈنى شى جىنپىڭ كامبودژا ھۆكۈمىتى بىلەن 1 مىليارد دوللارلىق ياردەم كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت كامبودژانى ھەم كامبودژاغا بېسىم ئىشلىتىپ بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ۋە كامبودژا ھۆكۈمىتىگە قارىتا بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان ئىدى. يەنى بۇ يىل فېۋرالدا ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سكوت مارشېل كامبودژاغا زىيارەتكە بارغاندا كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىن ئالغان 330 مىليون دوللارلىق قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى . گەرچە ئەينى چاغدا ئامېرىكا كامبودژاغا نېمە ئۈچۈن قەرزنى كەچۈرۈم قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خەۋەرلەردە ئامېرىكا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سكوت مارشېلنىڭ كامبودژا بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇلارنىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ھەم قۇرۇلتاينىڭ ئىچكى ئىشلار مۇدىرى ئېلشات ئەپەندىلەر رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كامبودژانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، كامبودژاغا بېرىۋاتقان ھەربىي ياردەم پۇلىنى توختاتقانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كامبودژاغا بېسىم ئىشلىتىپ ئالغان بۇ قارارىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەم ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەسىلىلەردە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇر 12 - ئاي مەزگىلىدە، خىتاينىڭ بېسىمى ھەم كامبودژاغا بەرمەكچى بولغان پايدىسىنى كۆزلەپ، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا، جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىماي، 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە ، ئەينى چاغدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بولغان بېسىمىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنىڭمۇ بۇ بالىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارىنىڭ خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنى چەكلەشتىكى بىر ياخشى باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئەگەر دۇنيا خەلقى خىتايدىكى بۇ خىل ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەم خىتايغا ئوخشاش دىكتاتورا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردىكى زوراۋانلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەردىكى ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلانمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىدە ياخشىلىنىش بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇندىن كېيىن خەلقئارانىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى ھەم ئۇيغۇر داۋاسىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت