د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىگىدىكى خىزمەتلىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، ياۋرۇپا بىرلىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، خىزمەت باشلىغان 40 كۈندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 6 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ  ﺳﻮﻟﭽﯩﻞ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺗﺎﻛﯩﺲ ﻫﺎﺩﺟﯩﮕﯧﺌﻮﺭﮔﯩﺌﻮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 6 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺳﻮﻟﭽﯩﻞ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺗﺎﻛﯩﺲ ﻫﺎﺩﺟﯩﮕﯧﺌﻮﺭﮔﯩﺌﻮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئۇ ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە ياۋرۇپا كومىسيۇنىدىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت بەلگىلەيدىغان شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە سۆزلەش ھەققى بار يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى مۇھىم ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە قامىلىپ، داۋالىنىش ھەققىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ياۋرۇپا بىرلىكى، ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى سۈپىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ياۋرۇپا بىرلىكى يەنە ئورتاق پارلامېنت ۋە ئورتاق ھۆكۈمەتكە ئىگە، ياۋرۇپا كومىسيۇنى دەپ ئاتىلىدىغان ياۋرۇپا ھۆكۈمىتىدىن سىرت، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئالىي سوتى، ياۋرۇپا ئالىي كېڭىشى قاتارلىق خىزمەت ئورگانلىرى تەسىس قىلىنغان، بۇ ئورگانلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق ئىشتىراكى ھەمدە ماقۇللۇقى بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا قارارلارنى بېكىتىش، سىياسەت يۈرگۈزۈش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتمۇ ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ مۇھىم سىياسەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ھەم ياۋرۇپا كومىسسىيۇنىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، مەمەت توختى ئەپەندىنى مەخسۇس ياۋرۇپا بىرلىكىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا بەلگىلىگەن.

40 كۇنلۈك خىزمەت پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن مەمەت توختى ئەپەندى، ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ياۋرۇپا كومىسيۇنىدىكى مۇھىم ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن باشقا، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان، مۇھىم ئىستراتېگىيىلەرنى بەلگىلەيدىغان تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، 14 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ئاساسلىق ئەزالار، بولۇپمۇ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە ئىنسان ھەقىلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ياۋرۇپا كومىسىيۇنىدىن، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدە كونكرېت سوئاللارنى سوراش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىلەن ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ياردىمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر قاتار خىزمەتلەر ئىشلەنگەندىن سىرت، يالغۇز ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپا كومىسيۇنىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش پىلانلىرى تۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى، ياۋرۇپا بىرلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك نەتىجە بېرىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت