د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئالغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئۆلۈم جازالىرى ئېلان قىلىشى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﺋﯩﻦ ﺭﻩﺳﻰ ﻟﯩﺒﻮﺭ ﺭﻭﺋﯘﺟﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﺋﯩﻦ ﺭﻩﺳﻰ ﻟﯩﺒﻮﺭ ﺭﻭﺋﯘﺟﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA Photo / Ekrem

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق بۇ ۋەقەگە قارىتا جىددىي ئىنكاسلار بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنى دەرھال توختىتىش توغرىسىدا خەلقئارادا بىر قىسىم دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا.

9 - نويابىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلغا بېرىپ، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، جۈملىدىن ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ خىتايدىكى ئۆلۈم جازالىرىغا سۈكۈت قىلىشىنىڭ خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولغان بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەنىمۇ ئوچۇق ئاڭلىتىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ يىل 9 - ئايدا رابىيە خانىم باشلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋرۇپا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغاندا، ياۋرۇپا پارلامېنتى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا قارىتا چوقۇم ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىم ياۋرۇپا پارلامېنتىنى قايتىدىن زىيارەت قىلىپ، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەدۋارد مك.مىلىئان ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ياۋرۇپا پارلامېنتىنى دەرھال بىر قارار قوبۇل قىلدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىققا خاتىمە بەرگۈزۈش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەدۋارد ئەپەندىنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ چوقۇم بىر قارار قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت