ئەنقەرەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خوتەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

7-ئاينىڭ 22-كۈنى خوتەن ۋەقەسىنىڭ بەشىنچى كۈنى. بۇ كۈنى ئەنقەرەدە ئىسسىقلىق 36 گرادۇس. بۇنداق ئىسسىق ھاۋاغا قارىماي خوتەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بولغان نامايىشىدا خىتاي بايرىقى كۆيدۈرۈلدى. 2011-يىلى 22-ئىيۇل.
ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بولغان نامايىشىدا خىتاي بايرىقى كۆيدۈرۈلدى. 2011-يىلى 22-ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim
پائالىيەت تۈركىيە سائىتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان قوجاتەپە مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. جۈمە نامىزىدىن كېيىن خوتەن ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بايان قىلىنغان ۋاراقچە تارقىتىلدى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ۋە تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى باشچىلىقىدىكى نامايىشچىلار ئىككى ئاپتوبۇس بىلەن قوللىرىدا تۈركىيىنىڭ بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. 15 مىنۇت يول يۈرۈگەندىن كېيىن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەن نامايىشچىلار ئارقا-ئارقىدىن شوئار توۋلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.
ئەنقەرەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خوتەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. 2011-يىلى 22-ئىيۇل.
ئەنقەرەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خوتەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. 2011-يىلى 22-ئىيۇل. RFA/Erkin Tarim


نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا «تۈركلەر ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال»، «خوتەن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابىنى سورايمىز»، «ھەر كۈنى قوزغىلاڭ، ھەممە يەر شەرقىي تۈركىستان»، «يا ئاللا بىسمىللا ئاللاھۇ ئەكبەر»، «خىتايدىن ئىنتىقام ئالايلى» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

بۇ يەردە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانانات بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇلدى.

قارا گۈلچەمبىرەك ئىنسانلىق جىنايىتى ئىشلىگەن دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن قويۇلىدۇ. بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا ئەنقەرەدىكى بەزى ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، ئاناتولىيە ئاھتى ۋاپا جەمئىيىتى باشلىقى تاييار تەرجان ئەپەندى ۋە ئەزالىرى سەررىيە ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتى ئەزالىرى، ئەزەربەيجانلىقلار جەمئىيىتى مەسئۇلى زائۇر بايراملى ئەپەندى ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى جەمئىيىتى ئەزالىرى، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان تۈركلەردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا تۈرك ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا مۇخبىر كەلدى.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت