«ئەركىنلىك لوڭقىسى»نىڭ 3-كۈنى گوللاندىيە بىلەن شۋېتسىيە كوماندىسى تاللىنىپ چىقتى

بۈگۈن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى جۈمە. ئۈچ كۈندىن بىرى بىرى بىلەن ھەم دوستلۇق ھەم رىقابەت كۆرۈشىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ئوغلانلىرى ئېيتىپ بولغۇسىز شادلىقى بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا توپ تەپمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش تۇنجى مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى. 2011-يىلى 29-ئىيۇل، گوللاندىيە.
«ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش تۇنجى مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى. 2011-يىلى 29-ئىيۇل، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

مۇسابىقىنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىنى نەزەردىن قاچۇرمايۋاتقان يۈزلىگەن تاماشىبىنلار قىيقاس-چۇقان ئىچىدە تاماشا قىلماقتا. دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدىن كۆز-قۇلاقلىرىنى توغرىلاپ ئۇيغۇر «ئەركىنلىك لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ خەۋىرىگە قىزىقىۋاتقان رادىئو ئالدىدىكى بارلىق ۋەتەنداشلارغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇچۇر بېرىشكە تېرىشىۋاتىمىز.



JavaScript Slideshow Template

باشلاش  ||   توختاش  ||   ئالدىنقىسى  ||   كېيىنكىسى
Welcome to the slideshow!
Slideshow 

image


«ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋام قىلماقتا. تەرتىپ بويىچە ھەر كۈنى 6 كوماندا ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 3 مەيدان مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى رېتىدە يەنىلا گوللاندىيە مەيدانغا چۈشمەكتە.

بۈگۈنكى گوللاندىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ تاللىنىش مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى پۇتبول كوماندىسى 3=2 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر كوماندىسىنى يېڭىپ يەنە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

ئىككىنچى رەت مۇسابىقىلەشكەن گېرمانىيە بىلەن نورۋېگىيە كوماندىلىرى 2=2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىگە چۈشكەن شۋېتسىيە بىلەن فرانسىيە كوماندىلىرى ئارىسىدىكى رىقابەت باشقىچە ئەۋجىگە چىقتى. ئەمما ئاخىرقى نەتىجىدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كوماندىسى 1=3 نەتىجە بىلەن فرانسىيە كوماندىسى تەرەپنى يېڭىۋالدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىككى گۇرۇپپىدىن تاللىنىپ چىققان ئىككى كوماندا گوللاندىيە بىلەن شۋېتسىيە بولۇپ، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرىنچىلىك تالىشىشى جەزملەشتى.

ئەتىكى مۇسابىقىگە چۈشىدىغان كوماندىلارنىڭ تەرتىپى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بولغاچقا يېتەرلىك مەلۇمات ئالمىدۇق. داۋامىنى داۋاملىق ئاڭلىتىشقا تېرىشىمىز.

كانادادىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى روھتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت