ئەركىنلىك سارىيى 2011-يىلى خىتايدا سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى داۋاملىق ناچارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2012-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى بىر يۈز نەچچە دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى جەھەتتىكى ئەھۋالىنى باھالاپ چىقتى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 1 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ، ﺳﯩﭽﯘﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ.
ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 1 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ، ﺳﯩﭽﯘﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئەركىنلىك سارىيى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرىقى ساھەلەردىكى بىر يىللىق ئەھۋالىغا نومۇر قويۇپ، سىياسىي ھوقۇق ئەھۋالى ۋە پۇقرالار ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە 7 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نومۇر ئالغان دۆلەتلەرنى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر، دەپ باھالىغان. خىتاي بولسا ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن. تىبەت يۇقىرىقى ساھەلەردىكى ئەھۋالى ئەڭ ناچار تالاش-تارتىشتىكى تېررىتورىيە، دەپ قارالغان.

ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېكۋاتور گۋىنىيىسى، ئېرىترىيە، شىمالى كورىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، سومالى، سۈرىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق9 دۆلەت، تىبەت ۋە غەربىي سەھرايى كەبىر قاتارلىق تالاش-تارتىشتىكى 2 تېررىتورىيىلىك رايوننى دۇنيادىكى سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالار ئەركىنلىك ئەھۋالى ئەڭ ناچار، ئەللەر ۋە رايونلار، دەپ باھالىغان.

گەرچە ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان« ئەڭ ناچارلارنىڭ ناچىرى: دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ جەمئىيەتلەر‏» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاي سىياسىي ھوقۇق ساھەسى بويىچە 7 نومۇر، پۇقرالار ئەركىنلىك ساھەسى بويىچە 6 نومۇرغا ئېرىشىپ، ئەڭ ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق «دۇنيادىكى ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەت» دەپ باھالانغان.

ئەركىنلىك سارىيى2002-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى ئىزچىل خىتاينى «دۇنيادىكى ئەركىن بولمىغان دۆلەت» دەپ باھالاپ كەلگەن. بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ 10 قېتىم بۇ خىل باھاغا ئېرىشىشىدۇر. دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كوك خانىم رادىئويىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە خىتاي سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى جەھەتتە« ئەڭ ناچارلارنىڭ ناچىرى» دەپ قارالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بەزى ساھەلەردىكى ئەھۋالى بۇنىڭدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەسكەرتىپ: ئەگەر سىز ئەڭ ناچار ئەللەر تىزىملىكىدىكى بەزى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرسىڭىز خىتاي، پۇقرالىرى خەلقئارا ساياھەتكە چىقىپ، دۇنياۋى ئىقتىسادىي پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان، دۇنياۋى ئالاقە تورىنىڭ ئىچىدىكى دۆلەتتەك، شىمالىي كورىيە ۋە تىبەتتىن پەرقلىنىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاساسلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئاخبارات ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى كونترول قىلىدۇ. ئېھتىمال مىڭلىغان ئونمىڭلىغان كىشى بولۇپمۇ فالۇنگوڭچىلار ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرى ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامالغان. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبىدىن قانۇنسىز قامالغانلار. ئۇنىڭدىن باشقا باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىقى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ سايلام ئارقىلىق چىقماسلىق قاتارلىق ئامىللاردىن قارىغاندا خىتاينىڭ ئەھۋالى بولۇپمۇ ئۇنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى بەزى ساھەلەردە تىزىملىكىدىكى ئەڭ ناچار ئەللەردىن بەتتەر، دەپ كۆرسەتتى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا سىياسىي ھوقۇقنى كومپارتىيە مونوپولىيە قىلىۋالغانلىقى، ھۆكۈمەت سىياسىتىنى كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ 9 دائىمىي ئەزاسى بەلگىلەپ، ئۇنىڭ 3000 كىشىلىك خەلق قۇرۇلتىيى پەقەت كومپارتىيىگە قاراشلىق ئورگانغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا، خىتايدىكى بىردىن بىر رىقابەت خاراكتېرلىك سايلام‏-يېزا، كەنت سايلىمىنى بولسا يەرلىك كومپارتىيە ئورگانلىرىنىڭ كونترول قىلىدىغانلىقى، ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ باستۇرۇلۇپ، بىر پارتىيىلىك سىياسىي سىستېمىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان پائالىيەتچىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپى بارلىقى، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ سىياسىي، دىنىي جەھەتتىكى كۆز قاراش پەرقى سەۋەبلىك تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ياكى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

توكلاتتا يەنە، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالىدا بولسا، ئاخبارات ئەركىنلىكى پەۋقۇلئاددە چەكلەشكە ئۇچرىغانلىقى، 2011-يىل پائالىيەتچىلەر قاتتىق باستۇرۇلغان بىر يىل بولۇپ قالغانلىقى، پارتىيىنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خەلقئارا، سىياسىي، مۇھىت، سالامەتلىك، ئەمگەك ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق، ئاخبارات، نامايىش ھەققىدىكى سەزگۈر خەۋەرلەرنى چەكلىگەنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك كەسكىن چەكلىنىپ، ئاز سانلىق دىنىي گۇرۇھلار باستۇرۇش نىشانىغا ئايلانغانلىقى، بەزى دىنىي گۇرۇھلارنىڭ مەنئى قىلىنىپ، ئەزالىرىنىڭ پاراكەندىلىك، تۈرمىگە تاشلىنىش ۋە تەن جازاسىغا دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر دوكلات ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان «دۇنيانىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالى» ناملىق 2012-يىللىق دوكلاتىنىڭ بىر قىسمى. ئەركىنلىك سارىيى. «دۇنيانىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتىدا ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2009-يىلى ئىيۇلدىكى مىللىي توقۇنۇشتىن كېيىن يولغا قويغان قاتتىق چەكلىمە 2011-يىلى ئوخشاشلا داۋام قىلغانلىقى، كوچا تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى نازارەت قىلىش داۋاملىق يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلات يەنە، 2009 -يىلى غايىب بولغان كىشىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ بىر يىلدا يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادىتىنى چەكلەش، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سېپىدىن سىقىپ چىقىرىش، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

دوكلاتتا، قوشنا ئەللەرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنىپ، «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش، تۈرمىگە تاشلىنىش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، قازاقىستان، پاكىستان، مالايشىيا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 2011-يىلى 5-ئايدىن 8-ئايغا قەدەر، ئاز دېگەندە 19 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەركىنلىك سارىيىدىكى سارا كۆك خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 2009-يىلى تۇتۇپ كېتىلگەن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى، بولۇپمۇ نۇرغۇن ياش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق. گەرچە سوت ئېچىلىپ، ئۇلاردىن بېزىلەر سوتلانغان، 2011‏-يىلى بىر سوت ئەمەلدارى 400 گە يېقىن كىشىنىڭ ئالدىنقى يىلى سوتلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بىراق تۇتۇپ كېتىلگەن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئېنىق ئەمەس. 2011 يىلى يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرىكى يىلى يولغا قويۇلغان ئۇيغۇر تىلى چەتكە قېقىش، رامزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك باشقا سىياسەتلىرى داۋاملىق يولغا قويۇلدى.

سارا كۆك خانىم يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: يەنە بىر مەسىلە بولسا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە قىسمەن ئەھۋاللاردا بەزى فالۇنگوڭچىلار يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن مۇساپىرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بەزى كىشىلەر جۈملىدىن كامبودژاغا قېچىپ چىققان بىر قىسىم مۇساپىرلار قايتۇرۇپ بېرىلدى. قايتۇرۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ بىر قىسمى تۈرمىگە سولانغان بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كۆپ ھاللاردا ئىز-دېرىكى بولمىدى. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭدا ئومۇمىي يۈزلۈك بىر خاھىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقى كىشىنى ناھايىتى ئەندىشىگە سالىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت