ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشى

22 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ 4 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى پائالىيىتى بېرلىن، پارىژ ۋە رىم شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ 4 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ 4 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
RFA/Ekrem

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەركىزى ئىتالىيىدە بولغان ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىبەت تەشكىلاتلىرى، بىرما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۆكتىچى ئىرانلىقلار، ۋېتنام كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بېرلىن، پارىژ  ۋە   رىم شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن  4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى پائالىيىتىگە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

پائالىيەتنىڭ ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى قىسمىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە ئىتالىيىنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى ۋە مەتبۇئات خادىملىرى بولۇپ كۆپ قاتلام كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىتالىيىدە تونۇشتۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان.

ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ 4 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ 4 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش RFA/Ekrem



 بېرلىندىكى پائالىيەتكە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ميۇنخېن ۋە بېرلىندىن يىغىلغان ئۇيغۇرلار، پارىژدىكى پائالىيەتكە بولسا فىرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان. بىز بۇ پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولۇش مەقسىتىدە، بېرلىندىكى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر قۇربان ۋە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بۇ پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
 
بۇ قېتىمقى ئەركىنلىك نامايىشىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئۇيغۇر، تىبەت، ئىران، بىرما خەلقلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بولۇپ، كۆپ ساندا ئۇيغۇر، تىبەت، بىرما، ئىرانلىقلار بىلەن بىرگە يەنە، نامايىش بولغان دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت