ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىراننىڭ مەنپەئەت مەيدانىدۇر

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئاملارنىڭ ھەممىسى سۈرىيىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەلقتىن ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىپ يەتمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىراننىڭ سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش يولىدا تۇرماستىن ياردەم قولىنى سوزۇۋاتقانلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بىئارام قىلغىنىدەك، تەختتىن چۈشىدىغانلىقى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا قالغان ۋە ئاخىرقى كۈنلىرىنى ياشاۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئىراننىڭ بۇنچىۋالا قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كېتىشىدىن دۇنيانىڭ سىياسەتچىلىرىمۇ ھەيران قالماقتا. چۈنكى، ئەسەد تۈگەشكەن بولۇپ، ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئاملارنىڭ ھەممىسى سۈرىيىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەلقتىن ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىپ يەتمەكتە.

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئەسەد يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەستىن، ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان خەلقتىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر ۋەھشىي كۈچتۇر. ئەسەد ھازىر جان ئاچچىقىدا تۇرۇۋاتقان بىر نىمجان ئادەم.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 28-ئاۋغۇست كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىدنىڭ قەلىمى بىلەن «ئىران ئەسەدتىن ۋاز كەچمەيدۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئىران دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ھۈسەين تائىبنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاخىرغىچە قوللايدىغانلىقى ھەققىدىكى تۈنۈگۈنكى باياناتىدىن كېيىن، سۈرىيىدە ئەسەدنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى بىر كۈندە 440 كىشىگە يەتتى. بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇنىڭ مەنىسى ئەسەد ئىراندىن مەنىۋى ۋە ماددىي ھەر ئىككى تەرەپتىن كۈچ ئالىدۇ دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئىران سۈرىيە خەلقىنىڭ قېنىنى ئېقىتىشتا ئىشنىڭ بېشىدىن بىرى ئەسەد بىلەن بىللە. نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ چۈنكى ئىراننىڭ سۈرىيە ۋە لىۋاندا كۆزلەۋاتقان مەنپەئەتلىرى ئاز ئەمەس. ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىراننىڭ ئىران سىرتىدىكى ئاساسلىق مەنپەئىتى سۈرىيىدە دېسەك توغرا بولىدۇ. ئىراننىڭ سۈرىيىدىكى تەمەسى مۇندىن 40 يىل ئىلگىرى خۇمەينىنىڭ زامانىدا باشلانغان. شۇ ۋاقىتتىن بىرى سۈرىيىنى ئىدارە قىلىش ۋە سۈننى مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىشتا ئىران سۈرىيە بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. ئىران ھېچقاچان مۇنداق بىر كۈچلۈك قانىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، تۈگەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئىران قوغداپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ تۇرۇپ يەنە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ئىدى.»

ئەسەدنىڭ مەغلۇبىيىتى ئىراننىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سۈرىيىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىراننىڭ سۈرىيىدە 40 يىل مابەينىدە قۇرغان مەنپەئەتلىرى ۋە كېيىنكى پىلانلىرى پۈتۈنلەي تارمار بولىدۇ دېگەنلىك. ئەسەدتىن كېيىن ئىرانغا نۆۋەت كېلىدىغانلىقىنىمۇ نەزىرىدىن ساقىت قىلمىغان ئىران ئەسەدنى قارىغۇلارچە قوللاپ كەلمەكتە. ئەمما ئىران ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئەسەدنى قوغداپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سۈرىيە خەلقى زەپەر ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ پەيتتە، قان تۆكۈلۈشنى تېزرەك توختىتىش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلماستىن جىم تۇرۇۋالغانلىقى ھەيران قالارلىق ئىش. سۈرىيە خەلقى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن مۇنداق ئۈچ نەرسىنى سورايدۇ: بىرى سۈرىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىغا چەك قويۇش، ئىككىنچىسى، سۈرىيىدىكى ئىنقىلابچى خەلقنى قوراللاندۇرۇش، ئۈچىنچىسى، سۈرىيىدە ۋە سۈرىيە چېگرا رايونلىرىدا قوغدىلىدىغان بىر رايون قۇرۇشتۇر. بۇ ئۈچ تەلەپ ئورۇندالمىغۇچە قان تۆكۈلۈش توختىمايدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت