جەنۇبىي كورىيىدە مەملىكەت بويىچە ئېتىش مەشىقى باشلاندى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 6 دە، تېلېفون ئارقىلىق خۇ جىنتاۋغا 'خىتاينىڭ ئىتتىپاقدىشى شىمالىي كورىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئوچۇق -ئاشكارا جاكارلىشى كېرەك' دەپ كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2010-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ 5‏ - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺭﺍﻛﯧﺘﺎ ﺳﯩﻨﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ 5‏ - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺭﺍﻛﯧﺘﺎ ﺳﯩﻨﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بۇ ۋاقىتتا جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەممە يېرىدە ئېتىش مەشىقى باشلىنىپ كەتكەن ۋە جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كىم كۋانجىن جەنۇبىي كورىيە ھەربىي قىسىملىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققىدە ئاللىقاچان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بولغان ئىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ سىئۇلدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىدە مەملىكەت بويىچە ئېتىش مەشىقى باشلىنىپ كەتكەن. ئالدى بىلەن جەنۇبىي كورىيە ھەربىي قىسىملىرى كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربى، شەرقى ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىكى 29 جايدا، بىرلا ۋاقىتتا پاراخوتلاردىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان ئېتىش مەشىقىنى باشلىغان. بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدە قانات يايغان بۇ ئېتىش مەشىقىنىڭ، شىمالى كورىيە 11‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ يۇنپيۇڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇپ، بۇ ئارالدا تۇرۇشلۇق 1500 ئاھالىنى يۇرتنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇر قىلغان ۋەقەگە قايتۇرۇلغان ئومۇم خەلق ئىنكاسى ئىكەنلىكى ئېنىق.

جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرى قايتۇرما ھۇجۇم ھوقۇقىنى ئىشلىتىش بۇيرۇقى چىقاردى

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم كۋانجىن، بۈگۈن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر ھەپتىلىك ئېتىش مەشىقى باشلانغاندا، ھەربىي قىسىملارغا قايتۇرما زەربە بېرىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇ بۇيرۇقىدا، شىمالىي كورىيىنىڭ ھەر قانداق ئىغۋاگەرچىلىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىشتە، قۇرۇقلۇقتىنلا ئەمەس، دېڭىزدىن ۋە ھاۋادىن بىردەك ھەرىكەت قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جەنۇبىي كورىيە باش مىنىستىرى خەلق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى جاكارلىدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ باش مىنىستىرى كىم خۇاڭشىك شىمالىي كورىيە توپقا تۇتقان جايلاردا خەلق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇنپيۇڭ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدىنقى سەپتىكى تۆت نۇقتىدا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىش ئۈچۈن 3 مىليارد ۋون مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى جاكارلىغان. جەنۇبىي كورىيە بىخەتەرلىك كومىتېتى يەنە، ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش )مەجبۇرىيەت( مۇددىتىنى قىسقارتىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى ۋاقتىنچە ئىجرا قىلماسلىقنى جاكارلىغان.

ئوباما بۈگۈن خۇ جىنتاۋنى شىمالىي كورىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا چەكلەشكە چاقىردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 6 دە، تېلېفون ئارقىلىق خۇ جىنتاۋغا 'خىتاي ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى شىمالىي كورىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئوچۇق -ئاشكارا جاكارلىشى كېرەك' دەپ كۆرسەتكەن. ئاقساراي بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما بۈگۈن تېلېفون ئارقىلىق خۇ جىنتاۋنى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئوچۇق-ئاشكارا ھەرىكەت قىلىپ، كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئەنسىزلىكنى تۈگىتىشكە، شىمالىي كورىيىگە سۈكۈت قىلماسلىققا، شىمالىي كورىيىنى 2005‏- يىلى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

ئەمما، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە 'رەئىس خۇ جىنتاۋ بۈگۈن تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ، خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە كورىيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ سۆزىدە، شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئېتىشىشتا زىيانغا ئۇچرىغان خەلققە ۋە مۈلۈككە قاتتىق ئەپسۇسلىنىمىز، ئەگەر بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئەڭ ئاجىز بولغان بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتى كونتروللۇقنى يوقاتسا، ھەر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدۇ، بۇنىڭغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم دەپ كۆرسەتتى' دەپ بايان قىلدى.

شىمالىي كورىيە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى...

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن شىمالىي كورىيە بايانات ئېلان قىلىپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كىلنتون ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شىمالى كورىيىگە قارىتىلىدىغان ئىستراتېگىيىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۆتكۈزگەن بۇ سۆھبەتكە خىتاينى قاتناشتۇرمىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۈچ دۆلەت بىردەكلا، شىمالىي كورىيىنىڭ ئاتوم قوراللىرى پىلانى ۋە جەنۇبىي كورىيىنى توپقا تۇتۇپ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىدىغان بېرەر ئەمەلىي ئىپادە كۆرۈلمىگۈچە، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى، بەلكى شىمالىي كورىيىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت