ئەيدىز بىلەن ئېلىشقۇچى سالامەت

26 ياشلىق سالامەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلئىچى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتى بولغان يارىپ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىنىڭ بىردىن ‏- بىر پىدائىيلىرىنىڭ بىرى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻳﻮﻝ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻳﻮﻝ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ
AFP

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە HIV يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى جەھەتتە خىتاي بويىچە بەشىنچى ئورۇندا .ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى شەھىرى، ئاسىيانىڭ كىندىكى ئاتالغان  قايناق شەھەر ئۈرۈمچىدە  ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەيدىز يەنى HIV يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى  10مىڭ 226 نەپەرگە يېتىدۇ. بۇ يۇقۇمدارلار ئىچىدە 26 ياشلىق سالامەت ئىسىملىك ياش بىر ئانا بار ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن ‏- بىر ئەلئىچى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتى بولغان يارىپ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىنىڭ پىدائىيلىرىنىڭ بىرى.  ئۇ  23-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەتنى ئەيدىزنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، شۇنداقلا HIV ناملىق ئەزرائىلنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنى ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى يېڭىپ، ئەيدىزگە قارشى كۈرەشكە ، ئۈمىدلىك ياشاشقا چاقىردى.
 
"مەن يۇقۇملانغان، ئەمما يولدىشىم ساق..."
مۇخبىر:
- سالامەتمۇ ؟
‏- ھە مەن.
‏- مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتاتتىم.

تېلېفوندا ئىككى ئۈچ ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىغا ئەركىلىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
‏-ئوغلىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟
‏- ئۈچ ياشقا .
-سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟
‏- ياخشى، ياخشى.
‏-قاچاندىن باشلاپ ئەيدىز پىدائىسى بولۇشنى ئويلىشىپ قالدىڭىز؟‏
‏-2005 ‏- يىلىدىن تارتىپ.
‏- نېمىلەرنى قىلىسىلەر؟
‏-ئەيدىز بىمارلىرىنى باقىمىز، ئائىلىلىرىگە بېرىپ سۆھبەتلىشىمىز. ئۇلار يولۇقۇۋاتقان يەكلىنىشكە ئوخشاش ھەر خىل مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىمىز. ئۇلارغا روھىي جەھەتتىن كۆپرەك مەدەت بېرىمىز، چۈنكى بۇ يەردە كىشىلەر ئەيدىزنى بەك قورقۇنچلۇق دەپ ئويلايدۇ.
 ‏- ئۆزىڭىزنىڭ تەجرىبىلىرىنى ۋە بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
‏- مەن ئويلايمەن، ئەيدىز بىمارلىرىنى توغرا چۈشەنسەك . بۇ يەردە كىشىلەر ئەيدىز بىمارلىرىنى يەكلەيدۇ. ھەتتا، دوستلىرى، ئۆز قېرىنداشلىرىمۇ ئۇلارنى ئىچىگە ئالمايدۇ. مەن ئۈچۈن بۇ ھېچقانچە قورقۇنچلۇق كېسەل ئەمەس، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر كېسەللەر بارغۇ دەپ ئويلايمەن، كىشىلەرمۇ شۇنداق ئويلىسا دەپ ئۈمىد قىلىمەن.
‏- سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بالىلىق بولغاندىن كېيىن بىلدىڭىزمۇ؟
‏- ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىلگەن.
‏-سىز بىرىنچى قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى بىلگەندىن كېيىن قانداق ھېسسىياتتا بولغانىدىڭىز؟
‏-مەن بىر يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىمنى تەكشۈرتۈپلا بىلگەن.  يولدىشىم ساق، ئۇنداق كېسەل ئەمەس....مەن بىر يۇقۇملانغۇچى، يولدىشىم ساق تۇرۇپ مېنى قوبۇل قىلىۋاتقاندىكىن، ماڭا ئەڭ چوڭ مەدەت بۇ. يولدىشىم  مېنى ھەر جەھەتتىن قوللايدۇ، ئەيدىزلەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پىداكارلىقلىرىمنىمۇ قوللايدۇ .
‏- سىلەر ئادەتتە تۇرمۇشۇڭلاردا ، جىنسىي تۇرمۇشۇڭلاردا يۇقۇملىنىشتىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟
‏- يولدىشىم ئادەتتە بەك دىققەت قىلىدۇ، بالا ئالغان چاغدىن باشقا چاغدا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىمىز.

ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىمۇ بالىلىق بولالايدۇ

-بۇرۇن ئاڭلىسام ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە خىتايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدارلارنى يەڭگىشكە يول قويماي بالىنى چۈشۈرۈۋېتىدىغان ئەھۋال بار ئىكەنغۇ؟
‏- ھازىرمۇ ھەم دوختۇرلار بەك تەكىتلەيدۇ، بالىنى چۈشۈرىۋەت، بالىنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى دەيدۇ. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى بولساڭلار، بالا ئېلىشنى ئويلاشماڭلار دەپ تەكىتلەيدۇ.

‏- ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئېھتىمالى 2%كە يەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ.
‏- مەنمۇ پىدائىي بولۇپ قاتناشقاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيىنىڭ ياردەم تۈرى بويىچە ئېچىلغان بىر كۇرسقا قاتنىشىش جەريانىدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يەپ ئالدىنى ئالسا ئاندىن بالىغا يۇقۇش ئېھتىماللىقىنىڭ سىز دېگەندەك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئۆگەتكەن ئىدى. كىشىلەر ئىدىيىسىدە بۇ  شۇنداق قورقۇنچلۇق كېسەل دەپ قارىغاچقا، يەنىلا قوبۇل قىلالمايدىكەن. ئاۋسترالىيىنىڭ ئاشۇنداق ياردەم تۈرى بويىچە كۇرسلارغا ئورۇنلاشتۇرغاندەك ئەيدىز بىمارلىرىنى مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرسا ، مۇشۇنداق بىر مۇھىت بولسا ئاندىن ئۇلارمۇ مەن بىر بىماركەنمەن دەپ تۇرمۇشتىن لەززەت ھەم خۇشاللىق ھېس قىلالايدىكەن  . مەنمۇ شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ پىدائىي بولغان .

-سىزدىمۇ جەمئىيەتتە كەمسىتىشكە ئۇچراپ قالارمەنمۇ دېگەن ئەندىشىلەر بولغانمۇ؟
‏-ياق ! مەن ئۇنداق ئويلاپ باقمىدىم. مەن ئۈمىدۋار بولغاندىلا باشقا ئەتراپىمدىكى ئادەملەرگە ياردەم بېرەلەيمەن دەپ ئويلايمەن. بىر قېتىممۇ ئاغرىپ يېتىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، ياتساملا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك قوپۇپ كېتىمەن، ئەتراپىمدا ماڭا قاراپ تۇرۇۋاتقان، ياردىمىمگە مۇھتاج ئەدەملەر كۆپقۇ، ھېچ بولمىسا بىر ئېغىز گېپىمدىن تەسىرلىنىپ بولسىمۇ، مەنمۇ ئۈمىدلىك ياشاي ، پىدائىي بولاي دەۋەتقانلار جىق، شۇلارغا قاراپ خۇش بولۇپ قالىمەن.
- سىز بالا تۇغۇش جەريانىدا دورا يىدىڭىزمۇ ؟

‏- بالام قورسىقىمدا قالغاندا، باشتا دوختۇرلار بىزنىڭ بالا ئېلىشىمىزغا قەتئىي قوشۇلمىدى، كېيىن مەن تەۋەككۈل قىلدىم ، دورا يىدىم، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىدىم. بۇ ۋىرۇس ئادەمنىڭ ئاممونىت كۈچى بىلەن ئېلىشىدىغان بولغاچقا ، قوساق كۆتۈرۈش جەريانىدا ئاغرىق ئازابلىرىنى تارتتىم، ئەمما ئۆزەملا تارتىپ كېتەي دەپ ھېچكىمگە ئېيتمىدىم، ئاخىرى ئاللاغا شۈكرى ساق سالامەت يەڭگىدىم ، بالام مانا ئۈچ ياشقا كىردى.
 - توققۇز ئاي ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىق جاپا چېكىپسىز؟

‏- بۇ جەرياندا ، يەنە پىدائىيلىقىمنى داۋاملاشتۇردۇم ، ئۆزەمنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ، باشقىلارغىمۇ بالا تۇغسا بولىدىغانلىقىنى، ئىمكانىيەتنىڭ زورلىقىنى بىلدۈردۈم.
‏- قەھرىمان ئانا ئىكەنسىز...
‏- خۇش بولىمەن ھازىر، بالام ساغلام. يەسلىگە بەردىم. مېنىڭ ئەمدى  يەنە بىر  بالا ئالغۇم  بار. كۆپ بالىلىق بولۇشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن.
‏- ھۆكۈمەت يول قويمايدىغۇ؟
‏- يول قويمىسىمۇ مەيلى ، دوختۇرلارنى ئىزدەپ، ئۆزۈم ئامالىنى قىلىپ، يەنە تۇغۇشنى ئويلاۋاتىمەن. شۇنىڭغا تەييارلىقتا . مېنىڭ ھازىرقى خىيالىم، تېخىمۇ تىرىشىپ ، مۇشۇ پىدائىيلىقىمنى ياخشى قىلىپ، ئەتراپىمدا يەنە نۇرغۇنلىغان ئەيدىز بىمارلىرىغا ئۈلگە قىلىپ ، تەشكىللىك چوڭ پائالىيەتلەرنى قىلغۇم بار.

" ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، گەپ قانداق ئۆلۈشتە.."

- ھۆكۈمەت ياكى دوختۇرلاردىن سىزنىڭ داۋالىنىشىڭىزغا ياكى تۇرمۇشىڭىزغا بىرەر ئىقتىسادى ياردەم بارمۇ ‏- يوق؟
‏- ياق . مەن ھازىرغىچە داۋالىنىپ باقمىدىم. دورىمۇ يەپ باقمىدىم.
- يولدىشىڭىزنىڭ كىرىمىغىلا تايىنامسىلەر؟
‏- شۇنداق يولدىشىمنىڭلا كىرىمىغا تايىنىمەن.
- ئىموننت كۈچىڭىزنى ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ئۆستۈرۈۋاتامسىز ؟
‏-ھە ئە . ھازىرقى ۋاقتىمدا مۇھىمى ئۆزۈمنى خۇشال تۇتۇش دەپ ئويلايمەن. ھازىرغىچە دورا يەپ باقمىدىم. يۇقۇملانغىنىمنى تەكشۈرۈپ بىلگىلى يەتتە يىل بوپقاپتۇ .
‏- ئادەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا ئالتە ‏- يەتتە يىل ئىچىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنىدىكەن؟
‏-شۇنداق ، بىراق مەندە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئالامەت بايقالمىدى.
- ئەمما، ئويلىسىڭىز قورقۇمسىز؟

‏- ياق ! قورقمايمەن، قورقۇپ باقمىدىم. ئۆزەمنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىۋاتىمەن. ياشىغىلى بولىدۇ، ئەيدىزلا ئەمەس نۇرغۇن يامان كېسەللەردىن ئۆرە تۇرغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. يەتتە ئەزائىم ساق، كۆزۈم كۆرىدۇ. قۇلىقىم ئاڭلايدۇ. مەن ئۈچۈن بۇ ھەممىدىن زور بايلىق. ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ. گەپ قانداق ئۆلۈشتە. ھازىرقى ھالىتىمدە جىقراق ياخشى ئىش قىلىپ ئەتراپىمىزدىكى ئاشۇنداق ئادەملەرنى كۆپرەك تەشكىل قىلىپ قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلايمەن.
- سىزدەك ئۈمىدۋار بولۇشتا ھەممىدىن مۇھىم ئامىل نېمە دەپ ئويلايسىز؟
‏- ھەممىدىن مۇھىمى روھىي ھالەت. ئادەم ئۆزىنى تەڭشەشنى بىلىش كېرەك ئىكەن. ئىككىنچىدىن ئەتراپتىكى ئادەملەرمۇ قوللاپ بەرسە ،روھىي مەدەت بېرىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. ئەمما، مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ئادەم يوق، ئۆزەم بىلەن ئۆزەم ، ئىچىم سىقىلىپ قالسا، ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇللارنى ئويناپ باقىمەن ، كىتاب ئوقۇپ باقىمەن، بولمىسا بازارغا بېرىپ ئايلىنىمەن.... ئامال بار ئۆزۈمنىڭ كەيپىياتىنى ئۆزەم تەڭشەيمەن. بالامغا قاراپمۇ ، شۈكرى دەيمەن.
- سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم. زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
‏-سىزگە رەھمەت.
-خەير ‏- خوش.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت