ئەزەربەيجان مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرلار

2007-11-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

aydin-medetoghlu.-200.jpg
ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھرىدە چىقىۋاتقان تۈركىستان گېزىتىدە دوگۇ تۈركىستاندا ۋە يا ئىندىكى كۇزەي چىن تۈركلىرى ئۇيغۇرلار يەنى 'شەرقىي تۈركىستاندا ياكى ھازىرقى خىتاينىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار' ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. RFA Photo / Erkin Tarim

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلمەكتە. يېقىندىن بېرى ئەزەربەيجان مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەر بېرىلىشكە باشلىدى. ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھرىدە چىقىۋاتقان تۈركىستان گېزىتىدە دوگۇ تۈركىستاندا ۋە يا ئىندىكى كۇزەي چىن تۈركلىرى ئۇيغۇرلار يەنى 'شەرقىي تۈركىستاندا ياكى ھازىرقى خىتاينىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار' ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى تۈرك دۇنياسى ھەققىدە كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان دوتسېنت. در. ئايدىن مەدەتوغلۇ يازغان بولۇپ، ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى ھەققىدىكى پەرەزلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىز 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھرىدىكى تۈركىستان گېزىتىنىڭ ئىشخانىسىدا بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئايدىن مەدەتوغلۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك ئايدىن مەدەتوغۇ ئەپەندى ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز قانداق؟

در. ئايدىن: مەن ئىلىملەر نامزاتى دوتسېنتى، پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىم بار. تۈرك دۇنياسى ھەققىدە ئىككى كىتابىم نەشىر قىلىندى. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى، ئەخلاق -پەزىلەتلىرى، ئەنئەنىلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىم تۈركىستان گېزىتىدە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈشىنى، بۈگۈنىنى ۋە كېلەچىكىنى يېزىپ چىقىشتىن ئىبارەت.

مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى تۈرك دۇنياسىنى تەتقىق قىلىشقا ئاتىدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىمەن. يېقىندا تۈركىستان گېزىتىدە 'شەرقىي تۈركىستان ۋەيا ھازىرقى شىمالىي خىتايدىكى ئۇيغۇرلار' ماۋزۇلۇق بىر ماقالەم ئېلان قىلىندى.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك دوتسېنت در. ئايدىن مەدەتوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان بۇ ماقالىڭىزدا نېمىلەرنى يازدىڭىز؟

در. ئايدىن: تۈركىي مىللەتلەر تارىختا داۋاملىق ھالدا 3 مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلدى. بۇلاردىن بىرسى خىتايلار ئىدى. خىتايلار تارىختا تۈركىي مىللەتلەرنى ئۆزىگە ئەڭ كۆپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلغان مىللەتلەردىن بىرىدۇر. تۈركىي مىللەتلەر تارىختا ئەڭ كۆپ رۇسلار بىلەن خىتايلارنىڭ قول ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قالدى. دۇنيادا خىتايلارغا ئوخشاش ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا ئۇستا باشقا بىر مىللەت يوقتۇر. تۈركىي مىللەتلەر تارىختا ئۇزۇن يىل خىتايلارغا خوشنا بولۇپ ياشىدى، بۇلارنىڭ كۆپى خىتايلارغا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى دۇنيادىكى پۈتۈن چوڭ دىنلارنى قوبۇل قىلىپ، تەتقىقات قىلدى.

مانى دىنى، بۇددا دىنى كېيىن ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت دىنى بولدى، ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇكەممەل دۆلەت تۈزۈمى قۇرۇپ چىققان بىر مىللەت. ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەت تۈزۈمىدىن چىڭگىزخانمۇ پايدىلاندى. چىڭگىزخاننىڭ مەسلىھەتچىلىرى، قوماندانلىرى، قەلەمكەشلىرىنىڭ كۆپى ئۇيغۇرلار ئىدى. پۈتۈن غەربىي تۈركىستاندىكى تارىخى ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچەدۇر. ھەتتا ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ياۋرۇپا مەدىنىيىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شانلىق تارىخىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس، بۈگۈن 20 مىليون ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنىڭ قول ئاستىدا قېلىشى بىر تەلەيسىزلىك، رۇسلار تاتارلارنى، خىتايلار ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلغاندەك بوزەك قىلالمىدى. خىتايلار تارىختىن بېرى باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقۇتۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بىر مىللەت بولغاچقا ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇ ماقالەمدە بۇلارنى ئاڭلاتتىم.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك ئايدىن مەدەتوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە نېمە ئەسەرلەرنى يازماقچىسىز؟

در. ئايدىن: مەن بۇ ماقالەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىنى ئاڭلاتتىم. خىتاي مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئاز كۆرسىتىپ يېزىۋاتىدۇ. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇر بار. مەسىلەن، سېرىق ئۇيغۇرلار. مەن بۇرۇن يازغان كىتاپلىرىمدىمۇ ئۇيغۇرلار يەر بەرگەن ئىدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىستان گېزىتىدە داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يازماقچىمەن.

مەن ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ھەققىدە ماقالە تەييارلاۋاتىمەن، بۇلارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ھەققىدە ماقالە يازماقچى. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۆڭلىمىزدە ئالاھىدە ئورنى بار. تۈركىستان گېزىتىنىڭ ھەر سانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقا خەۋەرمۇ بولسا بېرىپ كېلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بېرىشكە داۋام قىلىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ گېزىتىمىزدە يەر بېرىۋاتىمىز، ئۇنىڭ داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز.

ئەركىن تارىم: سىز رۇسلارنىڭ تاتارلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلالمىغانلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز؟ خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلالارمۇ سىزچە؟

در. ئايدىن: مەن خىتايلار ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ كېتەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، بۇنىڭ سەۋەبلىرى بار. ئۇيغۇرلار ئەنئەنىسىگە، تارىخىغا ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىگە مەھكەم باغلانغان بىر مىللەت. بۇنداق بىر مىللەتنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش بەك تەس. 11- سېنتەبىردىن كېيىن خىتايلار كۆپ ئۇيغۇرنى ئۆلتۈردى، ئادەم ئۆلتۈرمەك بىلەن بۇ ئىش ھەل بولمايدۇ، كۈنىمىزدە دۇنيانىڭ بىر يېرىدە بىرسىنىڭ بۇرنى قانىسا دەرھال خەۋەردار بولىدۇ، دۇنيا دۆلەتلىرى بۇ ئىشقا ئارىلىشىدۇ. شۇڭا خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەس، تىلىنى يوقۇتۇپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بۇنى خەلقئارادا ئىران ئۇسۇلى ئاسسىمىلاتسىيە دەيدۇ.

ئىران دۆلىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىراندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىنى مەنى قىلىپمۇ ئاسسىمىلاتسىيە قىلالمىدى. چۈنكى بالا تۇغۇلغاندا ئانىسى ئۇنىڭغا ئانا تىلىدا گەپ قىلدى، بۆشۈكتىن تارتىپ ئۆيدە ئانا تىلى بىلەن گەپ قىلىشتى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئوخشاش باي بىر مەدەنىيەتنى دۇنيا سەھنىسىدىن يوق قىلىش مەنچە مۇمكىن ئەمەس. خىتايلار نېمە قىلسا قىلسۇن 20 مىليون ئۇيغۇرنى يوق قىلالمايدۇ، خىتاينىڭ بېسىمى كۈچەيگەنسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا بولغان نارازىلىقىمۇ كۈچىيىدۇ، ئۇيغۇر داۋاسى كۈچىيىدۇ. خىتايلارنىڭ بېسىمى كۈچەيگەنسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى غۇرۇرى كۈچىيىدۇ. (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت