پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشىدە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش. 2011-يىلى 22-ئۆكتەبىر.
ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشىدە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش. 2011-يىلى 22-ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

مەركىزى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە جالاشقان ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 10-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم ۋە گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن قاتارلىق شەھەرلەردە 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە تىبەتلەر، ۋيېتناملىقلار، تەيۋەنلىكلەر، دېموكرات خىتايلار، فالۇڭگوڭچىلاردىن باشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشىدە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش. 2011-يىلى 22-ئۆكتەبىر.
ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشىدە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش. 2011-يىلى 22-ئۆكتەبىر. RFA/Erkin Tarim

بىز فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ھەققىدە نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تولۇق بەت