فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى

فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار 2-ئاينىڭ 2-كۈنى خېلسىنكىدە يىغىن چاقىرىپ فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى
RFA/Erkin Tarim

بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى، فىنلاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تاتار، تۈرك، ئەزەربەيجان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىلات يىغىنى. 2011-يىلى 2-يانۋار.
فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىلات يىغىنى. 2011-يىلى 2-يانۋار. RFA/Erkin Tarim
دېموكراتىيىلىك سايلام نەتىجىسىدە فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە تاھىر ھاجىم، قانۇن مەسلىھەتچىلىكىگە ئارسلان تاشقىن، رەئىسلىككە ئوبۇلقاسىم ئابدۇلھېكىم، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئابدۇھاپىز مەمەت ئابدۇللا، باش كاتىپلىققا ھېيتاخۇن مەمەتېمىن، مالىيە مۇدىرلىقىغا ئابدۇراخمان ئەپەندى سايلانغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت