گەنسۇدا تۇڭگانلار بىلەن خىتاي بەزمىخانا ئىگىلىرى توقۇنۇشقان ۋە نۇرغۇن تۇڭگان دىندارلار تۇتۇلغان

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلار مەركەزلىك ياشايدىغان بەزى شەھەر ۋە ناھىيىلەردە يەرلىك تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئۆلۈم - يېتىم كېلىپ چىقىدىغان ۋەقەلەر پات - پات سادىر بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-10-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﻳﺎﯓ ﺟﻮﯕﺪﻭﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﻳﺎﯓ ﺟﻮﯕﺪﻭﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
http://china.usc.edu ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ توقۇنۇشلار كۆپ ھاللاردا دىنىي كەمسىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۇڭگانلار بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى ئىزچىل ئېھتىيات بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا گەنسۇنىڭ لىنشيا شەھىرىدە يەنە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن تۇڭگان دىنىي زاتلار قولغا ئېلىنغان. بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى بولسا خىتايلارنىڭ تۇڭگانلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بىر رايونغا بەزمىخانا قۇرغانلىقىدۇر.

بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن گەنسۇنىڭ لىنشيا شەھىرىدىكى تۇڭگانلار مەركەزلىك ياشايدىغان بىڭخې يولىدىكى بىر بىنانىڭ 1 - ۋە 2‏ - قەۋىتىدە "يىليەن" ناملىق بىر كەچلىك بەزمىخانا قۇرۇلۇپ تىجارەت باشلىغان ئىدى. لېكىن، بەزمىخانا شۇ ئەتراپتىكى تۇڭگانلارنىڭ دىنىي سەزگۈرلۈكىنى قوزغاپ، ئۇلارنى بىئارام قىلغان. ئىگىلىشىمىزچە، بەزمىخانا 9 ‏ - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تىجارەت باشلاپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، شۇ رايوندا ياشايدىغان مۇسۇلمان تۇڭگانلار بەزمىخانىنى قورشىۋېلىپ، مۇسۇلمانلار مەركەزلىك ياشايدىغان رايوندا بەزمىخانا ئېچىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى، بەزمىخانا ئىگىلىرىنىڭ تىجارەتنى توختىتىپ، بەزمىخانىنى باشقا جايغا يۆتكەپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بەزمىخانا ئىگىلىرى تىجارەتنى توختىتىشنى رەت قىلىپلا قالماي، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆي ۋاقىنى پارتلىتىپ تۈزلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ، مۇسۇلمان تۇڭگانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئۇلار بەزمىخانىنىڭ ئىشىك، دېرىزە ۋە ئىچىملىك پۇكىيىنى چېقىپ تاشلىغان. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر بەزمىخانىنى چېقىش ۋەقەسىگە قاتناشقان تۇڭگان ئاممىسىنىڭ مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى، لېكىن ۋەقەدە ئۆلۈم - يېتىم ياكى ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
 
گەرچە ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر ئامانلىق كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يىغىلىشقا قاتناشقان نامايىشچىلاردىن نۇرغۇن كىشىنى تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، لېكىن لىنشيا شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ما فامىلىلىك بىر ئەمەلدارى رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا بەزمىخانا ئىگىلىرىنى ئەيىبلىدى. ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى بەزمىخانا ئىگىلىرىنىڭ رۇخسەتسىز تىجارەت باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئوتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىجارەت ۋە مەدەنىيەت رۇخسەتنامىسى ئالمايلا قالماي، بەزمىخانا ئىگىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلغان يەرلىك ئاممىغا تەھدىت سالغانلىقىنى، مۇسۇلمانلار رايونىدا ئىچىملىك ۋە رەڭلىك پائالىيەت سورۇنى ئېچىش ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بەزى ئانالىزچىلار، بۇ ۋەقە گەنسۇدىكى تۇڭگان ئاممىسىدا دىنىي سەزگۈرلۈكنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ۋەقە يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە گەنسۇدىكى تۇڭگان ئاممىسىنىڭ دىنىي سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن 2‏ - ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 6 ‏- ئايدا گەنسۇنىڭ جياڭيى شەھىرىدە خىتاي قاسساپلارنىڭ چوشقا گۆشىنى ھالال ئۆشكە گۆشى كۆرسىتىپ، گەنسۇ، چىڭخەي ۋە ئۇيغۇر ئىلى قاتارلىق جايلاردا ساتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. "ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاڭيىدىكى "ھالال چوشقا گۆشى" ۋەقەسىدە 200 توننا گۆش بازارغا سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 180 توننا گۆش سېتىلىپ بولغان ياكى ئىستىمال قىلىنغان.

بۇ ۋەقە جۇڭگو ئىسلام تورىدا پاش قىلىنغاندىن كېيىن چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تۇڭگانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. چىڭخەينىڭ شىنىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدىن نۇرغۇن تۇڭگانلار جاڭيىغا يىغىلىپ، جاڭيى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن جاۋابكارلارنى جازاغا تارتىشنى تەلەپ قىلغان. جاڭيى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تۇڭگانلارنىڭ بېسىمىدا مۇسۇلمان ئاممىدىن ئەپۇ سوراپلا قالماي، گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان ۋە ئالاقىدار ئورگانلاردىن 4 ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئىزچىل ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لىنشيادىكى بەزمىخانا ۋەقەسىدە زادى قانچىلىك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ شۇ ئەتراپتىكى مەسچىتلەردە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دىنىي زاتلار ئىكەنلىكى، شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن مەھەللە ئەتراپىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئۆزىدىنلا جامائەت ئەربابلىرىدىن 10 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ۋەقەدىن خەۋەردار يەرلىك زاتلارنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، تۇتقۇنغا ئۇچرىغان مەزكۇر جامىئە ئەزالىرىدىن بىر ئاخۇن ۋە 5 نەپەر موللا ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇلارغا ھېچقانداق جىنايەت ئارتمىغان بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن رەسمىيەتسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.

ۋەقەدە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يەرلىك ئامما بەزمىخانا تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇنلا شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارغا ئەرز قىلىپ، مۇسۇلمانلار رايونىغا بەزمىخانا ئېچىشنىڭ جائىز بولمايلا قالماي، بۇنىڭ يەنە خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ "كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى"گە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئاھالىلەر رايونىدا بەزمىخانا ئېچىش شاۋقۇن ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن.

لېكىن، لىنشيا شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ما فامىلىلىك يۇقىرىقى ئەمەلدار بەزمىخانا ئىگىلىرىنى رۇخسەتسىز تىجارەت باشلاش بىلەن ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ بەزمىخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئاممىۋى ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئەدلىيە، سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا مۇداخىلە قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇ تۈرلۈك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ھۆكۈمەتكە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يەرلىك ئامما ھۆكۈمەتنىڭ بەزمىخانىغا كۆز يۇمغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ھۆكۈمەتكە ئائىت بولسا، دائىرىلەر بەزمىخانىنىڭ قانۇنسىز تىجارەت باشلىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشكە ۋاقتىدا توسىمىغانلىقىغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن دوكتور قاھار باراتنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان قارشى ئۆزگىچىدۇر. ئۇ، لىنشيا دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى نىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەگە دىنىي تۈس بېرىپ، جەمئىيەتتىكى ئىناۋەتلىك دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى، بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ دىققەت نەزىرىنى بەزمىخانا تىجارىتىنىڭ ئارقىسىدىكى پارىخورلۇقتىن باشقا نۇقتىغا بۇراش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېگەندەك ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "يىليەن" بەزمىخانىسى لىنشيانىڭ بىڭخې كوچىسىدىكى تۇڭگانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر بەزمىخانا بۇ مەھەللىدە تىجارەت باشلاپ، رەڭلىك مېھمان كۈتۈۋاتقان بىردىن بىر سورۇن ئەمەس ئىكەن. ئۇلار "يىليەن" بەزمىخانىسى تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇنلا بۇ كوچىدىكى تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان مەھەلىلەردە نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، "چيەنبەيدۇ" ، "بوس" ۋە "خۇائەرخوڭ" قاتارلىق بەزمىخانا ۋە دىسكوخانىلارنىڭ بۇرۇندىن تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت