گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پائالىيەتلىرى جانلانماقتا

24-ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى روزا ھېيتنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ روزا ھېيتلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 24-ئاۋغۇست، ميۇنخېن.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ روزا ھېيتلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 24-ئاۋغۇست، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پائالىيەتلىرى مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىدىن سىرت، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. ھەر يىلى ھېيت، بايراملاردا بىرسورۇنغا جەم بولۇپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ھەم سەنئىتى بىلەن تەربىيىلەش ئەنئەنىسى يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ سورۇنغا جەم بولغان بىر قانچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ روزا ھېيتلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 24-ئاۋغۇست، ميۇنخېن.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ روزا ھېيتلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 24-ئاۋغۇست، ميۇنخېن. RFA/Ekrem

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق خادىمى گۈلنار خانىمنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى سورۇننى ميۇنخېن شەھىرىدە يېڭى ئېچىلغان كاشىغەر رېستورانى ئاياللار شەرىپىگە روزا ھېيتلىق زىياپەت بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سورۇنغا 40 تىن ئارتۇق ئاياللار ۋە بالىلار قاتناشقان.

گۈلنار خانىم ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بارغانسېرى جانلىنىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. گۈلنار خانىم سۆزىدە، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىغا زور ھەسسە قوشۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىممۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەت توغرىسىدىكى تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان رۇقىيە ھاجىم ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىدىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئىجتىمائىي يىغىلىشلارنىڭ كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گۈلنار خانىم زىيارىتىمىز ئەسناسىدا يەنە، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىكى سەۋەبنى شەرھلەپ، ھەربىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئانىلىق بۇرچىنى ۋە ئۇيغۇرلۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى، ۋەتەن ئىچىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەردە ياشاۋاتقان خەلقىنى ئۇنتۇپ قىلىشنىڭ نومۇسسىزلىق بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش يولىدا چامىنىڭ يېتىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئۆز ۋىجدانىنىڭ تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت