بۇ يىل ھېيت نامىزىغا كەلگەنلەر ھەر يىلقىدىن كۆپ بولدى. نامازدىن ئىلگىرى تەپسىر قىلىنىپ، جامائەت ئىمان-ئېتىقادقا، ياخشىلىق ئىشلىرىغا، ۋەتەن-مىللەت دەۋاسىغا دەۋەت قىلىندى. نامازدىن كېيىن دۇئا-تەكبىرلەر ئوقۇلدى.
روزا ھېيت نامىزىنى كۆڭۈللۈك تۈگەتكەن ئۇيغۇر جامائىتى بىر-بىرىنى باغرىغا بېسىشىپ، ئۆز-ئارا بايراملىرىنى تەبرىكلەشتى ۋە ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇشتى. ئاندىن ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان «ھىلال»، «تەكلىماكان»، «كاشىغەر» قاتارلىق رېستورانلىرىغا كىرىشىپ پەتە قىلىشتى.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرىدىن بىرى، جامائەت بىرلىكتە شەھەر سىرتىدىكى قەبرىستانلىققا چىقىپ، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان بىرقانچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش بولدى. قەبرىگاھدا قىرائەت قىلىندى ۋە دۇئالار ئوقۇلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ۋەتەندىكى ئاتا ياكى ئانىسى قازا قىلىپ كەتكەن ھازىدارلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتە قىلىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى.
بىز گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى 30 كۈنلۈك رامزان توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىدىن ۋاقىپ بولۇش ئۈچۈن، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندىنى ھەمدە د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى ۋە ميۇنخېندىكى دىنىي زاتلاردىن ھېبىبۇللاھ قارىملارنى زىيارەت قىلدۇق.
ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىلقى رامازاندا ئۇيغۇر جامائىتى نامايان قىلغان ئىناقلىقتىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. بۈگۈنكى نامازدىن ئىلگىرى ئىمان-ئېتىقاد توغرىسىدا تەپسىر سۆزلىگەن دىنىي زات ھېبىبۇللاھ قارىممۇ تەسىراتىنى بايان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگىمۇ مۇشۇنداق ئەركىن-ئازادە ھېيت بولۇشىنى جانابى ئاللاھتىن تىلىدى.