خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى گېرمانىيىدە نامايىش

2007-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ مىيۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بېرىۋاتقاندا، كونسۇل سىرتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى.

خىتاي كونسۇلى ئالدىغا يىغىلغان ئۇيغۇرلار، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 58 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇستەملىكە سىياسەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى نامايان قىلىدىغان شوئارلارنى توۋلاپ ،تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى پاش قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مىيۇنخېندىكى نامايىش مەيدانىدىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بەرگەن تەپسىلى نەق مەيدان خەۋىرىنى ئاڭلايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت