5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (17)

خىتاي دائىرىلىرى غايىبلار ھەققىدە يالغان ھېكايە توقۇشقا باشلىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەخمەتجان جۈمە
ئەخمەتجان جۈمە
RFA/Shohret Hoshur

خىتاينىڭ 5 نەپەر دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى، 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايوندىكى كەچلىك بازىرىدا قاق سودىسى قىلىۋاتقان ئەخمەتجان جۈمەنى تۇتۇپ كەتكەن. نۆۋەتتىكى پروگراممىمىزدا ئەخمەتجان جۈمەنىڭ كىملىكى ئۈستىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم غايىبلار ھەققىدە يالغان ھېكايە توقۇشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇ ھېكايىلىرىگە غايىبلار ئائىلە تاۋابىئاتىنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

ئەخمەتجان جۈمە 1983-يىلى خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلغان. 16 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدە قۇرۇق مېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئەخمەتجان جۈمە 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن؛ ئائىلىسى 3 يىلدىن بۇيان خوتەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىدىن ئەخمەتجان جۈمەنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرىنى ئالالمىغان. ساقچىلار بۇنداق بىر كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى رەت قىلغان. بۈگۈن مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەخمەتجان جۈمە ئائىلىسى ئۇنىڭ خىتاينىڭ قارا كىيىملىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگىنىگە ئاز دېگەندە بەش نەپەر گۇۋاھچى بارلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنغا قەدەر غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتىغا غايىبلارنىڭ نەدىلىكى ۋە قىسمىتى ھەققىدە ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمەي كەلگەن؛ ئۇلار كۆپىنچە ئائىلىلەرگە پەقەت كۈتۈشنىلا تەۋسىيە قىلسا، يەنە بەزىلىرىگە غايىبلارنىڭ نەدىلىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر-ئىككى ھەپتىدىن بۇيان دائىرىلەر بىر قىسىم غايىبلار ئائىلىسىگە بېرىپ ئۇلارغا پەرزەنتلىرىنىڭ تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى ياكى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ساقچىلار غايىبلاردىن نەبىجان ئېلى ئائىلىسىگە بېرىپ، بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى بايان قىلغان.

ساقچىلار غايىبلاردىن ئەيساجان ئەمەت ئائىلىسىگىمۇ ئوخشاش ھېكايىنى سۆزلىگەن ۋە بۇ ئائىلىنى ئوغلىنى ئىزدىمەسلىككە ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلماسلىققا ئۈندىگەن. بۇ ئائىلە ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكى ئېلىنغۇچە دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىن كەلگەن تېلېفونغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك ھېكايىلىرىنىڭ مەنبەسىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ساقچىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئەما ئەنە شۇ ھېكايىنى سۆزلىگەن ساقچى خادىمى قادىر ھاجى رادىئومىز زىيارىتىدىن ئۆزىنى قاچۇردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت