5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (14)

دەرتمەن ئاتا، «5 - ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان ئوغلىنىڭ قايسى قاماقخانىدا ياتقانلىق ئۇچۇرىنى 5 مىڭ يۈئەنگە سېتىۋالغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
غايىپ بولغان ئابدۇرېھىم سىدىق
غايىپ بولغان ئابدۇرېھىم سىدىق
RFA


2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۆزلىرىنى قەشقەردىن كەلگەن ساقچى دەپ تونۇشتۇرغان ئىككى كىشى، دۆڭكۆۋرۈكتە كىيىم - كېچەك سودىسى قىلىۋاتقان ئەكبەر تۇرسۇننى دۇكىنىدىن ئېلىپ كەتكەن. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئەكبەر تۇرسۇننىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس؛ ئەكبەر تۇرسۇننىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەكبەر تۇرسۇننى ئېلىپ كەتكەن ئىككى ساقچىنىڭ كىملىكلىرىمۇ ھازىرغىچە ئېنىقسىز. بۇ مەخسۇس پروگرامىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا ئەكبەر تۇرسۇننىڭ كىملىكى بىلەن بىرلىكتە، يەنە بىر دەرتمەن ئاتىنىڭ غايىپ بولغان ئوغلىنىڭ ئىلگىرى قايسى تۈرمىدە ياتقانلىق ئۇچۇرىنى 5,000 يۈئەنگە سېتىۋالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئاڭلىغىنىڭلار، ئەكبەر تۇرسۇننىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ غايىپ بولۇش جەريانى. مەلۇم بولۇشىچە، ئائىلىلەرنىڭ غايىپ بولغانلارنى ئىزدەش جەريانىمۇ بىر - بىردىن پەرقلىق. بەزىلەر ھۆكۈمەتتىن ئادالەت كۈتۈپ، 6 ئايغىچىمۇ ئىز - دېرىكىنى قىلمىغان؛ ياكى ئىز - دېرىكىنى سوراشقىمۇ پېتىنالمىغان؛ بەزىلەر تاكى بېيجىڭغا قەدەر داۋا قىلىپ بارغان. بەزىلەر بۇ جەرياندا ساقچىلار بىلەن سوقۇشقان، بۇ سەۋەبلىك قوللىرىغا كويزا سېلىنىپ قاماقتا ياتقان؛ يەنە بەزىلەر ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پۇل سوۋغا قىلغان. مەسىلەن ئوغلىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغان، بىر دەرتمەن ئاتا، ئوغلىنىڭ ئىلگىرى شىسەن قاماقخانىسىدا ياتقانلىق ئۇچۇرىنى بىر ئەمەلداردىن 5,000 يۈئەنگە سېتىۋالغان. مەزكۇر ئەمەلدار، بۇ ئاتىغا يەنە 300مىڭ يۈئەن بەرسە ئوغلىنى تېپىپ قويۇپ بەرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ بىراق بۇ ئاتىنىڭ بۇنچىلىك پۇلغا قۇربى يەتمىگەچكە، ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چارىسىز قالغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا «5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار» ناملىق چاتما خەۋەرنىڭ 14 - قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىزلارغا كۆپ رەخمەت. ھارمىغايسىزلەر.
تېكىست مەزمۇندا بەش مىڭ يۈەن دىگەن سۆز ئۈچ يەردە ئۈچ خىل شەكىلدە ئۇچرىدى.
بىرىنچىسى، 5 مىڭ يۈەن
ئىككىنچىسى، 5000 يۈئەن
ئۈچىنچىسى، 5000 مىڭ يۈەن (يەنى بۇ ساندا خاتالىق بار ئىكەن، بەش مىڭ مىڭ بولۇپ قاپتۇ)
تۈزىتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، رەخمەت.

بۇ پىكىرنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

Jun 22, 2012 08:13 PM

تولۇق بەت