"ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى" مۇخبىرى غەيرەت نىيازنى زىيارەت قىلىش جەريانىنى ئاشكارىلىدى

"ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى" مۇخبىرى لى يوڭفېڭ 30 - ئىيۇل " غەيرەت نىيازنى زىيارەت قىلىش جەريانىم" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەيرەت نىيازغا تۆھمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-08-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر ماقالە خىتاي دائىرىلىرى 23 - ئىيۇل "شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازنى " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان" دېگەن جىنايەت بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

مۇخبىر ماقالىسىدە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"، 8 - ئايلاردىكى "يىڭنە سانجىش ۋەقەسى" ۋە "3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى" مەزگىلىدە غەيرەت نىياز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ھەمدە ئەينى چاغدا ئۆزى ئىگىلىگەن بەزى ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.

ماقالىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىر غەيرەت نىيازنى " چەتئەل مۇخبىرلىرىغا دۆلەت مەئىپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان"،" دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان" دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇخبىر، غەيرەت نىنيازنىڭ زىيارەت جەريانىدا، رايوندا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئەينەن بايان قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا زىيارەت جەريانىدا باشتىن - ئاخىر خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ سۆزلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ غەيرەت نىيازغا ئوخشاش بىر كىشىنى جازالىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇخبىر، غەيرەت نىياز بىلەن بولغان تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت ھەققىدە مۇنداق بايانلارنى بېرىدۇ. " مەن ئۇنىڭ ئۈرۈمچى يەنئەن كوچىسىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتىم. بىز ئاساسەن ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىك خاراكتېرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. سۆھبەت جەريانىدا مەن غەيرەت ننيازنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ماڭا ئوخشاش بىر خىتاي مۇخبىرغا ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بەزى كىشىلەرگە بولغان نارازىلىقىنىمۇ قىلچە يوشۇرماي ئوتتۇرىغا قويدى."

مۇخبىر لى يوڭفېڭ غەيرەت نىيازنىڭ " 5 - ئىيۇل خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى" ھەم " 7 - ئىيۇل خىتايلارنىڭ كالتەك كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ - ئۆلتۈرۈش" ۋەقەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئەينەن بايان قىلغانلىقىنى مۇنداق يازىدۇ.

" مەن غەيرەت نىيازغا ئۈرۈمچى ھەم قەشقەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا كۆرگەن ئەھۋاللارنى ھەم ساقچىلار تەرىپىدىن ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغىنىمنى دەپ بەردىم. مەن ئۇنىڭغا بايىلا بۇلاق بېشى كوچىسىدا خىتاي پۇقرالىرى ئۆلگەن جايدا، ھېلىمۇ يەردە ئۇيۇپ قالغان قان ئىزلىرىنى كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغىنىمدا، ئۇ ماڭا 7 - ئىيۇل خىتايلار توخماق كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغىنىدا، پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەن بىر ھامىلىدار ئايال بىلەن نىر ناراسىدە ئۇيغۇر بالىسى ھەققىدىكى ئەھۋالنى مىسال قىلىپ سۆزلىدى. ئېنىقكى بۇ چاغدا غەيرەت نىياز تولىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدى. غەيرەت نىنيازنى ئەڭ ئازابلىغىنى، 5 - ئىيۇل نامايىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە قارىتا دەرھال تەدبىر ئالمىغانلىقى ئىكەن. غەيرەت نىياز ماڭا، 4 - ئىيۇل كەچقۇرۇنلۇقى ئۆزىنىڭ قانۇن سىستېمىسىدىكى خىزمەتداشلىرىغا ئۈرۈمچىدە ۋەقە چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە "يۇقىرىغا مەلۇم قىلدۇق، ھازىر يۇقىرىنىڭ قارارىنى ساقلاۋاتىمىز"دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مۇخبىر ماقالىسىدە، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن ئىلگىرى، غەيرەت ننيازنىڭ ھۆكۈمەت ئەمالدارلىرىنى، رايوندا زور ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەنى مۇنداق بايان قىلغان.

"مېنىڭ قايتا - قايتا سوراپ تۇرۇۋېلىشىم بىلەن، غەيرەت نىياز ماڭا، 5 - ئىيۇل ئەتىگەن سائەت 10 دا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن يۈز - تۇرانە كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا 3 خىل تەكلىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. غەيرەت نىيازنىڭ دېيىشىچە، ئۇ، دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاۋۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن كۆرۈشكىلى بارغان ئىكەن، ئەمما شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 ئەتراپىدا ۋاڭ لېچۈەن ئۈرۈمچىدە ئەمەس ئىكەن. شۇڭا غەيرەت نىياز ئامالسىز نۇر بەكرى بىلەن كۆرۈشكەن. نۇر بەكرى بۇ چاغدا بىر يىغىندا بولۇپ، غەيرەت نىياز ئۇنى يىغىندىن چاقىرتىپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى تەھلىلى ھەم چوڭ ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى 3 ماددىلىق تەكلىپىنى سۇنغان. ئەمما نۇر بەكرى غەيرەت نىيازغا، بۇنى ئالدى بىلەن يۇقىرىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. غەيرەت نىيازنىڭ چۈشىنىشىچە، نۇر بەكرى سۆزىدە دېمەكچى بولغان " يۇقىرىنىڭ تەستىقلىشى" ئەمەلىيەتتە ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن."

مۇخبىر لى يوڭفېڭ يەنە ئەينى چاغدا غەيرەت نىيازنىڭ ئۆزىدىن، " ئاسىيا ھەپتىلىك خەۋەرلىرى" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدىغان خەۋىرىدە نۇر بەكرى ھەم ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلغان.

" غەيرەت نىياز ماڭا، " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ، ئۆزىنىڭ " چوڭ ۋەقە چىقىشى مۈمكىنلىكى" ھەققىدىكى پەرىزى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ھۆكامەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن گۇمانى ئېشىپ، ئۆزىگە بولغان تەكشۈرۈش ھەم نازارەتنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. لېكىن ئۇ يەنە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى ئاياغلاشقاندا ئۆزىنىڭ ئاقلىنىپ چىقىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى. مەن غەيرەت نىيازدىن ئۇنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا چوڭ ۋەقە چىقىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتنى خەۋىرىمدە بېرىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭا بۇ خەۋەرنى يازسام بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ باشلىقلارنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالماسلىقىمنى تەلەپ قىلدى. غەيرەت نىيازنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە ئېلان قىلىۋېتىش ئۇلارنىڭ نامى ئۈچۈن ياخشى ئەمەس ئىكەن."

مۇخبىر يەنە، ئۆزىنىڭ غەيرەت نىيازنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرىلا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ " 5 - ئىيۇل نامايىشى" ھەققىدىكى خەۋەرنى بىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ بېسىلىپ بولغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەيرەت نىيازنى " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان " دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق يازغان " مەن ئەينى چاغدا، غەيرەت نىيازدىن ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا پەقەتلا ھەيران قالمىدىم. چۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى 18 - ئىيۇل رويتېرس ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە سەھەر گېزىتى، تۈركىيە جاھان ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل نامايىشى ھەققىدە خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەن بولسام غەيرەت نىيازنى 21 - چېسلا چۈشتىن كېيىن زىيارەت قىلدىم، بۇ خەۋەر ئاسىيا ھەپتىلىك ژونىلىدا 23 - چېسلا بېسىلدى، ئەمما ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنغان ۋاقتى بولسا 2 - ئاۋغۇست، دەپ يېزىقلىق ئىدى. 23 - ئىيۇل مەن ئايروپىلان بىلەن خوڭكوڭغا قايتتىم ۋە ئەتىسى ئەتىگەندە پوچتا تېز يوللانمىسى بىلەن ژۇرنالنىڭ بىر نۇسخىسىنى غەيرەت نىيازغا ئەۋەتىپ بەردىم."

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، " ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى" مۇخبىرى لى يوڭفېڭنىڭ غەيرەت نىيازنى زىيارەت قىلغان ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، غەيرەت نىياز قانداق ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇقتى؟ 2009 - يىلى 8 - ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "يىڭنە ۋەقەسى"،2009 - يىلى 9 - ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى"دىن كېيىن، غەيرەت نىياز " ئاسىيا ھەپتىلىك خەۋەرلىرى" ژۇرنىلى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قايتا قوبۇل قىلغىنىدا مۇخبىرغا نېمىلەرنى دېدى؟ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشىدا يەنە قانداق سەۋەبلەر بار؟ كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا مۇخبىر لى يوڭفېڭنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى داۋاملىق ئاڭلىتىمىز.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت