تۇرپانيۈزى باغلىرى مەجبۇرىي سېتىۋېلىنماقچى (1)

" ئىلى باغلىرى جەننەت ماكانى، ئۇندا ياڭرايدۇ بۇلبۇل ناۋاسى...." بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى تەبىئىي ھالدىلا غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى گۈزەل باغلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ، ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻫﯧﻜﯩﻢ ﺳﯩﻴﯩﺖ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻴﺎﯕﺪﯗﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ، ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻫﯧﻜﯩﻢ ﺳﯩﻴﯩﺖ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻴﺎﯕﺪﯗﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسى بىلەن جىلىيۈزىنىڭ 5 كۆۋرۈك مەھەللىسى ئارىلىقىغا جايلاشقان يۇقىرىقى تۇرپانيۈزى كەنتىدىكى    " ناسىر پاڭنىڭ بېغى "، " نۇرىنىڭ بېغى "، " يۈسۈپجىنكامنىڭ بېغى " " مۇتەللىپكامنىڭ بېغى " قاتارلىق بىر يۈرۈش باغلار  غۇلجا ناھىيىسىدە چوڭ بولغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يادىدا بولسا كېرەك.

ئەمما ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا ئۆچمەس خاتېرىلەرنى قالدۇرغان بۇ گۈزەل باغلارغا سوغۇق قوللار سۇنۇلماقتا.

 تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ  رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا، بۇلتۇردىن بۇيان  غۇلجا ناھىيىسىدىن بۇيرۇق كېلىپ، بۇ باغلارنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋالماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى  مىش - مىش گەپلەر تارقالغان.  بۇلتۇر دېھقانلارنىڭ بۇ قارارغا بولغان نارازىلىقى بەك كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن، ئەينى چاغدا   ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بۇ باغلارنى سېتىۋېلىش نىيىتىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچكەن.

ئەمما بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تۇرپانيۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئارقىلىق باغ ئىگىلىرىدىن باغلارنى ھەر مو يەرنىڭ يىللىغىنى 200 سومدىن باھالاپ، مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئايرىم ھەق بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما باغ ئىگىلىرى ئۆزلىرى مىڭ بىر جاپادا ئاز كەم 30 يىل ئەجىر قىلىپ بىنا قىلغان بۇ باغلارنىڭ ناھايىتى ئەرزان باھادا يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي سودىگەرلىرىگە كىم ئاشتى قىلىپ  سېتىۋېتىلمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ئىشقا نارازى بولۇپ، باغلارنى ساتمايدىغانلىقىنى دېگەن. دېھقانلارنىڭ قارشىلىقى ئالدىدا يېزىلىق ھۆكۈمەت، مەجبۇرلاش، تەھدىت قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا يۈزلەنگەن.

بىز تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى بۇ باغلارنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي سېتىۋېلىنماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن تۇرپانيۇزى يېزىسىدىكى مەلۇم بىر دېھقان ئائىلىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ كىشى بىزگە ھەقىقەتەن بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يەرلەرنى سېتىۋېلىشتا، دېھقانلارنى مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بىز تۇرپانيۇزىدىكى باغلارنى تۇرپانيۇزى يېزىلىق ھوكۇمەتنىڭ دېھقانلاردىن ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى دەلىللەش ئۇچۇن تۇرپانيۇزى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون ئۇرغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. بىز يېزىلىق ھۆكۈمەت باشلىقى پەخىرىدىننىڭ قول تېلېفونىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، يېزا باشلىقى پەخىرىدىن بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن تېلېفونىمىزنى جاۋابسىز قويدى.

يېزا باشلىقى پەخىرىدىن بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندىن كېيىن، بىز سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق تۇرپانيۇزى يېزىسى يۇقىرى تۇرپانيۇزى كەنتىنىڭ باشلىقى ئابدۇسەمەتنىڭ قول تېلېفون نومۇرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن تۇرپانيۇزى يېزىسىدىكى باغلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق.

ئابدۇسەمەت بىزنىڭ ئەركىن رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن ئانچە دوستانە بولمىغان ھالدا يۇقىرى تۇرپانيۇزى كەنتىدىكى باغلارنىڭ ئەسلى كەنتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەر بولۇپ، دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما  دېھقانلار بۇ باغلارنى ياخشى باشقۇرالمىغانلىقى، كەنتكە ھېچقانداق ئىقتىسادى مەنپەئەتى بولمىغانلىقى ئۇچۇن كەنتنىڭ بۇ باغلارنى، دېھقانلاردىن ھەر مو يەر ئۇچۇن يىللىقىغا 200 سومدىن ھېسابلاپ سېتىۋىلىپ كەنتنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ بىزنىڭ دېھقانلارنىڭ بۇ ئىشقا رازى بولغان  -  بولمىغانلىقىنى، دېھقانلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىلگەن باغلارنى ھازىر قانداق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئابدۇسەمەت سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى.

ئابدۇسەمەتتىن بۇ يەرلەرنى دېھقانلاردىن قايتۇرۇپ سېتىۋالغاندىن كېيىن، كەنتنىڭ بۇ يەرلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ يەرلەرنى ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلارغا سېتىۋەتمەكچى ئىكەنلىكىنى دېدى.

بىز ئۇنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېرىنى ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلارغا سېتىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ سوئالىمىزغا يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۇ باغلاردىن ئۇنۇم يارىتالمىغانلىقى ئۇچۇن، بۇ باغلارنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىش ئارقىلىق كەنتكە كىرىم قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز ئۇنىڭدىن تۇرپانيۇزى كەنتىنىڭ دېھقانلارنىڭ بۇ يېرىنى مەجبۇرىي سېتىۋالماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلارنى ئاڭلىغىنىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ نارازىلىق بىلەن، بىزنىڭ بۇ ئەھۋالنى قانداق ئىگىلىگەنلىكىمىزنى قايتىلاپ سورىدى، ئابدۇسەمەتنىڭ قارىشىچە، كەنتنىڭ دېھقانلاردىن بۇ يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىشى نورمال  ئىش  بولۇپ، كەنتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن بۇ باغلاردىن پايدىلىنىش ھەققى بار ئىكەن.

تۇرپانيۇزى يېزىسىدىكى يەنە بىر باغنىڭ ئىگىسى  يۈسۈپجاننىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، يۇسۇپجاننىڭ ئايالى ئۈمگۈلسۇم  يېزىلىق ھوكۇمەتنىڭ ئۇلارنىڭ شۇنچە جاپادا بىنا قىلغان باغلىرىنى تارتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان نارازىلىقىنى مۇنداق بايان قىلدى.

بىز تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى باغلارنىڭ ئىگىلىرىدىن بىرى بولغان پىشقەدەم دېھقان نۇرى ئاكىنىڭ ئۆزىدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۇچۇن، نۇرى ئاكىغا تېلېفون قىلدۇق... ئالتۇنلۇق تۆپىلىكىدىكى 200 مو يەرنى ئىگىلەيدىغان بۇ چوڭ باغنىڭ ئىگىسى نۇرى ئاكا، بۇ باغ ئۇچۇن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ياشلىقىنى، كۈچ -  قۇۋۋىتىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى، ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن ئەسلىدىكى تاشلاندۇق خارابى ھالەتتىكى باغنى رەتلەپ بۈگۈنكىدەك گۈزەل جەننەت ماكانىغا ئايلاندۇرغان جەريانىنى  مۇنداق بايان قىلدى.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنتنىڭ دېھقانلاردىن بۇ باغلارنى ئىنتايىن ئەرزان باھادا سېتىۋالماقچى بولغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن نۇرى ئاكا ئۆز نارازىلىقىنى مۇنداق بايان قىلدى.

نۇرى ئاكا ئۆزى ۋە ئايالىنىڭ مۇشۇ باغدا مېھنەت تەرىنى تۆكۈپ 6 بالىنى دۆلەت ئۈچۈن ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ تەربىيىلىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل يولسىزلىقىغا نىسبەتەن قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقسىزلىقنى سورايدىغان قانۇننىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلدى.

نۇرى ئاكا، ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرىنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفوننى ئامېرىكىدىن ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگىنىدە، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن مۇخبىرنى تۇرپانيۈزىنىڭ بۇ جەننەت ماكان گۈزەل باغلىرىنى چوقۇم كېلىپ كۆرۈپ كىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

نۇرى ئاكا ئۆز سۆزىدە، ئۆزىنىڭ زىيالىيلارغا، مۇخبىرلارغا تايىنىدىغانلىقىنى، پارتىيىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى. 100 يىل تاشلىنىپ قالغان بۇ تاشلاندۇق خارابىلىقنى  بۈگۈنكىدەك گۈزەل ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىدا ئەينى چاغدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى يولىگەنلىكىنى، قوللىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋە ئايالى خەلچەمنىڭ سوتسىيالىستىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجە يارىتىش يولىدىكى جاپالىرىنى مۇخبىرلارنىڭ ھەر ۋاقىت خەۋەر قىلىپ تۇرغانلىقىنى. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزىگە ئوخشاش دېھقانلارغا يار -  يۆلەكتە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نۇرى ئاكا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىمىزنى، بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىنى دەپ بېرىدىغانلىقىنى،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تولۇق بەت