ئىستانبۇلدا " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى" خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2008-02-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2008 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 1997 ‏- يىلى 5 ‏- فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

يىغىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئابلىكىمخان مەخسۇم، باش كاتىپ دوكتۇر ئالىمجان، قاتارلىق شەخسلەر نۆۋەت بىلەن " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" ھەققىدە سۆز قىلدى. دوكتۇر ئالىمجان " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ تارىختىن بىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ تەركىبى قىسىمى دەپ باھا بەردى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ خىتاي قۇراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيانە تۈردە قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى چىن قەلبىدىن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەخمەتجان " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" دىكى قەھرىمانلارغا ئاتاپ يېزىلغان شېئىرنى ئۈنلۈك ھالدا دېكلاماتسىيە قىلدى، ئاخىرىدا " 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" دە شاھىد قىلىنغان ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا دۇئا قىلىندى. (ئارسلان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت