خىتاي شىركەتلىرى غۇلجا ناھىيىسىگە يەرلەشمەكتە

غۇلجا ناھىيىسى ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەر غۇلجا ناھىيىسى بىلەن رايوندىكى كان بايلىقلىرىنى ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ شىركەتلەردىن"بېيجىڭ چىڭخۇا گۇرۇھى"، "خېنەن كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى" قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرى دەسلەپكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تاماملاپ، غۇلجا ناھىيىسىدە يەرلىشىشكە باشلىغان. بۈگۈن غۇلجا ناھىيىسىدىكى دېھقانلارمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، غۇلجا ناھىيىسىگە يەرلەشكەن"بېيجىڭ چىڭخۇا گۇرۇھى"نىڭ، دېھقانلاردىن سېتىۋالغان جايلاردا بۇلتۇر باشلىغان بىر قىسىم قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن شىركەتلەرنىڭ غۇلجا ناھىيىسى تەۋەسىدە قۇرۇلۇۋاتقان چوڭ سانائەت تۈرلىرى 19 تۈرگە يېتىپ، ئۇلارنىڭ ناھىيىدىكى قۇرۇلۇشلار ئۈچۈن سالغان ئومۇمىي مەبلىغى، 2010 - يىلى 7 - ئايغا كەلگەندە 50 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەردىن، بۇلتۇر ناھىيىگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان "بېيجىڭ چىڭخۇا گۇرۇھى"، "خېنەن كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى" قاتارلىق شىركەتلەر نۆۋەتتە بۇلتۇر ناھىيە تەۋەسىدە باشلىغان ئايلانما ئىقتىساد سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشلىرىنى تاماملىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا ناھىيىسىدە، ھازىرغىچە 1 - باسقۇچتىكى 5.6 كۋادرات كىلومېتىرلىق سانائەت رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، 80 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق ئىشخانا، تۇرمۇش، پەن تەتقىقات بىنالىرى پۈتۈپ، ئاساسلىق ئۈسكۈنىلەرمۇ زاكاز قىلىنغان.

تۇرپانيۈزى يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،"بېيجىڭ چىڭخۇا گۇرۇھى"نىڭ غۇلجا ناھىيىسى تۇرپانيۈزى يېزىسى تەۋەسىدە بۇلتۇر قۇرۇلۇش باشلىغان ساياھەت مەركىزى، يۇقىرى تۇرپانيۈزى كەنتىگەسېلىۋاتقان 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا بىناسىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش ئىشلىرى تاماملىنىپ، ھازىر ئىشقا كىرىشىش ئالدىدا ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ناھىيە تەۋەسىدىكى كان بايلىقلىرىدىن ئەسلىدىكى كۆمۈر زاپىسىغا مەبلەغ سالغاندىن باشقا يەنە، ناھىيە تەۋەسىدىكى 11 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىرلىق كۆمۈر گازى زاپىسى، 600 مىڭ توننىلىق كۆمۈر كوكس مېيىنى ھىدروگېنلاش تۈرى، 50 توننا ئالتۇن زاپىسى، 2 مىليون توننىلىق كۆمۈر كۈلىدىن سېمونت ياساش تۈرى ۋە بىرىكمە ئاممىياك، ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئىلى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ 900 مىڭ توننىلىق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانى تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرى قاتارلىقلارغىمۇ مەبلەغ سالغان.

بۇ شىركەتلەرگە سېتىلىپ بەرگەن يەرلەر ئاساسلىقى دىھقان، چارۋىچىلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ھەم يايلاقلىرى بولۇپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بۇلتۇردىن باشلاپ، غۇلجا ناھىيىسى تەۋەسىدە ئەسلىدىكى پىلىچى خاڭنى مەركەز قىلغان ھالدا، رايوندا چارۋا بېقىۋاتقان چارۋىچىلارنى ۋە بىنەمدە بۇغداي تېرىۋاتقان دېھقانلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈشكە باشلىغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشى بىزگە قارىياغاچ يېزىسىدىكى ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلغان دېھقان،چارۋىچىلارنىڭ ھازىر باشقا جايلارغا سېلىنغان ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق ناھىيىلىك كۆمۈر كاندا يەنىلا يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئىشچىلار ئىشلىمەكتە ئىكەن. كان تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ناھىيىگە قاراشلىق ئەسلىدىكى ئۈستى ئوچۇق كان پىلىچى خاڭدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار يەنىلا ئىلگىرى مۇشۇ ئەتراپتىكى يېزىلاردىن قوبۇل قىلىنغان كونا كان ئىشچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر، قازاق ھەم تۇڭگانلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك پۇقرالار ئىكەن.

غۇلجا ناھىيىسىدە، ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پىلانى ھەم يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يېڭىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىشقا ئېلىش مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە دائىرىلەر ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشالماي بارغانچە نامراتلىشىشى، شۇنداقلا يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان رايوندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىنىپ يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرى مەسىلىسى قاتارلىقلار يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى. شۇڭا بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زادى قانچىلىك خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۆتكەپ كېلىنىش مەسىلىسى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكى دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلاردىن بولۇپ تۇرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت