گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە مەھمۇت قەشقىرى يىلى ۋە نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى

2008-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Girmaniye-Noruz-200.jpg
فرانكفورتتىكى نورۇز پائالىيىتىدە نومۇر ئورۇنداۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرى. http://karakuyash.blogspot.com/

ئۇيغۇرلاردا نورۇز 21 - مارت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدە تەبرىكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە 22 - مارت ئېلىپ بېرىلغان نورۇز تەبرىكلەش پائالىيىتى، يەككە ھالدا نورۇز بايرىمىنىلا تەبرىكلەش بولۇپ قالماستىن، بەلكى بۇ ئالاھىدە كۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2008 - يىلىدا دۇنياۋى خاتىرىلىنىدىغان شەخس قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن ئۆزگىچە مەزمۇنغا ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنغان.

كۈرەش ئاتاخان :" بىرەر ئۇيغۇر تەشكىلاتى مەخمۇت قەشقىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تەبرىكلەش مۇراسىمى ئېلىپ بارمىدى"

مەزكۇر پائالىيەت گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بىر قىسىم تۇرك ۋە گېرمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان.

شەرقى تۈركىستان بىرلىك تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان مەخمۇت قەشقىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2008 - يىلىدا خاتىرىلىنىدىغان شەخس قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك مۇھىم ۋەقە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ئىچى ‏ - سىرتىدا ھەر خىل شەكىلدە تەبرىكلىنىشى لازىملىقىنى، ئەمما ھازىرغا كەلگىچە بىرەر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ بۇ خەيرلىك ئىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەبرىكلەش مۇراسىمى ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ نۆۋەتلىك نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى مەخمۇت قەشقىرى ئۈچۈن بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەبرىكلەش پائالىيىتى يەنە، ئانىلارغا ۋە بالىلارغا بېغىشلانغان

كۈرەش ئاتاخان يەنە، بۇ نۆۋەتلىك نورۇز تەبرىكلەش پائالىيىتى يەنە ئانىلارغا ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان بالىلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر سىياسىي كۈرەشلىرىنى تېخىمۇ غەلىبىلىك داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىم - ھۆكۈمالىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، مىللىي مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش، ئۇيغۇرچە تائام، ئۇيغۇرچە ئۆرپ - ئادەتنى مۇشۇنداق سورۇنلارنىمۇ قولدىن بەرمەي نامايان قىلىپ ئەۋلادلارغا ئەنئەنە تەربىيىسى، مىللىي كىملىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

"مەخمۇت قەشقىرى دېگەن بۇ نام ئۇيغۇر تارىخى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ"

كۈرەش ئاتاخان يەنە، مەخمۇت قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە توختىلىپ: "مەخمۇت قەشقىرى دېگەن بۇ نام ئۇيغۇر تارىخى، ئەدەبىياتى دۆلەت باشقۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ" دېدى.

مەزكۇر پائالىيەت داۋامىدا پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى مەشھۇر شەخسلىرى ۋە ھازىرقى سىياسىي ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىلگەن ھەمدە مۇشۇ ئاساستا سوئال تەييارلىنىپ بالىلار ئارىسىدا زېھىن سىناش ئېلىپ بېرىلغان.

ئاخىرىدا زېھىن سىناشقا قاتناشقان بالىلارنىڭ ھەممىسىگە ھەر خىل شەكىلدىكى خاتىرە بۇيۇملىرى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇكاپات بۇيۇملىرىنى شىۋىتىسىيىدىن گېرمانىيىگە مەخسۇس ئۇشبۇ مۇراسىم ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى تارقىتىپ بەرگەن.

نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇپ ئۆتۈپ پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنى ھاياجانغا سالغان. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت